ساختا خەۋەر ئادەتتە مەلۇم بىر شەخىس ياكى تەشكىلاتنىڭ نام ئوبرويىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، مەلۇپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەلۇم بىر خىل ئىدىلوگيە ياكى ئىدىيەنى باشقىلارغا ئىشەندۈرۈش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، ۋە باشقا مەقسەتلەردە، ساختا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، يالغان، كىشلەرنى ئالدايدىغان خەۋەرلەردۇر. ساختا خەۋەرنى شەخسى تاراتقۇلار، ئۆز تاراتقۇلار، كەسپىي تاراتقۇلار، دۆلەت تاراتقۇلىرى، ۋە باشقا تىپتىكى تاراتقۇلارمۇ ئىجاد قىلىشى، تارقىتىشى مۇمكىن. تور تېخنىكىسنىڭ تەرەقىياتىغان ئەگىشىپ ساختا خەۋەر ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ تەنەرخى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، ئەنئەنۋى (گېزىت، ژۇرنال، كىتاپ) ۋە زامانىۋى تاراتقۇلاردا (تور، ئىجتىمائى تاراتقۇلار،بىلوگ، ۋىلوگ) كەڭ تارقالماقتا. ئا ق ش جۇمھۇر رەئىسى دونالد ترامپ "ساختا خەۋەر" دېگەن ئاتالغۇنى ئۇمۇملاشتۇرغان بىرىنچى شەخسىتۇر. روسىيەنىڭ "بۈگۈنكى روسىيە" تېلۋىزىيە ئىستانسى دەل دۆلەت قوللىغان ساختا خەۋەر تارقىتىش ماشىنىسدۇر. بەزى شىركەتلەر مەخسۇس ساختا خەۋەر تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كىرىم قىلىدۇ. تىۋىتتېر، فەيىسبۇك، ئۈندىدار، يوتىيۇب، ۋە باشقا ئىجتىمائى تاراتقۇ ئەپلىرى ساختا خەۋەر ئەڭ كەڭ تارقىلدىغان سۇپىلاردۇر.

يالغان خەۋەر (يەنى فېيك نىيۇۋىس) دېگەن خەت
دونالد ترامپ فىلورىدا شىتاتىدا