ماتۇرىدىيە ياكى ماتۇرىدىلىك (ئەرەبچە: الماتريدي) مەشھۇر تۈرك دىن ئالىمى ئىمام ماتۇرىدىنىڭ ھەنەڧى مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەزەمنىڭ قاراشلىرىغا ئەرگەشكەن، ئەقىلگە مۇھىم ئورۇن بەرگەن ئىسلام دىنى ئىتىقادىي مەزھىبىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ( شەرقى تۈركىستان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزى ئاسىيا، ئاڧغانىستان، پاكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەل مەملىكەت مۇسۇلمان خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.