سېيىت نوچى 1875 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قېلىپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بولغان. ھەققانىيەتچى ۋە دادىل كىشى ئىدى. ئۇ گېلاۋخۇيچىلارغا قاتناشقان ۋە 1925 - يىلى چىققان ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇچتۇرپان دوتىينىڭ سىلىق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئۆز ئۆلۈم خېتىنى قەشقەردىكى قانخور جاللات ما تىتەي ما فۇشىڭغا ئېلىپ بارغان ۋە 50 ياشلار چاممىسىدا شەھىد قىلىنغان[1]. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى، مەردلىكنىڭ سېمۋولىدۇر.

قاراڭ تەھرىرلەش

سېيىت نوچى داستانى

ما تىتەي

مەنبە تەھرىرلەش

  1. نۇمۇھەممەت زامان، گېلاۋخۇي ۋە سېيىت نوچى، «تارىخ سەھنىسىدە» (1)، 37-43 - بەتلەر.