قورماچۆپ (باشقىچە نامى: قورىما چۆپ، قورما چۆپ؛ سومەن) ياغ بىلەن قورۇلغان ھەرخىل شەكىلدىكى چۆپلەرنى كۆرستىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى دائىم ئىستىمال قىلدىغان قورماچۆپلىك تاماقلاردىن مەرۋايت قورماچۆپ (دىڭ دىڭ سومەن)، لەغمەن قورماچۆپ (گەنميەن سومەن)، ئۈزۈپ قورماچۆپ (مەنپەر سومەن) قاتارلىقلار. قورماچۆپ دېگەن بۇ سۆز قورۇش ۋە چۆپ دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان. قورماچۆپ بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغنى دەل قورمگۈرۈچ (قورما گۈرۈچ).