ياخشىلار باغچىسى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى زىيازۇسسالىھىن)

ياخشىلار باغچىسى (رياض الصالحين من كلام سيد المرسلين)؛ ھەدىس ئالىمى ۋە فەقىھ ئىمام مۇھيىددىن نەۋەۋىي تەرىپىدىن بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ئالاقىدار ئەقىدە، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە ئايەت ۋە ھەدىسلەر توپلانغان ئەسەردۇر.

ھ. 670 / م. 1272 - يىلى تاماملانغان ئەسەر 19 بۆلۈم، 372 باب ۋە 1905 ھەدىستىن مەيدانغا كەلگەن.

ئىمام نەۋەۋىي بەزىدە ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ كەلتۈرگەن، بەزى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن، بەزى راۋىيلارنىڭ ئىسم - كۇنيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ۋە بەزى ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان.

ئەسەرنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 2005 - يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، 372 باب، 1896 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قىممەتلىك ئەسەر ھەدىس شەرىفلەرنىڭ سۈزمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن يېزىلغان بولغاچقا، ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان ۋە ھەر ئۆيدە بىردىن ساقلىنىپ ئوقۇلغان پايدىلىق كىتابلارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ.







مەنبەلەر تەھرىرلەش