شاكال بەدىيان
شاكال بەدىيان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شاكال بەدىيان ئادەتتە قارامۇچ، كاۋاۋىچىن، قىزلمۇچ، ياغمۇچ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاچچىق-چۈچۈك تائاملارنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى | شاكال بەدىيان |
---|---|
ئەرەبچە نامى | بىدىيان، رازىيەنەچ |
ئىنگلىزچە | truestar Anise
Illicium verum |
تەبىئىتى | ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. |
خەنزۇچە ئاتىلىشى | 八角茴香 ba jiao huo xing |
---|---|
پارسچە نامى | سېنى |
ئوردۇچە نامى | بادىيان سېنى، ئاناس پەلى |
ھەققىدە
تەھرىرلەشبۇ ماگىنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 ~14 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان چاتقال دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقى «بەدىيان چىنى» ياكى «شاكال بەدىيان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تارقىلىش جۇغراپىيەسى
تەھرىرلەشئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن، گۈيجۇ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.
يىغىش ۋە ساقلاش
تەھرىرلەشھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ. 2- ، 3- ئايدا پىشقان مېۋىسى ئاز چىقىدۇ. 8- ، 11– ئايلار بولسا يىغىۋېلىشنىڭ مول – ھوسۇل پەيتى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا ياكى بوش ئوتتا قاقلىتىپ قۇرۇتىلىدۇ. قۇرۇق – سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
تەھرىرلەشمېۋىسىدە %5 ئۇچۇچان ياغ (Oleum Foeniculi)، تەخمىنەن %22 مايلىق ياغ، ئاقسىل، دىۋىرقاي قاتارلىقلار بار
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
تەھرىرلەش1. ئۇچۇچان ماي تەركىبىدىكى ئانتول غىدىقلاش رولىغا ئىگە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.
2. شاكال بەدىيان قايناتمىسى ئىنسانلاردىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
ئورۇنباسارى
تەھرىرلەشبەسباسە.
ئەكىس تەسىرى
تەھرىرلەشباش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى
تەھرىرلەشقۇرۇتۇلغان شاكال بەدىيان.
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
تەھرىرلەشيەل تارقاتقۇچى مۇرەككەپ چايلىق.
كېسەللىك مىسالى
تەھرىرلەشسوغۇقتىن بولغان قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
تەھرىرلەش1. شاكال بەدىياننى قارا چاي بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ.
2. پىننە، بەدىيان، زىرە، شاكال بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، دارچىن، لاچىندانە، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، چاي دەملەپ ئىچسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.
3. شاكال بەدىيان ۋە سۆئلەپتىن 10 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، دارچىندىن گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، جايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مىقدارى
تەھرىرلەش5 ~ 3 گرامغىچە.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
تەھرىرلەشپەي – مۇسكۇللارنى بوشىتىۋېتىدۇ، باش ئاغرىتىدۇ، قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئالبۇم
تەھرىرلەش-
شاكال بەدىيان
-
شاكال بەدىيان ئۆسۈملۈكى
-
تەشتەكتىكى شاكال بەدىيان
-
شاكال بەىدياننىڭ شەكلى ئوكتاگونال (سەككىز بۇلۇڭ ياكى يۇلتۇز شەكىللىك) بولىدۇ.
-
شاكال بەدىيان
-
يېشىل رەڭلىك شاكال بەدىيان
-
شاكال بەدىيان