نۇھ ئەلەيھىسسالام
ئىسلام |
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر |
نۇھ پەيغەمبەر (ئەرەبچە: نوح، ئىبرانىيچە: נוֹחַ ياكى נֹחַ; Noah ياكى Noaχ) ئىبراھىمىي دىنلەردە ۋە ماندائىزىمدە تىلغا ئېلىنىدىغان توپان پەيغەمبەرىدۇر. تەۋراتتا نۇھنىڭ 950 يىل ياشىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. قۇرئاندا بولسا قانچە يىل ئۆمۈر سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن، ئەمما نۇھ پەيغەمبەرنىڭ 950 يىل قەۋمى ئارىسىدا ياشىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ''ئۇمۇ 50 يىل كەم مىڭ يىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىدى (سۇرە ئەنكەبۇت: 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئىنسانىيەتنىڭ 2- ئاتاسى دەپ قارىلىدۇ.
نۇھ ئەڧسانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
تەھرىرلەشتەۋرات ۋە قۇرئاندىكى ھەزرىتى نۇھنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەر بابىل ۋە سومېرلارنىڭ توپان قىسسىلىرى (گىلگامىش داستانى) دىكى زىۇسۇدرا& ئۇتناپىشتىم خاراكتېرلىرى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مىسسوپوتامىيەدە ئاۋامغا چوڭقۇر تەئسىر قىلغان بىر سەل پالاكىتى ئۈستىگە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خەلقنىڭ مىڭىسىگە ئورناشقان داستانلارنىڭ ئىبرانىلەرنىڭ بابىل سۈرگۈنى قايتىشىدا يېزىلغان تەۋرات نۇسخىلىرىدا بايان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
نۇھنىڭ نەسەبى
تەھرىرلەشتەۋراتقا كۆرە ھەزرىتى نۇھىنىڭ نەسەبى
ئادەم - شىس - ئەنوش - كەنئان - ماھالالەل - يارەد - ئەنوھ - مەتۇسەلاھ - لامەھ - نۇھ - ھام، سام، ياڧەس
ئوغۇللىرى ۋە ئاساسىي ئىرىقلار:
تەكۋىنغە كۆرە نۇھنىڭ 3 ئوغلى باردۇر ۋە ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئىرقنىڭ ئاتىسىدۇر.
- سام، سامىي ئىرقىنىڭ ئاتىسى
- ئوغۇللارى: ئېلام، ئاسشۇر (ئاسۇر)، ئەرڧاقشاد، لۇد ۋە ئارام
- ھام، ھامىي ئىرقىنىڭ ئاتاسى
- ئوغۇللارى: جۇش، مىزرائىم، ڧۇت ۋە كەنئان
- ياڧەس، ياڧەس ئىرقىنىڭ ئاتاسى
- ئوغۇللارى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس
ئىسلامدا نۇھ پەيغەمبەر
تەھرىرلەشئىسلام ئەنئەنىلەرىدە ھەزرىتى نۇھ بىلەن ھەزرىتى ئىبراھىم ئوتتۇرسىدا 950 يىل پەرق باردۇر دەپ قارىلىدۇ. قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇئمىنۇن سۇرەسى، ئەنكەبۇت سۇرەسى 14. ئايەت ۋە نۇھ سۇرىسىدە ئوخشاشىپ كېتىدىغان ئىپادىلەر قوللىنىلغان.