داۋۇد ئەلەيھىسسالام

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى داۋۇد (ئەرەبچە: داود، ئىبرانىيچە: דוד، ئىنگ، فر، گرمان: David)، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان 25 پەيغەمبەردىن بىرى. بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىسرائىل قراللىقىنىڭ ئۈچىنچى قرالى (تەخمىنەن م.ب 1000 - م.ب 962) ۋە قۇددۇس شەھرىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر. تاناھ ۋە قۇرئاندا نەبى (پەيغەمبەر) ئولاراق زىكىر قىلىنماقتا. خرىستىيانلارغا كۆرە ھەزرىتى ئىسانىڭ كونا ئەھدتىكى بىشارەتلىرىدىن بىرىدۇر (ئىنگ: prefiguration).

يەھۇدىيلەرچە تاناھ دەپ ئاتالغان مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇرلار قىسمى ئىسلامدا زەبۇر دەپ ئاتالغان 150 شىئېردىن تەركىب تاپقان بۆلۈمى يەھىۇديلەرچە ھەزرىتى داۋۇد تەرىپىدىن يېزىلغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ شىئېرلەر مۇسەۋىيلەر ياكى خرىستىيانلار تەرىپىدىن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇلىدىغان دىنىي مەتىنلەرددىندۇر. قۇرئانغا كۆرە زەبۇر، داۋۇد پەيغەمبەرگە ئاللاھ تەرىپدىن نازىل قىلىنغان 4 ساماۋىي كىتابنىڭ بىرىدۇر.

قۇرئاندا ھەزرىتى داۋۇد تەھرىرلەش

ھەزرىتى داۋۇد ئە،س نىڭ ئىسمى 16 يەردە زىكىر قىلىنغان. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھەزرىتى داۋۇدقا پادىشاھلىق ۋە ئالىملىق بەرگەنلىكى، داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا تۆمۈر تاۋلاش سەنئىتىنى بەخش قىلىپ ئۇندىن بەدىنىنى قوغدىغۇچى ساۋۇت ياساش قابىلىيىتىنى بەرگەنلىكى، داۋۇدنىڭ تالۇت (سائۇل) بىلەن قىلغان بىر ئۇرۇشتا كۈچلۈك بىر دېۋ بولمىش جالۇتنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ بەئزى پەيغەمبەرلەرنى باشقىلىرىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە داۋۇدقا زەبۇرنى بەرگەنلىكى، ئۇنى ۋە ئەۋلادىدىن دۇنياغا ھاكىم قىلغانلىقى، داۋۇدنىڭ قويلار يۈزىسىدىن ئىختىلاڧقا تۈشكەن ئىككى بۇرادەرنىڭ داۋاسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت ھەققىدە دۇچ كەلگەن باش قېتىنچىلىقتىن قۇتقازغانلىقى، تاشلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ داۋۇد ئە.س ۋە سۇلايماننى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. قۇرئاندا قرال شائۇلنىڭ ئىسمى تالۇت دەپ زىكىر قىلىنىدۇ.
ئىسلام ئەنئەنىسىدە داۋۇد ئە.س نىڭ ئاۋازى نھايەتتە گۈزەلدۇر. "داۋۇدى خۇشئاۋاز" تەرىڧى بۇنىڭدىن كەلمەكتە. شۇنداقلا بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر تۇتماسلىققىمۇ "داۋۇد روزىسى" دېيىلىدۇ. ئاللا تەرىپدىن ئەڭ سۆيۈملىۈك روزىنىڭ داۋۇد روزىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.