خەلقنىڭ خىزمەتكارى (تېلۋىزىيە تىياتىرى)

خەلقنىڭ خىزمەتكارى (ئۇكرائىناچە: Слуга народу؛ ئېنگلىزچە: Servant of the People) ئۇكرائىنا پرەزىدېنتى ۋولودېمىر زېلېنىسكىي باش رول ئالغان ئۇكرائىنا سىياسى سەھنىسى، پارخورلۇق، ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى مەركەزلىك ھالدا يورۇتۇپ بېرىدىغان كومىدىيەلىك تېلۋىزىيە تىياتىرى. 2022-يىلدىكى روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋۇزدىن كېىن بۇ تېلۋىزىيە تىياتىرى قايتىدىن ئالقىشقا ئېرىشىپ نەتفلىكىستە قايتىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى.

خەلقنىڭ خىزمەتكارى

Servant of the People

ۋولودىمىر زېلېنسكىي (باش رولچى)
ژانىرى سىياسى ساتىرا

كومىدىيە

ئىجادىيەتچىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي
رولدا
  • ۋولودىمىر زېلېنسكىي
  • Stanislav Boklan
  • Olena Kravets
  • Jury Krapov
  • Mykhailo Fatalov
  • Oleksandr Pikalov
  • Eugene Koshovyi
  • Viktor Saraykin
  • Natalia Sumska
  • Kateryna Kisten
باش تېما مۇزىكا

كومپوزىتورى

Dmytro Shurov

دىمىترىي شۇروۋ

كومپوزىتور
  • Andriy Kiryuschenko
ئانا يۇرتى ئۇكرائىنا
ئەسلى تىلى رۇسچە، ئۇكرائىناچە
بۆلۈم سانى 3
قىسىم سانى 51
فىلىم ئىشلەش
ئىجرائىيە فىلىم

ئىشلىگۈچى

  • ۋولودىمىر زېلېنسكىي
فىلىم ئىشلىگۈچى
  • ۋولودىمىر زېلېنسكىي
  • Andriy Yakovlev
  • Boris Schefir
  • Olexiy Kiryushenko
سۈرەتكە ئېلىنغان

جاي

ئۇكرائىنا، كىيىۋ
ۋاقىت ئۇزۇنلىقى 40—90 مىنۇت
فىلىم ئىشلىگەن

شىركەت

  • Kvartal 95
فىلىم

تارقاتقۇچىسى

قويۇلۇش
ئەسلى تور

سۇپىسى

1+1
سىن فورماتى 1080i (16:9 HDTV)
تۇنجى

قويۇلۇشى

2015-يىلى 16 نويابىردىن -

2019-يىلى 28 مارتقىچە

ھەققىدە تەھرىرلەش

بىر ئاددى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى (ۋولودىمىر زېلېنسكىي رولىدا) بىر يوشۇرۇنچە تارتىلغان كىلىپ (قىسقا ۋىدئيو) سەۋەبلىك تۇيۇقسىز تور چولپىنى بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇكرائىنا پرەزىدېنتلىك سايلىمىغا تىزىملىتىپ قويۇپ ئويلىمىغان يەردىن ئۇتۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇكرائىنانىڭ پرەزىدېنتى بولىدۇ. بۇ تېلۋىزىيە تىياتىرى دەل مۇشۇ يەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ يېڭى ساددا پرەزىدېنتنىڭ ھىيلىگەر ۋە رەزىل ئولىگارخ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن قىلغان بىر قاتار كۈرەشلىرى كومىدىيەلىك تۈستە بايان قىلىندۇ.