قاناتلانغان ناخشا ساداسى

ئابدۇكېرىم ئابلىز رېژىسسورلۇق قىلغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «قاناتلانغان ناخشا ساداسى» فىلىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن. 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن جوڭگو مىقياسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ فىلىم لا لا لەند ناملىق فىلىمدىن ئىلھاملىنىپ ئىشلەنگەن. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ كۆرۈنۈش ئېلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كىنودا سەككىز مەيدان ناخشا-ئۇسسۇل بولۇپ، تۆت بۆلەك چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل، ئىككى بۆلەك مۇزىكىلىق تىياتىر بار. كىنودا ئوخشىمىغان مىللەتتىكى ياش مۇزىكانتلار مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى «يۇقىرى پەللە» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قىزغىن تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇزىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ھەققىدە تەھرىرلەش

پىلانلىغان ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى

ئىشلىگۈچى ئورۇن: تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى

باش رېژىسور: گاۋ خۇاڭگاڭ (ئىستودىيە باشلىقى)

باش فىلىم ئىشلىگۈچى: ئابدۇكېرىم ئابلىز

سېنارىست: لى مۇشى، گاۋ چى

ئاساسلىق رولچىلا: شيا ۋاڭ، جاڭ يىڭبىڭ، ئۈمىد، جياڭ يىخاۋ (ئايكېن)

مېھمان رول: نىغمەت راخمان

مەزمۇنى تەھرىرلەش

بۇ فىلىمدا شىنجاڭدىكى ئۈچ ياش مۇزىكانتنىڭ مۇزىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان. فىلىمدە ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى كېزىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مول ئۇسسۇل-مۇزىكا بايلىقى ھەمدە قىزغىن تۇرمۇشىدىن ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە خام ماتېرىيال ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، قوزغالغاندىن تارتىپ ئېتىلغىچە بولغان قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى چۆچەكتىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، يول بويى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە يېتىپ بارغان، يەنە ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا بارغان، سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاستتىن ئۆتۈپ، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭغان، پەقەت چوڭ تىپتىكى كۆچۈش ۋاقتىلا 16 قېتىمغا يەتكەن. توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان سۈرەتكە ئېلىش ئىجادىيەت ئەترىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش بىلەن بىللە، گۈزەل مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ ـ ئادىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجادىيەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

باش تېما تەھرىرلەش

« جۇڭگو ئارزۇسى» ۋە« روھقا ۋارىسلىق قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ مۇزىكا قوغلىشىش ئارزۇسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد« چېگرانى ساقلاپ، ۋەتەننى قوغداش» ، « خالىس تۆھپە قوشۇش» روھى

مەنبە تەھرىرلەش

  1. تور دۇنياسى