Open main menu

ڧاتىمە بىنت مۇھەممەد

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى فاتىمەتۇززەھرا)

فاتىمە — مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچەنىڭ بەشىنچى قىزى بولۇپ، ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئەتراپىدىكى تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىپ، مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۈيۈك مۆجىزىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە دۇنياغا كەلدى.

بۇ ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭ ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىيئەگە ياتلىق بولغان ۋاقتى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغانلار ئىدى.

كىچىك فاتىمە ھەدىلىرىنىڭ ياتلىق بولۇپ، بىر ـ بىرلەپ ئۆيدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، «توي» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەدىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۇقمايتتى. ئۇ ھەدىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار ئۆيدىن ئايرىلغاندا ناھايىتى غېرىبلىق ھېس قىلدى ۋە تولىمۇ بىئارام بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ جىمىغۇر ۋە كەمسۆز بولۇپ قالغان ئىدى.

ئەلۋەتتە، ھەدىلىرى توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ چۆرىسى — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بەرەقە، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەبۇ تالىپنىڭ كىچىك ئوغلى ئەلى قاتارلىقلار رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى خەدىچەمۇ بار ئىدى.

ئانىسىنىڭ ۋە بەرەقەنىڭ تەربىيىسىدە ئۇ چوڭقۇر تەسەللىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ئەلى، بالىلىق ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۆز ئاكىسى قاسىمنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا «ئاكا» ۋە دوست بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى، تاييىب ۋە تاھىر دەپ لەقەملەنگەن ئابدۇللاھمۇ بالىلىق دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ فاتىمە ئۆز ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ھەدىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن غەمسىز ۋە خۇشال ـ خۇرام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ چېچەن بالا بولغان ئىدى.

ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دادىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى — رەسۇلۇللاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى— ئىسلامنىڭ خوش ـ خەۋىرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈش ئىدى. ئۇلار پەقەت ھەممىدىن قادىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولغان خەدىچە فاتىمەگە دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دادىسىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى ھەمدە دادىسىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەككىنىڭ تار كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندا، كەئبىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپىي يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا ۋە ئۇلار پەيغەمبەرگە بەيئەت قىلغاندا دائىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى.

بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ مەسجىدى ھەرامغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە قارىشىپ تۇرىدىغان «ھىجىر» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. فاتىمە ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى، بۇ چاغدا ئۇ 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان بىر توپ قۇرەيش يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشام، ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە رابىئەنىڭ ئوغۇللىرى شەيبە بىلەن ئۇتبە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئەبۇ جەھل ئۇلاردىن:

— قايسىڭلار تۆگىنىڭ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەدنىڭ ئۈستىگە تاشلىيالايسىلەر؟ — دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھراقى بولغان ئوقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق قىلىشقا ماڭدى. ئۇ قېرىنىنى ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد شۇ يەردە بار بولسىمۇ، بىر نەرسە دېيىشكە ياكى قېرىنىنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز ئىدى.

دادىسىنىڭ مۇشۇنداق مەسخىرىلىك مۇئامىلىگە ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فاتىمەنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈستىدىكى قېرىنىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى، ئاندىن بۇ بىر توپ قۇرەيش قارا نىيەتچىسىنىڭ ئالدىدا غەزەپ بىلەن تۇرۇپ، ئۇلارغا غەزەپلىك تىل ـ ئاھانەتنى ياغدۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ سۆزقىلالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ نامىزىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاندىن:

—ئى رەببىم، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن! — دەپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە:

—ئى ئاللاھ، ئۇتبەنى، ئوقبەنى، ئەبۇ جەھل ۋە شەيبەنى ھالاك قىلغىن! — دەپ بەددۇئا قىلدى. (تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىر قانچە يىلدىن كېيىن بەدر غازىتىدا ئۆلتۈرۈلدى).

يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. فاتىمە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. قۇرەيشتىن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇپ، بوينىغا چىڭ ئورىۋالدى. فاتىمە باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ توۋلاشقا ۋە چىقىراشقا باشلىدى. ئەبۇ بەكرى ئېتىلىپ كېلىپ، دەرھال رەسۇلۇللاھنى ئاجرىتىۋالدى، ئاندىن:

— «رەببىم ئاللاھ » دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ — دېدى، ئۇلار ئەبۇ بەكرىگە تاشلىنىپ، تاكى ئۇنىڭ يۈز ـ كۆزلىرىدىن قانلار سىرغىپ چۈشكىچە ئۇرۇشتى.

كىچىك فاتىمە دادىسىغا ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بۇ رەھىمسىز، قەبىھ قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كۆرۈپ تۇردى. ئۇ ياۋاشلىق بىلەن بىر چەتكە چىقىپ تۇرمىدى، بەلكى دادىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ گەرچە كىچىك بىر قىز بولسىمۇ، ئەمما شۇ ياشتىكى بالىلاردا نورمال بولىدىغان غەمسىز، شوخ، بالىلارچە ئويۇن- كۈلكە ۋە تاماشىلاردىن خالىي ھالدا، ئەنە شۇنداق ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى كۆردى ۋە باشتىن كەچۈردى.

ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشلاردا فاتىمە يالغۇز ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قۇرەيشنىڭ ۋەھشىي زوراۋانلىقلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرى ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئىدى. ئۇممۇ جەمىل رەھىمسىز، ناھايىتى پاسكىنا سۆزلەرنى قىلىدىغان، ئېغىزى بۇزۇق، شەپقەتسىز ئايال بولغاچقا خەدىچە باشتىلا ئۆز قىزلىرىنى ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلىپ بېرىشكە رازى بولمىغان ئىدى. چۈنكى رۇقىييە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇمغا نىسبەتەن، دادىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇش قوزغايدىغان بۇنداق ۋەھشىي دۈشمەنلىككە تولغان ئائىلىدە ياشىشى ھەقىقەتەن بىر ئازابلىق ئىش ئىدى.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش ئۈچۈن، ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاياللىرىنى قويىۋەتتى. بۇ پەيغەمبەرنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششتىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە خۇشال- خۇرام قايتىپ كەلگەن قىزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شۈبھىسىزكى فاتىمە ھەدىلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇلار چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭمۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە قۇرەيشمۇ ئەبۇل ئاسقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئايالىنى قويىۋېتىشكە زورلىدى، ئەمما ئۇ رەت قىلدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەگەر ئۇ زەينەبنى قويىۋەتسە، ئۇنىڭغا ئەڭ باي ۋە ئەڭ گۈزەل ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى، ئەمما ئۇ:

— مەن ئايالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە مەن ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ دادىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۆرمىتىم بار، — دەپ جاۋاب بەردى.

رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقىغا ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدىكى چىدىغۇسىز روھى بېسىملاردىن قۇتۇلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي رۇقىيە ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولغان ياش ۋە تارتىنچاق ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ياتلىق بولدى. ئۇلار بىرلىكتە پاناھلىق ئىزدەپ ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىرلار بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇردى. فاتىمە ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەدىسى رۇقىيەنى كۆرەلمىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە قالغان ساھابىلىرىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

پەيغەمبەرلىكنىڭ 7- يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىندى ۋە مەككىگە پەقەت بىر چىغىر يول بىلەنلا بارغىلى بولىدىغان، ھەممە تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان بىر تار جىلغىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشتى. بۇ تار جىلغىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)، بەنى ھاشىم جەمەتى ۋە مۇتەللىب جەمەتى يېمەك- ئىچمەكتىن چەكلىنىپ، قامال قىلىندى. جەمەتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى 12 ياشلىق فاتىمەمۇ ئايلار داۋاملاشقان قىيىنچىلىق ۋە ئازابلىق تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئاچ قالغان بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى مەككىگە ئاڭلىنىپ تۇردى. قۇرەيش مۇسۇلمانلارنى يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقى پەقەت ھەج مەۋسۇمىدىلا ئاندىن ئازراق يەڭگىللىدى. بۇ قامال ئۈچ يىل داۋاملاشتى. قامال بىكار قىلىنغاندا، رەسۇلۇللاھ تېخىمۇ ئېغىر بولغان سىقىلىشلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سادىق ۋە ئامراق ئايالى خەدىچە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى جاپالىق كۈنلەردە ھەمدەمدە بولىدىغان قوغدىغۇچىسى ۋە ھامىيسى، كۈچلۈك ئارقا تېرىكىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھۆرمەتلىك خەدىچە ۋە ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولغان بۇ يىل «قايغۇلۇق يىل» دەپ ئاتالدى. ھازىر ياش قىز بولۇپ قالغان فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئېچىنىپ كۆپ يىغلىدى. ئۇ بىر مەزگىل قاتتىق ئىچ ئاغرىقى تارتقاچقا، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىچ ئاغرىقىدىن ئۆلۈپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

گەرچە ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇم شۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ھەدىسىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭلاشقا دادىسىنى تېخىمۇ قوللىشى زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى. سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن دادىسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇ دادىسىغا شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەچكە «ئۇممۇ ئەبۇھۇ» (يەنى دادىسىنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتالدى. ئۇ دائىم رەسۇلۇللاھ ئازار يېگەن، قىيىنچىلىقتا قالغان، كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان چاغلاردا دادىسىغا تەسەللى بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇچرىغان بۇ كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلار فاتىمەگە تولىمۇ ئېغىر كېلەتتى. بىر قېتىم بىر مۇشرىك رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك بېشىغا توپا ۋە ئەخلەت چاچتى، ئۆيگە كىرگەن چاغدا، فاتىمە دادىسىنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى، ئاندىن دادىسىنىڭ بېشىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈرتىۋەتتى. «يىغلىما قىزىم،—دېدى ئۇ،—ئاللاھ داداڭنى قوغدايدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمەنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن ئىدى:

— كىمكى فاتىمەنى خۇشال قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنى خۇشال قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولىدۇ. فاتىمە بولسا — مەن، ئۇ خۇشال بولغان نەرسىدىن مەنمۇ خۇشال بولىمەن، ئۇ بىزار بولغان نەرسىدىن مەنمۇ بىزار بولىمەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى:

— دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۆت ئايال: بۈۋى مەريەم، فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە.

فاتىمە شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدىكى خەدىچىگىلا مەنسۇپ بولغان مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «نۇرلۇق ئايال» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «زەھرا» دەپ نام بېرىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ يۈزى نۇر چېچىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئېيتىلىشىچە ئۇ نامازغا تۇرغاندا، مىھراب ئۇنىڭ چىرايىدىن چىققان نۇردىن چاقناپ كېتەتتى. ئۇ راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلمىگەچكە يەنە «بەتۇل» دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. ئۇ ۋاقتنى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە سەرپ قىلاتتى.

فاتىمە ھەر جەھەتتىن دادىسى رەسۇلۇللاھنى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە نۇتۇق سۆھبەت ۋە ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھقا ئوخشايدىغان فاتىمەدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدىم، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى، ئاندىن قولىدىن تۇتۇپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى.» فاتىمەمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى.

فاتىمەنىڭ ياخشى مىجەزى ۋە ئەدەپلىك نۇتۇقلىرى، ئۇنىڭ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان گۈزەل تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇ پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە تولىمۇ مېھىر- شەپقەتلىك بولۇپ، گەرچە ئۆزى ئاچ قالسىمۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەرگە بېرىۋىتەتتى. ئۇ دۇنيانىڭ زىبۇ ـ زىننەتلىرىگە ۋە دۇنيانىڭ راھەت ـ پاراغىتىگە قىلچىمۇ قىزىقمايتتى. گەرچە تۇرمۇشى قانچە قىيىنچىلىقتا ۋە جاپادا ئۆتسۇن، دائىم ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇق قابىلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. سۆز قىلسا باشقىلار يىغىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالاتتى. ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ يىغلىتىۋېتەلەيدىغان قابىلىيەت بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرگەن ھېسابسىز رىزىقلىرىغا تەشەككۈر، رەھمەت ۋە ھەمدۇ ـ سانا ئېيتىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى.

فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. ئۇ مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قېپقالغان ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن بىللە بارغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىدىن قېپقالغانلار — فاتىمە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەۋدە، زەيدنىڭ ئايالى بەرەقە ۋە ئوغلى ئۇسامەلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئانىسى ۋە ئىككى ھەدىسى — ئائىشە ۋە ئەسماغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.

مەدىنىدە فاتىمە دادىسى بىلەن بىللە، مەسجىدكە يانداش سېلىنغان ئاددىي ھۇجرىدا تۇردى. ھىجرەتنىڭ 2 ـ يىلى، ئۇ دادىسى ئارقىلىق قويۇلغان ئىككى توي تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتتى. ئاندىن ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى ئەلى غەيرەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا فاتىمە بىلەن توي قىلىشنى سوراش ئۈچۈن كەلدى. ئەمما رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەندە بەك ئىزا تارتىپ كەتكەنلىكتىن، ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي قالدى. ئۇ يەرگە قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورىدى:

— نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭ چۈشۈپ قالدىمۇ؟

ئەلى يەنىلا ئۈندىمىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئېھتىمال سەن فاتىمەگە توي تەكلىپى قويغىلى كەپسەن، — دېدى.

— ھەئە، — دېدى ئەلى. شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئاددىيلا:

— ئائىلىمىزگە كىرىشىڭنى قارشى ئالىمىز، — دېدى. بۇ سۆزنى ئەلى ۋە ئىشىك سىرتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتۈۋاتقان بىر نەچچە ئەنسارىلار ئاڭلىدى. ئارقىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلىدىن مەھرى ئۈچۈن بەرگىدەك بىر نەرسىسىنىڭ بار- يوقلۇقىنى سورىدى. ئەلى «يوق» دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ ئەلىگە پۇلغا يارايدىغان بىر قالقىنى بارلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئەلى قالقاننى ئوسمانغا 400 دىرھەمگە ساتتى. پۇلنى فاتىمەنىڭ مەھرى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىشكە ئالدىراپ، قايتماقچى بولىۋېدى، ئوسمان ئۇنى توختىتىپ:

— فاتىمە بىلەن قىلىدىغان تويۇڭنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە بۇ قالقاننى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي،— دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ھىجرەتنىڭ 2- يىلىنىڭ باشلىرىدا فاتىمە بىلەن ئەلىنىڭ تويى بولدى. بۇ چاغدا فاتىمە 19 ياشلاردا بولۇپ، ئەلى 21 ياشتا ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۆزى نىكاھ خۇتبىسىنى ئوقۇدى. تويدا مېھمانلارغا خورما، ئەنجۈر ۋە تالقان (خورما ۋە سېرىق ماينى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان يېمەكلىك) لەر بىلەن داستىخان تارتىلدى. ئەنسارىلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بىر قوچقار سوۋغا قىلدى، باشقىلار بۇغداي بېرىشتى، پۈتۈن مەدىنە شادلىققا چۆمدى.

فاتىمەنىڭ تويى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ فاتىمە ۋە ئەلىگە خورمىنىڭ يوپۇرماقلىرى يېيىتىلغان ياغاچ كارىۋات، مامۇق يوتقان ۋە خورمىنىڭ چىۋىقلىرى توشقۇزۇلغان خۇرۇم كۆرپە، بىر قوي تېرىسى، بىر چەينەك، بىر تۇلۇم سوۋغا قىلدى.

فاتىمە يولدىشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم سۆيۈملۈك دادىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرەقەنى فاتىمەگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. شۈبھىسىزكى بەرەقە فاتىمە ئۈچۈن چوڭ بىر تەسەللى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:

— ئى رەببىم، فاتىمە ۋە ئەلىگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرىكەت بەرگىن،— دېدى.

ئەلىنىڭ غۇربەت كەپىسىدە كارىۋاتقا سالىدىغان نەرسىدىن پەقەت بىر قوي تېرىسىلا بار ئىدى. توي قىلغاننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. بەرەقە ئىشىكنى ئاچتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

— ئى ئۇممۇ ئەيمەن، قېرىندىشىمنى چاقىرغىن، — دېدى.

— سېنىڭ قېرىندىشىڭنى؟ قىزىڭغا ئۆيلەنگەن ئادەمنىمۇ؟ — سورىدى بەرەقە سەل ئىككىلىنىش بىلەن. ئۇ كۆڭلىدە: «رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن ئەلىنى قېرىندىشىم دەپ چاقىرىدۇ؟» دەپ گاڭگىراپ قالغان ئىدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلىنى قېرىندىشىم دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەب، ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئىككىدىن جۈپ ـ جۈپ قېرىنداش بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەلى ئۆز- ئارا قېرىنداش بولغان ئىدى) رەسۇلۇللاھ سۆزىنى يۇقىرىراق ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى، ئەلى چىقىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى، ئاندىن فاتىمەنى سورىدى. فاتىمە ناھايىتى ھودۇققان ۋە ئىزا تارتقان ھالەتتە چىقىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:

— مەن سېنى ئائىلەمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمگە ياتلىق قىلدىم، — دېدى. رەسۇلۇللاھ شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولغان ئىدى. فاتىمە ئەمەلىيەتتىمۇ پۈتۈنلەي ناتونۇش ئادەم بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر ئائىلىدە تەڭ ئۆسكەن، بالا ۋاقتىدىلا مۇسۇلمان بولغان، ئۆزىنىڭ باتۇر، قورقماسلىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن تونۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «ئىككى دۇنيالىق قېرىندىشىم» دەپ ئاتىغان بىر كىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خۇددى دادىسىنىڭ ئۆيىدىكىدەكلا ئاددىي ۋە غورىگىل ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ماددىي بايلىقلارغا ۋە راھەت- پاراغەتكە بېرىلمىگەن تۇرمۇش ئىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەلى ئاشۇنداق نامرات ھالەتتە ياشىدى، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق ماددىي بايلىق يىغمىغان ئىدى. فاتىمە بولسا ئۆزىنىڭ ھەمشىرىلىرى ئىچىدە قول ئىلكىدە بار ئادەمگە ئۆيلەنمىگەن يالغۇز ئايال ئىدى.

ئەمەلىيەتتە فاتىمە ۋە ئەلىنىڭ تۇرمۇشى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدىكى تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. ئۇنىڭ تويىدىن ئىلگىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىشلارغا ياردەملىشىدىغان بىر نەچچە ئادەم بار ئىدى. ئەمما ھازىر ھەممە ئىشنى ئۆزى يالغۇز قىلاتتى. بۇنداق ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلى سۇ تۇشۇغۇچى، فاتىمە قوناق سوققۇچى بولۇپ ئىشلىدى. بىر كۈنى ئۇ ئەلىگە:

— بۈگۈن قولۇم قاپىرىپ، تېشىلىپ كەتكۈچە قوناق سوقتۇم، — دېدى.

— مەن مەيدەم ئاغرىپ كەتكۈچە سۇ توشۇدۇم، — دېدى ئەلى فاتىمەگە ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىپ، — ئاللاھ داداڭغا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بەردى، بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر قۇل سوراپ كەلگىن، — دېدى. ئۇ خالىمىغان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

— نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ، قىزىم؟ — دېدى.

— ساڭا سالام بەرگىلى كەلدىم، — دېدى ئۇ، نومۇس قىلىپ ئۆزىنىڭ نېمىشقا كەلگەنلىكىنىمۇ دادىسىغا دېيەلمىدى.

— قانداق بولدى؟ — سورىدى ئەلى ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن.

— سوراشتىن ئويلىپ قالدىم، — دېدى فاتىمە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىرلىكتە بېرىشتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھاجەتمەنلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى ۋە:

— سىلەرگە بەرمەيمەن، ئەھلى سۇففە (مەسجىددە تۇرىدىغان كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئۇلارغا بېرىشكىمۇ يېتەرلىك نەرسە تاپالمايۋاتىمەن، — دېدى. ئەلى ۋە فاتىمە سەل روھى چۈشكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى ئۇلار يېتىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىشكە ئىجازەت سورىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ ئىككىيلەن ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:

— قوزغالماڭلار، — دېدى ۋە يېنىدا ئولتۇرۇپ:

— سىلەر مەندىن سورىغان نەرسىدىن ياخشىراق بولغان بىر ئىشنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— بولىدۇ، — دېۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:

— جىبرىئىل ماڭا مۇنداق ئۆگەتتى: ھەر نامازدىن كېيىن «سۇبھاناللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» نى ھەر بىرىنى 10 قېتىمدىن دەڭلار، ياتىدىغان چاغدا، ھەر بىرىنى 33 قېتىمدىن دەڭلار، — دېدى. ئەلى كېيىنكى يىللاردا مۇنداق دېگەن ئىدى:

— رەسۇلۇللاھ بىزگە شۇنى ئۆگەتكەندىن تارتىپ، بىر قېتىممۇ تەرك ئەتمىدىم.

فاتىمەنىڭ جاپالىق ۋە قىيىنچىلىق تۇرمۇشى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەر بار. دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يېگىلى بىر نەرسە قالمايتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ، ھەممە ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە باردى، ئەمما ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق ئىدى، ئاندىن ئۇ فاتىمەنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ يېگۈدەك ھېچنېمە يوق ئىدى. ئۇ باشقا يەردىن ئازراق يېمەكلىك تاپتى، ئۇنىڭدىن ئىككى نان ۋە ئازراق گۆشنى فاتىمەگە ئەۋەتتى. يەنە بىر قېتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىغا قويۇلغان تاماقتىن فاتىمە ئۈچۈن ئازراق ئېلىۋالدى. فاتىمەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈنلەپ تاماقسىز قالىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى ۋە يەيدىغان بىر نەرسە تاپالىسىلا ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرەتتى. بىر قېتىم، ئۇ دادىسىغا بىر پارچە ئارپا نېنىنى ئاپىرىپ بەرگەندە، دادىسى ئۇنىڭغا:

— بۇ داداڭنىڭ ئۈچ كۈندىن بېرى يېگەن تۇنجى تامىقى، — دېگەنىدى.

فاتىمە يۇقىرىقىدەك مېھرىبانلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دادىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ سىرتىغا قىلغان بىر سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپلا، ئالدى بىلەن ئىلگىرىكىدەكلا مەسجىدكە بېرىپ، ئادىتى بويىچە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ئىلگىرىكىدەكلا ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە بارماستىن بۇرۇن، فاتىمەنىڭ ئۆيىگە باردى. فاتىمە ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئېغىزىغا ۋە يۈز ـ كۆزلىرىگە سۆيۈپ يىغلاپ كەتتى.

— نېمىشقا يىغلايسەن؟ — سورىدى رەسۇلۇللاھ.

— ئى رەسۇلۇللاھ، چىرايىڭ تاتىرىپ كېسەل چىراي بولۇپ قاپسەن، كىيىملىرىڭ كونىراپ، يىرتىلىپ كېتىپتۇ، — دېدى فاتىمە.

— ئى فاتىمە، — دېدى رەسۇلۇللاھ سەمىمىيلىك بىلەن، — يىغلىمىغىن، ئاللاھ داداڭنى يەريۈزىدىكى ھەر بىر ئائىلىگە، مەيلى ئۇ يېزىلاردا، جىلغىلاردا ياكى چۆل ـ جەزىرىلەردە بولسۇن تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى شەرەپكە ئېرىشتۈرىدىغان پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن ئەۋەتكەن.

بۇ گەپلەر بىلەن فاتىمە سۆيۈملۈك دادىسىغا تاپشۇرۇلغان بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ۋە ئاخىرى چىقمايدىغاندەك تۇيۇلىدىغان پەيغەمبەرلىكنىڭ غەلبىسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، رەھىمسىز رېئاللىققا ئۈن ـ تىنسىز بەرداشلىق بېرەتتى.

فاتىمە ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى. بۇ ئۆينى ئەنسارىلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇشتىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەدىيە قىلغان ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە خۇشاللىقتىن، غەلىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. قايغۇ ـ ھەسرەت ۋە ئېغىرچىلىقلارنى تەڭ كۆتۈردى. مەدىنىدىكى ناھايىتى جىددىيچىلىككە تولغان كۈنلەر ۋە يىللارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ھىجرەتنىڭ 2- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھەدىسى رۇقىيە قىزىتما بولۇپ قالدى ۋە قىزىل چىقىپ قېلىپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بۇ مەشھۇر بەدر غازىتىدىن سەل بورۇنقى ئىش ئىدى. ئۇنىڭ يولدىشى ئوسمان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، غازاتقىمۇ چىقالمىدى. رۇقىيە دادىسى غازاتتىن قايتىپ كېلىشتىن سەل بورۇنلا ۋاپات بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى- ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بولدى. فاتىمەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىن ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە، رۇقىيە خەدىچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋاپات بولغان تۇنجى كىشى بولدى. فاتىمە ھەدىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا قاتتىق قايغۇردى. ئۇ قەبرىنىڭ يېنىدا دادىسى بىلەن ئولتۇرغان چاغدا، كۆز ياشلىرى يامغۇردەك قۇيۇلۇپ كەتتى. دادىسى ئۆزىنىڭ رىداسى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن ئىلگىرىراق ئۆلۈككە يىغلاشنى مەنئى قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ خاتا چۈشىنىپ قېلىندى ھەمدە ئۇلار قەبرىدىن قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۆمەرنىڭ بەدرىدە شېھىت بولغانلار ۋە رۇقىيە ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئاياللارغا غەزەپ بىلەن توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى

.

— ئۆمەر، ئۇلارنى يىغلىغىلى قوي! — دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، — قەلبتىن ۋە كۆزدىن چىققان نەرسە ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن بولىدۇ، قولدىن ۋە ئېغىزدىن چىققان نەرسە شەيتاندىن بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قولدىن» دېيىش ئارقىلىق مەيدىلىرىگە مۇشلاپ، يۈزلىرىنى تاتىلاپ يىغلاشنى كۆزدە تۇتسا، «ئېغىزدىن» دېيىش ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغان قۇشاق قوشۇپ، ئۈن سېلىپ يىغلاشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى.

ئوسمان كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمنى نىكاھىغا ئالدى ۋە زىننۇرەين (يەنى ئىككى نۇرنىڭ ئىگىسى) دەپ ئاتالدى.

رۇقىيەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېغىر قايغۇغا چۆمگەن بۇ ئائىلىدە بارلىق مۆمىنلەرگە بىر خۇشاللىق بولۇپ، ھىجىرىيىىنىڭ 3 ـ يىلى رامىزان ئېيىدا فاتىمە يەڭگىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇپ «چىرايلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ھەسەن» دېگەن ئىسىمنى قويدى. بىر يىلدىن كېيىن، فاتىمە ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىدى. ئۇنىڭغا «كىچىك ھەسەن» دېگەن مەنىدە «ھۈسەين» دەپ ئىسىم قويۇلدى. فاتىمە دائىم ئىككى ئوغلىنى ئۇلارنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان چوڭ دادىسىنى كۆرگىلى ئاپىراتتى. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەسجىدكە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇ سەجدە قىلغاندا، دۈمبىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك نەۋرىسى، زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنىمۇ ئاشۇنداق ئوينىتاتتى.

ھىجرەتنىڭ 8ـ يىلى، فاتىمە ئۈچىنچى بالىسىنى يەڭگىدى ۋە ئۇنىڭغا قىزى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىراق ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ ھەدىسى زەينەبنىڭ ئىسمىنى قويدى.

فاتىمەنىڭ 4- بالىسى ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى تۇغۇلدى. بۇ بالىسىمۇ قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالدىنقى يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ ئىسمىنى قويدى. فاتىمە پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، زەينەبنىڭ ئىككى بالىسى ئەلى ۋە ئۇمامەمۇ كىچىك ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. رۇقىيەنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ تېخى ئىككى ياشقا كىرمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. گەرچە فاتىمە قورساق كۆتۈرۈش، بالا تۇغۇش ۋە بالىلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار جامائەسىنى كۈپەيتىش ئىشلىرىدا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرى، نامرات ۋە يوقسۇل ئەھلى سۇففەنى دائىم يوقلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ تۇراتتى. ئوھۇد غازىتى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، ئۇ باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن يىغلىدى ۋە دادىسىنىڭ جاراھەتلىرىنى دورىلاپ تېڭىپ قويدى.

خەندەك غازىتىدا، ئۇ باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان جاپالىق مۇھاسىرە جەريانىدا، مۇجاھىدلارغا تاماق تەييارلاپ بەردى. ئۆزىنىڭ چىدىرىدا مۇسۇلمان ئاياللىرىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن شۇ يەرگە مۇسۇلمانلار مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئىخلاس قىلىدىغان يەتتە مەسجىدنىڭ بىرى «فاتىمە مەسجىدى» دەپ ئاتالغان مەسجىد بىنا قىلىندى.

فاتىمە ھىجرىيىنىڭ 6ـ يىلى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلغاندىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇ ۋە ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە كۈچلۈك مۇسۇلمانلار جامائەسى بىلەن بىرلىكتە مەككىنى فەتىھ قىلىشقا قاتناشتى. ئېيتىلىشىچە بۇ چاغدا فاتىمە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى ئانىسى خەدىچىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلەرنى ئەسلىگەن ئىكەن.

ھىجرىيىنىڭ 10- يىلى رامىزان ئېيىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىگە بېرىشتىن سەل بۇرۇنراق، فاتىمەگە تېخى ھېچكىمگە ئېيتىپ بەرمىگەن بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بەردى: «جىبرىئىل ماڭا قۇرئاننى يىلدا بىر قېتىم تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى ھەم مەنمۇ شۇنداق قىلاتتم. ئەمما بۇ يىل ئۇ ماڭا ئىككى قېتىم تىلاۋەت قىلىپ بەردى. مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاياغلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.» ۋىدالىشىش ھەجىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئايالى ئائىشەنىڭ ھوجرىسىدا ئۆتتى. فاتىمە ئۇنى يوقلاپ كەلسە، ئائىشە دادا- بالا ئىككىيلەننى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كېتەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمەنى چاقىرتتى. ئۇ كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، ئاندىن قۇلىقىغا پىچىرلىدى، ئۇ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن يەنە قۇلىقىغا پىچىرلىغان ئىدى، ئۇ كۈلدى. ئائىشە بۇنى كۆرۈپ سورىدى:

— ئى فاتىمە‍‍‍‌‌! نېمە ئۈچۈن بىر دەم يىغلاپ، بىر دەم كۈلىسەن؟ رەسۇلۇللاھ ساڭا نېمە دېدى؟

فاتىمە جاۋاب بېرىپ:

— ئۇ باشتا ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي پەرۋەردىگارى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، شۇڭا يىغلىدىم، ئاندىن ئۇ ماڭا: يىغلىمىغىن، سەن ئائىلەمدىكىلەر ئىچىدە ماڭا قوشۇلىدىغانلارنىڭ تۇنجىسى بولىسەن دېگەن ئىدى، شۇڭا كۈلدۈم، — دېدى.

ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، فاتىمە ناھايىتى قايغۇرۇپ كەتتى. ساھابىلەر دائىم ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ساھابىلەرنىڭ بىرسى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، فاتىمەنىڭ كۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

سۆيۈملۈك دادىسى ۋاپات بولۇپ بەش ئايدىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى، فاتىمە ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق ۋە شاتلىققا تولغان ھالەتتە ئويغاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان سەلەمە بىنت ئۇمەيسنى چاقىرىپ، ئازراق سۇ سوراپ غۇسۇلى قىلدى، ئاندىن يېڭى كىيىملىرىنى كەيدى ۋە خۇشپۇراق ئىشلەتتى، ئاندىن سەلەمەدىن ئۆزىنىڭ كارىۋىتىنى قورۇغا ئەپچىقىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. يۈزى ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە يولدىشى ئەلىنى سورىدى. ئەلى كېلىپ، فاتىمەنىڭ قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

— مەن بۈگۈن رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشىمەن، — دېدى. ئەلى يىغلاپ كەتتى. فاتىمە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، بالىلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەيننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى، ئۆزىنى ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيلا دەپنە قىلىۋېتىشنى ئېيتتى. ئۇ يۇقىرىغا تىكىلىپ قارىۋېتىپ ئاندىن كۆزىنى يۇمدى، ئۆزىنىڭ روھىنى بۈيۈك ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىغا تاپشۇرۇپ بەردى. «نۇرلۇق ئايال» فاتىمە بۇ چاغدا ئارانلا 29 ياشتا ئىدى.