مەمتىمىن ھوشۇر

جۇڭگو يازغۇچىسى
ھۆججەت:Memtimin hoshur.jpg
داڭلىق يازغۇچى - مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.


قىسقىچە ھاياتى تەھرىرلەش

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968- يىلدىن 1972- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلدىن 1975 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975- يىلدىن 1979- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.


يازغۇچىلىق ھاياتى تەھرىرلەش

مەمتىمىن ھوشۇر - 1979- يىلدىن 1995- يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1995- يىلدىن 2006- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. 1978 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى، «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۆزبېك تىلىغا، "ئايخان" ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قازاق تىلىغا، "ئىت ئېتىش"، "گۆركار" ناملىق ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە نەشر قىلىنغان.[1]

كىتابلىرى ۋە ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

ھۆججەت:Qum basqan shahar.jpg
قۇم باسقان شەھەررومانىنىڭ مۇقاۋىسى

ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىققان كىتابلىرى:

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يەنە ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىن تاللاپ «مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ئەسەرلىرى <1>، <2>، <3>» دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابنى نەشر قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» خەنزۇ تىلىدا (ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ، «ئوت كەتكەن دەريا»(خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

2006- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭ «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.[2]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى
  2. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: بىلىۋال تورى