شۆھرەت مۇتەللىپ

شۆھرەت مۇتەللىپ

S mitalipov 1.jpg

ئىسم ڧامىلىسى: شۆھرەت مۇتەللىپ ياكى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ(ئىنگىلىزچە:Shoukhrat Mitalipov)
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1961-يىلى ئاۋغۇست
تۇغۇلغان يېرى: ئالمۇتا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى
مىللىتى: ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا
خىزمەت ئورنى: ئورېگون پەن ۋە ساغلاملىق ئۇنىۋېرسىتېتى( Oregon Health & Science University)
خىزمەت ئورنى: ئورېگون شىتاتلىق دۆلەتلىك كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى

ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى (Oregon National Primate Research Center)

كەسپى: ئاكادېمىك،تەتقىقاتچى
ئاكادېمىك ساھەسى: كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى، تۆرەلمە تەتقىقاتى
دوكتور ئۈنۋانى: روسىيە دۆلەتلىك مىدىتسىنا ئاكادىمىيەسى (موسكىۋا)،1987
ماگىستېر ئۈنۋانى:روسىيە تىمىرىياسېۋ ئاكادېمىيەسى (موسكىۋا)،1994
مۇۋاپپىقىيەت ۋە نەتىجىلىرى: پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىش


قىسقىچە تەرجىمىھالى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى روسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (Timiriasev Academy, Moscow, Russia) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى، يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (Russian Academy of Medical Sciences) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (Developmental Genetics) ۋە غول ھۈجەيرە (Stem Cell Biology) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۈنستېر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.


تەتقىقات مۇۋاپپىقىيىتى تەھرىرلەش

1997-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆرەلمە غول ھۈجەيرە ئىلىمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان. بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىشىدۇر (ئەنگىلىيە «تەبىئەت ژۇرنىلى» 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ).

كورىيە ئالىمى خۇاڭ يۈشى(黄禹锡) ئىلگىرى ئىنسانلار تۆرەلمىسى تەتقىقاتىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، كەسىپداشلىرىنىڭ باھالاش پىكىرىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئاۋىسترالىيە مۇناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى دېۋىد.كىلام ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە ئىشلەپ تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان.

چاشقاندىن پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات-مايمۇننى كىلونلاپ چىقىش، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بۆسۈش بولۇپ، ئامېرىكا ھۈجەيرە يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىم لوبېرت يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ. «پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاش چىقىش، ئىنتايىن چوڭ توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بىلەن باراۋەر».

تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى «ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق تۈزۈلۈشتىكى ھۆجەيرىلەرنى پارچىلىيالايدىغان بولغاچقا، تىببىي ساھەدە ئىنتايىن زور قوللىنىشچانلىققا ئىگە. «تەبىئەت» ژۇرنىلى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاپ غول ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىشى، داۋالاش تۈرىدىكى كىلونلاش تېخنىكىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.

ئاكادېمىك نەتىجىلىرى تەھرىرلەش

ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تۈرى تەتقىقات ئىلتىماسىغا سۇنۇلغان باسقۇچتا. بىر تەتقىقاتىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

پاتېنت ئىلتىماس تەتقىقاتى

قوشۇمچە ئۇچۇرلار تەھرىرلەش

  • غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت.
  • تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.


شۆھرەت مۇتەللىپ ئانا ۋەتىنىدە تەھرىرلەش

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بىناسى 2-قەۋەت زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۆھرەت مۇتەللىپكە تەكلىپلىك پروفېسسور ئۇنىۋانىنى بەردى. لىكسىيەگەشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شەبنەم شىركىتى قاتارلىق ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ تولۇق قاتناشتى.


پايدىلىنىش مەنبەلىرى تەھرىرلەش

ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتى تورى

بىلىۋال تورى