قىچا، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ، كۈنجۈت ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ ئۆسۈملۈك مېيى مەنبەسى. قىچىنىڭ دېنى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، ئادەتتە50 پىرسەنتكە يېتىدۇ.

قىچا دېنىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، مايدىن باشقا يەنە يىرىك ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. قىچا مېيى كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك مېيى قىلىنىپلا قالماستىن، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، كاۋچوك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەرنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. مېيى ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى قىچا كۈنجۈرىسى ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇت بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈش ۋە زەھىرىنى ئايرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىنتايىن ياخشى ھايۋانات بوغۇزى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ دان شاكىلى ۋە سىلىندىرسىمان غولى بىلەن بىۋاسىتە چوشقا بېقىشقا بولىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە قىچا يەنە ئىنتايىن مۇھىم ئۆسۈملۈك دورىسى قىلىنىدۇ.

يېڭى قىچا چېچىكى يەنە مۇھىم ھەسەل مەنبەسى. ھەسەل ھەرىلىرى قىچىنىڭ شىرنىسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن قىچىنىڭ مەھسۇلاتى روشەن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ھەسەلنىڭ قىممىتىمۇ قىچا دېنىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

قىچا ئېلىمىزدە2000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە، قەدىمكى يېزا ئىگىلىك ئىلمىدە قىچا پەرۋىشىنىڭ دېھقانچىلىق مەزگىلى، ۋاقتى توغرىسىدا ئالاھىدە تەتقىقاتلار بار. مەسىلەن، «تېرىقچىلىق - پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن كىتابتا «قىچىنى9 - ئايدا ۋاقتىدا تېرىش»، «مۇنبەت يەرگە تېرىش، پات - پات سۇغىرىش» كېرەكلىكى، «10 - ئايدا تېرىلسا يىلتىز تارتمايدىغانلىقى» دېيىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قىشتا كۆپلەپ ئوغۇت بېرىش تەكىتلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدە ئوغۇتنى بەرمىگەندە، ئىككىنچى يىلى قىچا ياخشى ئۆسمەيدۇ دەپ قارالغان. بۇنىڭ ناھايىتى ئىلمىي ئاساسى بار.

ھازىر ئېلىمىز ئالىملىرى قىچىدىن قانداق قىلىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، تەركىبىدە قىچا كىسلاتاسى تۆۋەن بولغان ئەلا سۈپەتلىك قىچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.