سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (, AI ياكى artificial intelligence) دېگىنىمىز ماشىنا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى دوراشنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ كونكېرت قىلىپ چۈشەندۈرسەك، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل كومپىيۇتېر سېستىمىسىدۇر. بۇ سېستىما ئۆگىنىش (ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە قوللىنىش قائىدىسى)، يەكۈن-خۇلاسە چىقىرىش(بار بولغان قائىدىنى قوللىنىپ ھۆكۈم-يەكۈن چىقىرىش) ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئوڭشاشنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

سۈنئى ئىدىراك

نام ئاتىلىشى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە: سۈنئى ئىدىراك

خەنچە: 人工智能

ئېنگىلىزچە: Artificial intelligence

تارىخى مۇساپىسى تەھرىرلەش

1943-يىلى تەھرىرلەش

تۇرىڭ سىنىقى

ئالان ماتىسون تۇرىڭ «تۇرىڭ سىنىقى»نى كەشىپ قىلدى. ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارغا مۇنداق دەپ ئېنىقلىما بەردى: ناۋادا بىر ماشىنا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشەلىسە، شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماشىنىلىق سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ماشىنا دەل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىغا تەۋە بولىدۇ. كېيىن گرېگ ۋولتېر تۇنجى تۈركۈمدىكى ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ چىقتى.

1950-يىلى تەھرىرلەش

I, Robot

«I, Robot» ئامېرىكلىق يازغۇچى ئىساك ئاسىموۋ 1950-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ئىلمى فانتازىيىلىك ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ئىسمى، بۇ كىتابتىكى قىسقا ھېكايىلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولسىمۇ بىراق ئورتاق باش تېمىغا ئىگە، يەنى ئىنسانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاق مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.

1956-يىلى تەھرىرلەش

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»

جون مېككارسىي ئامېرىكىدىكى دارتموس كومپىيۇتېر چوڭ يىغىنىدا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» دېگەن بۇ سۆزنى ئىجاد قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا «يۇقىرىدىن تۆۋەنگە» (top-down) ناملىق ئانالىتىك ھېسابلاش ئۇسۇلى بىر مەھەل ئەۋج ئالغان ئىدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا بۇ ئانالىتىك ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىنسانلار ئالدىن يېزىپ قويغان كومپىيۇتېر پىروگراممىسى بولۇپ، ماشىنا ئىنسانلارنىڭ پىلانى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەقلىدى پەرق ئېتىدۇ.

1968-يىلى تەھرىرلەش

2001-يىلىدىكى ئالەم بوشلۇقى سەيلىسى

ماسساچۇستېس سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەجرىبىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مارۋېن مىنىسكىي ئامېرىكىلىق رېژىسىسور سىتەنلىي كۇبرىكقا «2001-يىلىدىكى ئالەم بوشلۇقى سەيلىسى»ناملىق كىنوغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم HAL9000 نىڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

1969-يىلى تەھرىرلەش

Shakey ماشىنا ئادىمى

ئامېرىكا سىتانفورد خەلقئارالىق تەتقىقات ئورنى (SRI) يۆتكىلىشچان ماشىنا ئادەم Shakey نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ تۇنجى بولۇپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىلمى قوللىنىلغان يۆتكىلىشىچان ماشىنا ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىدراك قىلالايدۇ، مۇھىتقا ئاساسەن مودۇل قۇرالايدۇ، ھەرىكىتىنى پىلانلىيالايدۇ ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدۇ(مەسىلەن ياغاچ ساندۇقنى ئىزدەپ تاپالايدۇ ۋە ئۇنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئىتتىرىپ ئاپىرالايدۇ).

1973-يىلى تەھرىرلەش

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ قەھرىتانى»

 
سۈنئىي ئىدىراك مەھسۇلاتى خىيالى (سۈنئىي مىڭە تورىغا ئۇرۇنلاشتۇرلغان ئۈزەك)

داڭلىق ماتېماتىك جامېس لېيتھىل ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى بىر تەتقىقات دوكلاتىنى سۇنۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى، تىل بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ۋە تەسۋىر پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى ۋە بۇ نىشانلارنى ئەسلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى كەسكىن ھالدا كۆرسىتىپ بەردى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەتقىقات خىراجىتىمۇ بۇ سەۋەبلىك زور دەرىجىدە ئازىيىىپ كەتتى.

1981-يىلى تەھرىرلەش

تار مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار  

كىشىلەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى «كەڭ مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»دىن «تار مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»غا قاراپ يۈزلەندى. تار مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دېگىنىمىز پەقەت بىر يەككە ساھەدە بىر يەككە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تىل ۋە تەرجىمە، تاۋۇشنى يۆتكەپ خاتىرىلەش، ئوبيېكىتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر شىركىتى (digital equipment corporation) بۇ سېستىمىلاردىن پايدىلىنىپ سودا جەھەتتە زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى ۋە بۇ ئارقىلىق «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ قەھرىتان قىش دەۋرى»نى ئاخىرلاشتۇردى.

1990-يىلى تەھرىرلەش

تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراش ئۇسۇلى

رودنېي بىروكىس «تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراش ئۇسۇلى» (Bottom-Up) نى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ تەقلىدى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نېرۋا تورىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

1997-يىلى تەھرىرلەش

قېنىق كۆك

قېنىق كۆك (Deep Blue) ئامېرىكا IBM شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر دەرىجىدىن تاشقىرى خەلقئارالىق شاھمات كومپىيۇتېرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 1270 كىلوگرام كېلىدۇ، 32 چوڭ مېڭىسى (مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچى) بار، ھەر سېكۇنىتىغا 200 مىليون قەدەمنى ھېسابلىيالايدۇ، ئۇ ئىلگىرى دۇنيا شاھمات چېمپىيونى كاسپاروف بىلەن مۇسابىقىلىشىپ باققان.

2002-يىلى تەھرىرلەش

Roomba

 
سۈنئىي ئىدىراك

Roomba بىر ئاپتوماتىك چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ ، ئۇ iRobot شىركىتى ياساپ چىققان تۇنجى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم بولۇپ، سودا جەھەتتە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى.

2005-يىلى تەھرىرلەش

Bigdog پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىغا ياردەم بېرىش سېستىمىسى

ئامېرىكا ھەربى تەرەپ ئاپتوماتىك ماشىنا ئادەملەرگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى، «چوڭ ئىت ماشىنا ئادىمى» (يەنى، پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىغا ياردەم بېرىش سېستىمىسى) دەل بوستون ئېنىرگىيە شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى ئاپتوماتىك ماشىنا ئادەمدۇر.

2008-يىلى تەھرىرلەش

گۇگول يۇمشاق دېتالى

گۇگول شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن بىر ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىقتى. بۇ apple` s siri ، Googleassistant، AmazonAlexa ۋە Microsoftcortana قاتارلىق تاۋۇش ياردەمچىلىرىگە يۈزلىنىشتىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالدى.

2010-يىلى تەھرىرلەش

ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان NAO ماشىنا ئادىمى

20 دانە NAO ماشىنا ئادىمى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ فىرانسىيە سارىيىدا جامائەتچىلىككە 10 مىنۇت پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئۇسسۇل ئويناش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ماشىنا ئادەم ساھەسىدىكى تارىخى خاراكتېرلىك بىر سەھىپىنى بارلىققا كەلتۈردى.

2011-يىلى تەھرىرلەش

WATSON

 
كىسمەت ماشىنا ئادىمى (ئەقلىي ئىدىراك بىلەك قورالانغان)

IBM شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان WATSON ھېسابلاش سېستىمىسى «خەتەر گىرۋىكىدە» ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا قاتناشتى ۋە بۇ پىروگراممىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىراد رۇتتېر ۋە ئۇدا غەلىبە قىلىش رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەن كېن جېننىڭىسنى مەغلۇپ قىلدى.

2014-يىلى تەھرىرلەش

يېۋگېنى گوستمان

تۇرىڭ سىنىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئارىدىن 64 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «يېۋگېنى گوستمان» ناملىق بىر پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمى بۇ سىناقتىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا گۇگول شىركىتى شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل تەتقىقاتىغا بىر مىليارد ئامېرىكا مەبلەغ ئاجراتتى؛ Skype شىركىتى رېئال ۋاقىتلىق تاۋۇش تەرجىمانىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

سۈنئىي ئىدىراكنىڭ تىپلىرى تەھرىرلەش

كۈچلۈك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەھرىرلەش

بۇ كەڭ مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ كەڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سېستىمىسى بولۇپ، ناتونۇش ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېستىما يەنىلا تولۇق ھەل قىلىش لايىھىسىنى نامايەن قىلالايدۇ.

ئاجىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەھرىرلەش

بۇ تار مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىقتىدارلارغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سېستىمىسى، مەسىلەن، مەۋھۇم شەخسىي ياردەمچى ھېسابلىنىدىغان Apple Siri دەل مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ.

باشقا تىپلىرى تەھرىرلەش

بىرىنچى ئىنكاس تىپلىق تەھرىرلەش

مەسىلەن، قېنىق كۆك ناملىق كومپىيۇتېر پەقەت شاھماتنىڭ تەركىبى قىسىملىرىغا ۋە بىرىنچى قەدەمدا ماڭغان ئۇرۇقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىماللىقىنى مۆلچەرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ خاتىرىنى ئەستە ساقلىيالمايدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى قوللىنىپ قارار چىقىرالمايدۇ.

چەكلىك خاتىرە تىپلىق تەھرىرلەش

مەسىلەن، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل بۇرۇن بار بولغان تەجرىبە ۋە ساقلانغان خاتىرە ئارقىلىق پەرەز قىلالايدۇ.

بىلىشچانلىققا ئىگە تىپلىق تەھرىرلەش

بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىنسانلارنىڭ بىلىش-تونۇشى، ئېھتىياجى ۋە مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ئىنسانلارنى قارار چىقىرىش لايىھىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىل تىپتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخى مەۋجۇت ئەمەس.

ئۆزلۈك ئاڭ تىپلىق تەھرىرلەش

بۇ تۈردىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئاڭغا ئىگە، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىلەلەيدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى سېزەلەيدۇ. بۇ خىل تىپتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارمۇ ھازىرچە تېخى مەۋجۇت ئەمەس.

سۈنئىي ئىدىراكنىڭ قوللۇنۇشى تەھرىرلەش

ماشىنىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەھرىرلەش

مېخانىك پىروگرامما (كودلاشتۇرۇلغان ماشىنا) ئادەتتە ئىنسانلار ئورۇندايدىغان يۇقىرى سىغىمچانلىققا ۋە قايتىلىنىشچانلىققا ئىگە ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق ماشىنا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مۇھىتقىمۇ ماسلىشالايدۇ.

ماشىنا كۆرۈش سەزگۈسى تەھرىرلەش

بۇ كومپىيۇتېرنى كۆرۈش سەزگۈسىگە ئىگە قىلىدىغان پەن. ماشىنىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى فوتوئاپپارات، تەقلىدنى رەقەمگە ئالماشتۇرۇش ۋە رەقەملىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق كۆرۈش سەزگۈسى ئۇچۇرلىرىنى تۇتالايدۇ ۋە ئانالىز قىلالايدۇ.

ماشىنىلىق ئۆگىنىش تەھرىرلەش

بۇ كومپىيۇتېرنى پىروگرامما تۈزمەيلا خىزمەت قىلدۇرالايدىغان پەن. چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش بۇ پەننىڭ بىر تارماق توپلىمى بولغاچقا ئۇنىڭغا يەنە ئۆزلۈكىدىن پەرەز قىلىپ ئانالىز قىلىدىغان ھەرىكەت دەپ ئېنىقلىما بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

تەبىئىي تىللارنى بىر تەرەپ قىلىش تەھرىرلەش

كومپىيۇتېر پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئەخلەت پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرۈش، يېزىق ئۆزگەرتىش، كەيپىياتنى ئانالىز قىلىش ۋە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلار.

ماشىنا ئادەملەشتۈرۈش (ماشىنىنى ئادەملەشتۈرۈش) تەھرىرلەش

قۇرۇلۇش ساھەسىدە ماشىنا ئادەملەرنى لايىھىلەش ۋە ياساشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ماشىنا ئادەملەر دائىم ئىنسانلار تەستە ئىجرا قىلىدىغان ياكى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇشى تەس بولىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار تەھرىرلەش

تۆت مىليارد

بۇ يىل تۆت مىليارد ئۈسكۈنىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قوللىنىلغان تاۋۇش ياردەمچىسى سەپلىنىدۇ.

1 مىليارد 400 مىليون

مۆلچەرلىنىشىچە 2016-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازار سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 59 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپىيىدۇ.

1 مىليارد 570 مىليون

مۆلچەرلىنىشىچە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن، 2030-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيانىڭ GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى) 1 مىليارد 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

%38

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدا ئامېرىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ خېيىم-خەتىرى تۆۋەنلەپ %38 گە چۈشىدۇ.

%62

%62 يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق شىركەت ئۈچۈن پۇرسەتنى ئىگەللەپ، قىممەت يارىتىدۇ.

120 مىليون

ئېنىق كۆزىتىپ قوزغىتىش تىپىدىكى كارخانىلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ۋاقتىدا پايدىلانمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى رەقىبلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ.

%30

2020-يىلىغا بارغاندا %30 ساھە-كەسىپلەر ئاز دېگەندىمۇ بىر سېتىش ھالقىسىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىدۇ.

%86

سۈنئي ئەقلىي ئىقتىدار %86 تور ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالايدۇ.

بىر مىليارد

2020-يىلىغا بارغاندا يەر شارى بويىچە بىر مىليارد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا شەھەرلەرنى كۆزىتىپ نازارەت قىلىدۇ.

300000

ئامېرىكىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىشلىتىلگەن ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللار ھەر يىلى 300000 ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ.

ئەمەللىي قوللۇنۇشى تەھرىرلەش

قاتناش تەھرىرلەش

يول ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق سەپەرۋاقتىنى ئازايتىش.

مەنزىلى ئوخشاش كىشىلەر دېيىشىپ بىر تاكسىدا ئولتۇرۇش پىروگراممىسىدا كىرا ھەققىنى بېكىتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېھتىياجىنى پەرەزقىلىش.

پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل.

ئىش بىجىرىش تەھرىرلەش

ياسىمىچىلىق كەسپىنى ماشىنىلاشتۇرۇش.

زاۋۇت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش.

ئۆز ئالدىغا توشۇش. تەھرىرلەش

خادىم تەكلىپ قىلىش شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش.

خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى چوڭايتىش.

مائارىپ تەھرىرلەش

ئوغرىلانغان، كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈش.

ئاپتوماتىك نومۇر قويۇش. تەھرىرلەش

رەقەملەشكەن ئۆگىنىش كۆرۈنمە يۈزىنى ياساش.

مەۋھۈم ئوقۇتقۇچى، لېكتور.

ئۆگىنىشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش.

خەۋەرلىشىش تەھرىرلەش

ئەخلەت پوچتا يوللانمىلىرىنى سۈزۈش.

ئۇچۇر ياكى پوچتا يوللانمىسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش جەھەتتە تەكلىپ بېرىش.

ھەردەم تەرجىمە.

ھېسيات-تۇيغۇنى تەھلىل قىلىش.

تەنتەربىيە

كىيگىلى، تاقىغىلى بولىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارتېخنىكىسى ئارقىلىق كىيگۈچىنىڭ بەدەن ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلىش.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېلەت سېتىش.

سىن كۆرۈنۈشىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئاپتوماتىك گەۋدىلەندۈرۈش.

كومپىيۇتېرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق رېپىرلىق قىلىش، ماشىنا رېپىر.

تاراتقۇ تەھرىرلەش

خەۋەر مۇخبىرلىقى ۋە تەھرىرلىكىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش.

يالغان خەۋەرلەرنى ئىلغاش.

سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش.

بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىش.

بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كەسپى ئۇچۇرلارنى ئايرىش.

داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش

ئاپتوماتلاشقان تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيىسى ماشىنا ئادىمى.

پاتالوگىيىلىك دىئاگنوز قويۇشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش.

شەخسىي داۋالاش لايىھىسىنى تۈزۈش.

يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش.

لاياقەتلىك كىلىنكا پىدائىيلىرىنى تاللاپ تەمىنلەش.

يۇقۇم ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ مۆلچەرلەش.

رېنتېگىن نۇرىدا تەكشۈرۈش، CT ئاپپاراتىدا سىكاننېرلاش، سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش.

كىيگىلى، تاقىغىلى بولىدىغان ساغلاملىق ئىز قوغلىغۇچ ئارقىلىق ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

مەۋھۇم دوختۇر.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى

سۈرەت پەرقلەندۈرۈش

خاسلاشقان خەۋەر بىلەن تەمىنلەش

ئالاقە تەكلىپى بېرىش

رېئاللىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش

ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىش

سىن ۋە مۇزىكىلارنى ئاپتوماتىك ماس قەدەملەشتۈرۈش

ئويۇن

ئويۇنغا ئاڭ ئارقىلىق كونتىرول قىلىشنى قوشۇش

كۆرۈش سەزگۈسى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

بەدەن تۇيغۇسى بىلەن كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىش

توردىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن يېتەكچىسى

چىراينى 3D لىق پەرقلەندۈرۈش

يېزا ئىگىلىك تەھرىرلەش

ماشىنا بىلەن ئورۇپ-يىغىشتۇرۇش

كومپىيۇتېر ئارقىلىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە تۇپراقنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش

مۇھىتنىڭ دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش

توردا مال سېتىۋېلىش تەھرىرلەش

تاۋارغا ئالاقىدار باھا ۋە تەكلىپلەرنى ئىزدەش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى ۋەخېرىدارلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش

مەھسۇلاتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلىنى كۆرسىتىپ بېرىش

يانفون

تاۋۇش(ئۈن)نى يېزىققا ئايلاندۇرۇش

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى، مەسىلەن، Siri، Cortana،Google assistant قاتارلىقلار

كۆڭۈل ئېچىش تەھرىرلەش

مۇزىكا تەۋسىيەلەش (مەسىلەن، ۋاڭيىيۈن، Apple Music، Google play music)

ناخشىنى ئاڭلاپ مۇزىكا ۋە تېكىستنى پەرقلەندۈرۈش

مۇزىكا ئىجادىيىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش

كىنو-تېلىۋىزىيە نومۇرلىرىنى تەۋسىيەلەش (مەسىلەن، Netflix، Amazon Prime، Hulu)

بازار كېڭەيتىش ۋە ئېلان ئارقىلىق سېتىشنى خاسلاشتۇرۇش

ئەلالاشقان ئىزدەش

ئۆي-مۈلۈكچىلىك

نىشانلىق ئېلان قويۇش

بازارنى ئانالىز قىلىش

خېرىدارلار توپىنى ئايرىش

پارچە سېتىش كەسپى

پىركازچىكسىز مال سېتىش

مەۋھۇم رېئاللىق (VR) تا مال سېتىۋېلىش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىسكىلاتتا ساقلاش

سۇغۇرتا تەھرىرلەش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغۇرتا

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۆلەم بېرىش

خەۋپ-خەتەرنى مۆلچەرلەپ باھالاش

شەخسى مۈلۈك قىممىتىگە باھا قويۇش

ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازىلىرى

شەخسىي ياردەمچىسى

ئىدراكلىق ئامانلىق قوغداش

تېمپىراتۇرا ۋە چىراق يورۇقىنى تەڭشەش، كونتىرول قىلىش

ئۆي جاھازىلىرىنى تورلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلەشتۈرۈش

بانكا ۋە شەخسىي مال-مۈلۈك

سودا ئالدامچىلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىش

ئىناۋەتلىك قەرز جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش

خېرىدارلار توپىنى ئايرىش

ئىش-پائالىيەتلەر

پائالىيەت قاتناشچىلىرىنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش

شەخسىي تەكلىپ بىلەن تەمىنلەش

پاراڭلىشىدىغان ماشىنا ئادەم سېتىش

ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى

ھاۋارايىنى تەكشۈرۈش

ئامانلىق قوغداپ، بىخەتەرلىكنى ساقلاش

ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش

سودا ئايروپىلانلىرىدا ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

تور بىخەتەرلىكى تەھرىرلەش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇداپىئە تېمى

تور تاجاۋۇزلىقىنى تەكشۈرۈش

تورنى تەكشۈرۈش ۋە كونتىرول قىلىش

ھەربىي ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى

ئۇچقۇچى كەتمەيدىغان ئۇچقۇ (UAVs)

خەلق تەكشۈرۈش ئەسۋابى

ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش

نىشاننى بېكىتىش

قورال سېستىمىسىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە رېمونىتلاپ ئوڭشاش

جەڭ تىركىشىشى، ھەربى ئىشلار مانىۋېرى.

كەلگۈسى ئىستقىبالى تەھرىرلەش

قاتناشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەھرىرلەش

كەلگۈسىدە بارلىق قاتناش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىدە شوپۇرسىز ھەيدەش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشىدۇ.

تور تېخنىكىسى تەھرىرلەش

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ماشىنا ئادەم ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تونۇش-بىلىش چېكى ۋە فىزىئولوگىيىلىك چېكىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ماشىنا ئادەملەرگە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بولىدىغان زاپچاسلار سەپلىنىدۇ.

ئىنسانلار خەتەرلىك خىزمەتلەرنى قىلمايدۇ تەھرىرلەش

ماشىنا ئادەم ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بومبا چۇۋۇش دېگەنگە ئوخشاش خەتەرلىك خىزمەتلەرنى ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزىۋالىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋاللارنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان خەۋپ-خەتىرىنى يوقىتىدۇ.

ھەمراھ بولۇش تىپىدىكى ماشىنا ئادەم تەھرىرلەش

ياپونىيە ھازىر بۇ تېخنىكا جەھەتتە زور بىر قەدەم تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ ھېسياتىنى چۈشىنەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان ماشىنا ئىت، ماشىنا ئادەمنى كەشىپ قىلدى.

ئىنسانلارنىڭ قەدىمى تەگمىگەن جايلار ئۈستىدە ئىزدىنىش   تەھرىرلەش

ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارغا ياردەملىشىپ تېخى ئېچىلمىغان دېڭىز رايونى ۋە زېمىنلارنى تەكشۈرىدۇ

كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ مۆلچەرلەش   تەھرىرلەش

ماشىنىلىق ئۆگىنىش بار بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ مۆلچەرلىيەلەيدۇ، مەسىلەن، يېقىنلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن كىملەرنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا قايسى بىر جۈپلەرنىڭ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالايدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئېنگىلىزچە ۋىكىپىدىيا
  2. ئالىپ تورى