قۇمۇل جۈمە مەسچىتى

قۇمۇل جۈمە مەسچىتى قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسى ئازنا بازار مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇمۇلدىكى 309 مەسچىتنىڭ بىرى. بۇ مەسچىت قۇمۇلدىكى ئەڭ قەدىمكى مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇلنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە، بۇ مەسچىت ھىجرىيىنىڭ 895 - يىلى (مىلادى 1490- يىلى) بىنا قىلىنغان دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 514 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ جۈمە مەسچىتنىڭ بىنا قىلىنىشى قۇمۇل تارىخىي ماتېرىياللىرىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى ھۆكۈمرانلىقى تەرىپىدىن قۇمۇلنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق تۆمۈرنىڭ جىيەنى توختىنى باش قىلىپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىقىغا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن جوئەن دېگەننى دورغاپ (مەمۇرىي ياردەمچى) قىلىپ، خوجا مۇھەممەت ئېلىغا يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى بۇيرۇقى، مىڭ بېشى، يۈز بېشى دېگەن ئۇنۋانلار بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەن. خوجا مۇھەممەت باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈم مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلار قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتكە ئېرىشىپ، قۇمۇلدا ئىسلامىيەتنى كېڭەيتىش ۋە تەدرىجىي ھالدا ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بىر قاتار كۈرەشلەردىن كېيىن ئومۇملىشىۋاتقان ئىسلامىيەت ئەھلىنىڭ ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن مەسچىتكە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرلەردە پىنھان ۋە ئاشكارا مەسچىتلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلايدۇ. جۈمە مەسچىتىنىڭ دەسلەپكى ئۇلى شۇ چاغدا سېلىنىپ دەسلەپتە بىنا قىلىنغان ». خوجا مۇھەممەت ئېلى باشچىلىقىدا دۇنياغا كەلگەن بۇ چوڭ جامە شەرىپىگە ئەينى ۋاقىتتا قاغۇم ئېرىقىدىن ئالتە دادەنلىك (60 مو) زېمىن ئاجرىتىلىپ، 40 موسى ئىمامىيەتچىلىككە، 20 موسى مەزىنچىلىككە ۋەخپە قىلىنىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەسچىت قۇرۇلۇپ 285 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 5 - ئەۋلادى ئىساق ۋاڭ زامانىسىدا مەسچىت كونىراپ، ئولتۇرۇشقا يۈزلەنگەن. ھىجرىيىنىڭ 1170 - يىلى، يەنى مىلادى 1775 - يىلى ماھىرۇي ئاپپاق ئىسىملىك بىر مەزلۇم كىشى بارلىق خىراجەت چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، مەسچىتنى قايتىدىن بىنا قىلدۇرغان. 1697 - يىلى قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشلامچىسى مۇھەممەد شاغازى بەگ ئوغلى ئەبەيدۇللادىن باشلاپ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقى تۇرغۇزۇلۇپ، تا 1930 - يىلىغىچە 9 ئەۋلاد 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سىياسەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت تۈزۈمى بولۇپ، ۋاڭلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. بۇ دەۋرىدە قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، ئىلىم - مائارىپ ۋە دىنىي ئىشلارغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە نۇرغۇن مەسچىت - مەدرىسىلەرنى بىنا قىلدۇرغان، شۇنداقلا قۇمۇلغا ئىسلام دىنى تارقىتىپ كەلگەن ئىسلام دىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ قەبرىلىرىنى تاپقۇزۇپ، ئۇلارغا ئاتاپ نۇرغۇن مازارلارنى ياساتقان. 9 - ئەۋلاد شامەخسۇت ۋاڭ دەۋرىدە، كېلەر ئىسمائىل غۇجامنىياز، مۇھەممەد نىياز دېھقان دېگەن كىشىلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى تەرىپىدىن جۈمە مەسچىتىنىڭ جارۇپكەشلىكىگە قويۇلغان ھەمدە شەھەر ئىچى قارغۇ مەرقتە 12 مو جارۇپكەش يېرى بولغان.

جۈمە مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، توپا، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ دەرۋازىسى شەرقكە ئېچىلغان. دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن ئېگىز قەدىمكى قەلئە شەكىللىك سوقما تام مۇنار بار، مۇنارنىڭ 4 بۇلۇڭى ئۇچلۇق چوقچىيىپ چىققان، ئۈستى ئەزان توۋلايدىغان مۇناردۇر. بۇ مۇنارنىڭ ئاستى كەڭلىكى 4 مېتىر، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. مەسچىتنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئوڭ - سول (شىمال، جەنۇب) تەرىپىدە ئالتە ئېغىزدىن ھۇجرا چاپلاپ سېلىنغان. ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى گۈمبەز قىلىپ يېپىلغان. مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپىدە 4 گۈمبىزى بولۇپ، جەمئىي 16 تا گۈمبەزلىك مەسچىت بولغان. گۈمبەزلەرنىڭ جەنۇب قىسمىغا ئىككىدىن كىچىك ياغاچ پەنجىرە قويۇلغان. يەنە تورۇسنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاسا شەكىللىك ياغاچتىن پەنجىرىلىك تۈڭلۈك چىقىرىلغان بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئىچىنى تەبىئىي يورۇتۇپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ ئوتتۇرا، چوڭ قىسمى بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك ھۇجرىلارغا ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئەگمە ئۆتۈشمە ئىشىكلەر بار. مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى قاتار بەشتىن ئون ياغاچ تۈۋرۈك بار بولۇپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ باش قىسمىغا سېۋەت شەكىللىك نەقىش ئويۇلغان. مەسچىتنىڭ تورۇسلىرىدا 4 بۇلۇڭلۇق شەكىل ئىچىگە يۇمىلاق سىزىلىپ، ئىچىگە ھەرخىل گۈللەر سىزىلغان، رەڭلىرى ناھايىتى چىرايلىق. مېھراب ئالدى ياغاچ بىلەن كىچىك چاسا شەكىللىك، ئۈستى گۈمبەزلىك ئايرىمخانا قىلىپ بوغۇلغان. قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە بۇ ئايرىمخانىدا قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 9 - ئەۋلادى شامەخسۇت ۋاڭ، تەيجىلەر (ۋەزىرلەر)، ئاخۇنۇملاردىن ئەلەم ئاخۇنۇم (يەنە مەرتىۋىلىك كىشىلەر) ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيالايتتى، تاملارنىڭ قېلىنلىقى 1.5 مېتىر كېلەتتى، ئىچكى تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان، چۆرىسىگە گۈللەر سىزىلغان. مەسچىتنىڭ نەقىش - بوياقلىرى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ نەقىشلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسچىتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، قۇمۇلدىكى باشقا مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىردىنبىر ئىسلامىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. بۇ مەسچىتكە ئەينى زاماندىكى قۇمۇلنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ۋە قەدىمكى قۇرۇلۇش بىناكارلىق سەنئىتى مۇجەسسەملەشكەن.

نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەسچىت ئالدىدىكى سوقما مۇنار يېرىلىپ كەتكەچكە، 1986 - يىلى بۇ مەسچىت بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا ئەسلى قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا قايتىدىن بىنا قىلىنىپ، 1987 - يىلى تامام قىلىندى. بۇ قېتىمقى قايتا قۇرۇلۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 40 مىڭ يۈەن، ۋىلايەت دىنىي ئىشلار باشقارمىسى 40 مىڭ يۈەن، مۇسۇلمانلار 50 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ پۈتتۈرگەن. ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 33.5 مېتىر، كەڭلىكى 22.5 مېتىر، كۆلىمى 754 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 800 دىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىت تاملىرى خىشتىن قوپۇرۇلغان. جەنۇب تېمى بىلەن شىمال تېمىدا 9 دىن جەمئىي 18 دېرىزە قويۇلغان. مەسچىت ئالدى ئىشىكىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ئىككى دېرىزە قويۇلغان. مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى تۈۋرۈكلەر بېتوندىن قاتۇرۇلغان. ئىچىدە ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئىككى قاتار بەشتىن 10 تۈۋرۈك بولۇپ، پەقەت بىرلا تۈۋرۈك ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ياغاچ سېۋەت باشلىق نەقىش ئويۇلۇپ قويۇلغان. مەسچىتنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە ئۈچتىن ئالتە ھۇجرا چىقىرىلغان. بۇ ھۇجرىلارنىڭ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرا، چوڭ قىسمىغا ئۆز ئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان 10 ئەگمە ئىشىك بار. مەسچىتنىڭ ئالدى ۋە ئىككى يان تەرىپىدىكى ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى ياغاچتىن يېپىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكىگە ئوخشاش نەقىشلەنگەن. ئۆگزىنىڭ سىرتقى قىسمى (تۆپىسى) گە گۈمبەز چىقىرىلغان، مەسچىت ئالدى قىسمىنىڭ ئۆگزىسى خۇيلانغان بولۇپ، چاسا شەكىللىك قىلىپ گۈللەر سىزىلغان، ئوتتۇرىسىغا تۈڭلۈك چىقىرىلغان. تۈڭلۈكنىڭ تۆت ئەتراپىدا دېرىزە قويۇلغان بولۇپ، مەسچىت ئىچىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ، كۆركەم، ئۇنىڭ ئوتتۇرا چوڭ قىسمى ئېگىز بولۇپ، تۆت بۇلۇڭىدا تۆت پەشتىقى بار. ئىككى يان تەرىپىدىكى ھۇجرىلارنىڭ ئۆگزىسى مەسچىت ئوتتۇرىسىدىن پەس بولۇپ، ئۈچتىن ئالتە گۈمبەز بار. جەنۇب تەرىپىدىكى ئىككى بۆلۈكى بىلەن شىمال تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭىغا 2 دىن 4 پەشتاق چىقىرىلغان، ھازىر ئۇ جەمئىي 8 پەشتاقلىق، 7 گۈمبەزلىك مەسچىتتۇر. مەسچىت ئىككى قېتىم قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ، يەر يۈزىدىن 3 - 6 مېتىر ئېگىزلىكىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ قالغاچقا، يىراقتىن بۇ ھەيۋەتلىك مەسچىت قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تولۇق ئەكس ئەتكەن.

جۈمە مەسچىتىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ئەسلىدە بىر ئىچكىرى - تاشقىرى قىلىپ سېلىنغان كىچىك مەسچىت بولۇپ، بۇ مەسچىتتە ئادەتتىكى كۈنلەردە كۈندىلىك بەش ۋاق ناماز ئوقۇلاتتى. جۈمە كۈنى بولسا، چوڭ جۈمە مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇلاتتى. كېيىن بۇ مەسچىتمۇ كونىراپ كەتكەچكە، 1996 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. ھازىر بۇ مەسچىتتە بەش ۋاق ناماز ئوقۇلىدۇ. 1998 - يىلى پېشقەدەم ئېلى ئىسمائىل پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى مەبلەغ ئاجرىتىپ، جۈمە مەسچىت قورۇسى ئىچىگە، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇيۇنۇشى ۋە ھەر جۈمە كۈنى يىراق - يىراقلاردىن جۈمە نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ غۇسۇلى تاھارەت قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن بىر مۇنچا، مەسچىتنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى قويىدىغان بىر كىچىك ئامبار ۋە بىر كىچىك دەم ئېلىش ئۆيى سالدۇرغان. بۇ دەم ئېلىش ئۆيىگە نامازغا بالدۇر كەلگەن جامائەت ۋە ئەتراپىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇرئان ۋە دىنىي تەلىم - تەربىيە توغرىسىدىكى كىتاب ماتېرىياللار قويۇلغان. قۇمۇل جۈمە مەسچىتى قۇمۇلدىكى تارىخى ئۇزۇن، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، تىپىك ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى ئەكس ئەتكەن مەسچىتلەرنىڭ بىرى. قۇمۇل شەھەر ئىچى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدىغان ئاساسلىق دىنىي پائالىيەت مەركىزىدۇر.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. قۇربانجان رەھمان، قۇمۇل جۈمە مەسچىتى