خەنجەر چىشلىق يولۋاس

خەنجەر چىشلىق يولۋاس مۆشۇك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تەرەققى قىلغان بىر تارمىقى بولۇپ،يېڭىلىنىش دەۋرىدە پەيدا بولغان يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3-1.5مىليون يىللار بۇرۇن پەيدا بولۇپ ،يەرشارىدا ياشاپ نەسلى قۇرۇغان .بۇ يولۋاس تۈرى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تەخمىنەن 3مىليون يىل بىللە يەرشارىدا ياشىغان .بۇ خىل يولۋاسنىڭ بىر جۈپ چوڭ بولغان قوزۇق چىشى بولۇپ،پۇتى بىرئاز قىسقا.ھايۋاناتلار دۇنياسىدا پىلدىن باشقا بۇنداق زور چىشى بولغان ھايۋانلار تېخى پەيدا بولمىغان.پىلنىڭ چىشىمۇ خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ چىشىغا ئوخشاش قوزۇق چىش بولماستىن بەلكى ئۇتتۇر چىشتۇر.

خەنجەر چىشلىق يولۋاس ياۋروپا،ئاسىيا،ئامېرىكا قىتئەلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ،ئەڭ مۇكەممەل تاش قاتمىسى ئامېرىكادىن تېپىلغان.1875-يىلى خەنجەر چىشلىق يولۋاسىنىڭ تۇنجى تاش قاتمىسى تېپىلغان بولۇپ،تېپىلغان مۇناسىۋەتلىك تاشقاتمىلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق قۇرامىغا يەتكەن يولۋاس تىنى 1.8مېتىر ئۇزۇنلۇقتا،ئېغىرلىقى500-800كېلوگىرام كىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.بۇ يولۋاس ئومۇرۇتقۇلۇق ھايۋانلار تۈرىنىڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى گۆشخور ھايۋانلار تۈرىگە كىرىدۇ.توپلىشىپ ياشايدۇ(ھازىرقى يولۋاسلار بولسا ئايرىم ھەركەت قىلىدۇ)

بۇ خىل يولۋاسنىڭ قوزۇق چىشى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ،شۇڭا خەنجەر چىشلىق يولۋاس دەپ ئاتالغان.ئەڭ چوڭ چىشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20سانتېمىتىر كىلىدۇ.ئاغزىنى90گىرادۇس ئاچالايدۇ.

بۇندىن 3مىليون500مىڭ يىللار ئىلگىرى خەنجەر چىشلىق يولۋاس يەرشارىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ،كىيىنكى تۈرلىرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن1مىليون500مىڭ يىللار بۇرۇنغىچە ياشىغان.شەكلى ھازىرقى يولۋاسلار بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ.ئەمما قوزۇق چىشى ناھايتى چوڭ.قوزۇق چىش گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلايدىغان قۇرالى بولۇپ،نورمال ئەھۋالدا ئاستىنقى ۋە ئۈستىنكى قوزۇق چىشى تەڭ تەرەققى قىلىدۇ.ئەمما خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ئاستىنقى قوزۇق چىشى رودمىتلىشىپ ئۈستىنكىسى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان.بۇ ئېھتىمال پىلغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى ،تىرىسى قېلىن ھايۋانلارنى ئوۋلاش سەۋەبىدىن بولىشى مومكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يولۋاسنىڭ باش سۆڭىكى ۋە باش مۇسكۇللىرىمۇ تەرەققى قىلغان بولۇپ،جاۋغىيىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە چوڭ ئېچىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان.لىكىن باشقا نوقتىدىن ئالغاندا بۇ يولۋاسنىڭ ئۇزۇن چىشى ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ،يەنى يەرشارىدىكى بۇ يولۋاسنىڭ ئوزۇقلىقى بولغان چوڭ تىپتىكى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ يوقۇلىشى تەدرىجى ھالدا بۇ خىل ھايۋانىنىڭ يوقىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ خىل يولۋاسنىڭ يوقۇلىشىدا ئادەملەرنىڭمۇ ھەسسى بار .يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يولۋاسنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەرشارىنىڭ تېمپۇراتۇرسى ھازىرقىدىن 5-10گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولۇپ ،ئۇ ۋاقىتتىكى باشقا ئوتخور ھايۋانلارنىڭ تېرىسى قېلىن،گەۋدسى چوڭ ،سوغۇققا ئاھايتى چداملىق ئىدى ،ئەمما گەۋدىسى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن كالامپاي ئىدى.شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ئۇزۇقلىقى مول بولغان.مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،تېمپۇراتۇرا ئۆرلىگەن .نەتىجىدە خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تېرىسى قىلىن،سوغۇققا چىداملىق ئاشۇ ھايۋانلار تېمپۇراتۇرا ئۆزگىرشىگە ماسلىشالماي شىمالى ۋە جەنۇبى قۇتۇپ تەرەپكە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان .ئەمما ئۇ تەرەپلەردە ئۇ ئۇتخور ھايۋانلارغا يىتەرلىك بولغان يايلاق ۋە ئوت_چۆپلەر يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاچارچىلقتا يەرشارىدىن يوقالغان.شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئوزۇقلۇق مەنبەسىدىن ئايرىلغان .ئات،بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ،ئەمما تىنى دىنازاۋۇرنىڭكىگە ئوخشاش بەدىنى موقۇملىشىپ بولغان.سۈرئىتى ئۇنچە تىز ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوقيا قاتارلىق ئوۋچىلىق قۇراللىرىنى كەشىپ قىلىپ باشقا ھايۋانلارنى ھەتتاكى خەنجەر چىشلىق يولۋاسلارنى تۇتقان .شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ياشاشقا تېخىمۇ ئامالى بولمىغان ھەمدە نەسلى قۇرۇپ يەر يۈزىدىن تامامەن يوقالغان.

ئەمما ھازىر يەرشارىدا مۆشۈك ئائىلىسىدىكى باشقا يولۋاس،شىر قاتارلىق ھايۋانلار بارغۇ،ئۇلارنىڭ نەسلى نىمە ئۈچۈن قۇرۇمىغان دەپ سورىشىڭىز مومكىن.ئەينى ۋاقىتتا خەنجەر چىشلىق يولۋاس مۆشۇك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ <ئاكىسى>بولۇپ،باشقىلار بولسا كىچىك تىپتىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.سۇ ئۈزۈش،دەرخكە يامىشش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن ياشىغان .نەتىجىدە چوڭ تىپتىكى ھايۋانلار يوقالغاندىن كىيىن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ياشىشى قىيىنلاشقان .ئەمما باشقىللىرى بولسا گەرچە تەرەققى قىلغان قوزۇق چىشلىرى بولمىسىمۇ ،ئەمما بەدىنى خەنجەر چىشلىق يولۋاقا قارىغاندا چوڭ .سۈرئىتى تىز، ...،قاتارلىق ئەۋزەللكىككە ئىگە بولغان .يەرشارىدا چوڭ تىپتىكى ،تېرىسى قېلىن ئۇنداق ھايۋانلار يوقالغان تۇرسا ،ئۇنداق چوڭ چىشنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى بولسۇن؟