مۇنكەر ۋە نەكىر
مۇنكەر ۋە نەكىر (ئەرەبچە: منكر ونكير) كۆرۈمسىز ئىككى پەرىشتە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن: رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىس (تىرمىزىي: 1071) تە: «مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ» دەپ كەلگەن[1].
|
مەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ «معجم مصطلحات العلوم الشرعية (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلار قامۇسى)»، 1636 - بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، ئالىملار گۇرۇپپىسى، رىياد، م. 2017.