Open main menu

دەۋرىمىزنىڭ تۈھپىكار ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، پېشقەدەم مائارىپچى، شىجائەتلىك تەرجىمان خەمىت تۈمۈر ئەپەندى 1931-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدىقۇت تېغى ئېتىكىدىكى قارىغۇجا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تامچى ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئۈرۈمچى، بارىكۈل قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئۈلكىلىك تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1949-يىلى 10-ئايدىن 1950-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان ۋە كېيىن يەرلىككە ئالمىشىپ، 1950-يىلى 5-ئايدىن 1951-يىلى 5-ئايغىچە كۇچا ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1951-يىلى 5-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئۈلكىلىك كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا بۇ مەكتەپنىڭ كادىرلىقىغا بەلگىلىنىپ، 1954-يىلى 11-ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا يولداش خەمىت تۈمۈر بىر تەرەپتىن مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ ئۈزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. 1954-يىلى 11-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)غا يۈتكىلىپ بېرىپ تاكى 1992-يىلى 4-ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن. ئۇستاز خەمىت تۈمۈر سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىكى 38 يىللىق ئالىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە بۈسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم بۇ ئارقىلىق يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زور تۈھپە قوشتى. خەمىت تۈمۈر ئەپەندى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا 1979-يىلغىچە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە كافېدرا مۇدىرى، 1979-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1984-يىلىدىن 1990-يىلى9-ئايغىچە ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1992-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۈتكىلىپ كەلدى ۋە تاكى 1997-يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەتقىقات بۈلۈمىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى.

ئۇ قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۈتتى ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلىدى، چەت ئەللىك بىلىم ئاشۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. بولۇپمۇ، ئىنستىتۇتنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە قازاق تىل-ئەدەبىياتى كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە دەرس تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۈزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، بۇ كەسىپلەرنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ھازىر بۇ ئىككى كەسىپ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئاساسىي كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەپلا قالماستىن، بەلكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارنىمۇ يېتىشتۈرەلەيدىغان كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندى.

ئۇ ئۈزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، كەسپداشلىرىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس ۋە پىكىرلىرىگە ئاساسەن قايتا-قايتا تولۇقلىدى ھەمدە «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتېگورىيەسى توغرىسىدا» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق دۈلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە نۇقتىلىق زھۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلىغان ئاساستا، 1987-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» ناملىق 528 بەتلىك مەخسۇس ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بويىچە بىر قاتار يېڭى كۈز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كىتاب دۈلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. سابىق قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور خوجائەخمەت سەيدىۋاقاسوف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىلشۇناس، ئالىملار خەمىت تۈمۈرگە خەت يېزىپ بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى. قازاقىستان دۈلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەمىت تۈمۈرنى ئالمۇتادا زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسىپداشلار بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە لېكسىيە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. خەمىت تۈمۈر شۇئار مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۈتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە «1997-يىلى نەشر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»نى تۈزۈشكە مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى سۈپىتىدە قاتانشتى.

خەمىت تۈمۈر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى، بولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۈزلۈكىدىن ئۈگىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تۇنجى بولۇپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلدى ۋە «چاغاتاي تىلى» (ئابدۇرەئوپ پولات بىلەن بىرلىكتە) ناملىق دەرسلىكنى نەشر قىلدۇردى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە بۇ ساھەدە تۇنجى بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەر دۈلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خەمىت تۈمۈر يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇ»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ترانسكرېپسىيە، تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ يەنە 1990-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى رەسىملىك تونۇشتۇرۇش» دېگەن كىتابنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشتى ۋە كىتابنىڭ «چاغاتاي يېزىقى» قىسمىنى ئىشلەپ بەردى. ئۇنىڭ تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان «بىزنىڭ چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا بىرىنجى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان چاغاتاي تىلىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «بابۇرنامە» ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لى شياڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە «پارس تىلىدىن ئاسا» ناملىق ھەم دەرسلىك، ھەم لۇغەت رولىنى ئوينايدىغان كاتتا ئەسەرنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى .

خەمىت تۈمۈرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ 50-، 60-يىللاردا كۈپ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى. ماۋدۈن، جاۋ شۇلى، لۇ ۋېنخۇئا قاتارلىق خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ «ئوغۇل يىغىنغا قاتناشتى»، «نورما»، «تار كوچىدا»، «تەرەپنىڭ ۋەكىلى» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى ۋە شاڭخەي كىنو سىتۇدىيەسىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «دۇڭ سۇنرۈي»، «سۇلۇق يېزىدا باھار»، «ئانا»، «يايلاقتىكى باتۇر قۇش» قاتارلىق بىر مۇنچە فىلىملەرنىڭ سېنارىيىلىرىنى تەرجىمە قىلدى. 1978-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇزىكا تەتقىقات ئورنى توپلاپ نەشر قىلغان «شىنجاڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرى»نىڭ تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى (خۇ جىڭخۇئا بىلەن). 1979-يىلى تېيىپچان ئۈلىيۇف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق شائىر ۋە تەرجىمانلار بىلەن بىرلىكتە «تيەنئەنمىن شېئىرلىرى» نىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىگە قاتناشتى. 1978-يىلى باجىننىڭ «ئاىلە» رومانىنى، 1983-يىلى دۇنياۋى مەشھۇر رومان «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

خەمىت تۈمۈر 1979-يىلى دوتسېنتلىققا باھالىنىپ، 1986-يىلى پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلدى؛ 1959-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدى؛ 1977-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 11-نۈۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى؛ 1981-يىلدىن ھازىرغىچە ئۇدا تۈت قارار گوۋۇيۈئەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى پەنلەر بويىچە باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخىي ماتېرىياللار تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1980-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىرلىقىغا، جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىللىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، دۈلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئىلىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مىللىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى ياكى تەكلىپ قىلىندى؛ 1983-يىلى جۇڭگو تىل ئىلمىي جەمئىيىتىگە قاتناشتى؛ 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورلۇقىغا، 1994-يىلى شىنجاڭ پ ئې داگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىلللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىق نۇقتىسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا؛ 1995-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ تەقدىرلەندى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ گوۋۇيۈئەننىڭ تۈھپىكار مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم مائاشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى.

بىز ئۈزىنى بىر ئۈمۈر مىللىتىمىز پەن-مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان تىل-يېزىق ۋە تەرجىمە ساھەسىگە بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە بۇ ساھەنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان بۇ تىرىشچان، كەمتەر، ئىلىمدا ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل ئۇستاز خەمىت تۈمۈر كېسەل سەۋەبىدىن 2006- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۈتتى . مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ! )

(ئاپتورى: ئا. ت. مۇراد «تىل ۋە تەرجىمە » زھۇرنىلى 2003-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىنىپ، ئازراق ئۈزگەرتىلدى )