مەدرەسەئى نىزامىيە

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى نىزامىيە مەدرەسەسى)

مەدرەسەئى نىزامىيە ياكى نىزامىيە مەدرەسەسى (ڧارسچە: نظامیه، ئەرەبچە: النظامیه، ئىنگ: The Nizamiyyah) مىلادىيە 1063-يىلى باغداد شەھرىنىڭ يېنىدىكى تىگرىس دەرياسى بويىغا تەسىس قىلىنغان نىزامىيە مەدرىسەسى ئىسلام دۇنياسىدا قەدىمىي ۋە نوپۇزلۇق، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نامى ئەرەبچە ”مەدرەسەئى نىزامىيە“ دەپ ئاتىلىدۇ. بىر مۇنچە غەرب ئالىملىرى بۇ مەدرىسەنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تۇنجى ھەقىقىي ئۇنىۋېرسىتېت دەپ قارايدۇ.

مەزكۇر مەدرىسەنى 1063-يىلى تۈرك سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئالپ ئارسلانخاننىڭ يارلىقى بىلەن، مەزكۇر سۇلالىنىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇل مۈلك مەسئۇل بولۇپ، ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ تەسىس قىلغان ۋە مەزكۇر مەدرىسەنىڭ نامىنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن «مەدرىسەئى نىزامىيە» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراقتىكى بەسرە، موسۇل، شۇنداقلا نىشاپۇر، بەلخ، ھىرات، ئىسپاھان قاتارلىق جايلاردا نىزامىيە نامى بىلەن نۇرغۇن مەدرىسەلەرنى تەسىس قىلغان ۋە ھەممە مەدرىسەلەردە كۇتۇپخانا بەرپا قىلغان.

ئەرەب ئالىملىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، مەزكۇر مەدرىسە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئابدۇللا مەئمۇن (813-833) مىلادىيە 830-يىلى يارلىق چۈشۈرۈپ باغدادتا تەسىس قىلغان ”بەيتۇل ھىكمەت“نىڭ ئىلىم-پەن ئەنئەنىسىگە تەقلىد قىلىپ تەسىس قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىسلام ئىلىم-پېنى ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، ئالىي دەرىجىلىك ئۇلىما، مۇپتى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. غەرب تارىخشۇناسلىرى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىسلام ئىلاھىيەت دارىلفۇنۇنلىرىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ياتاقلىرى كەڭتاشا، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، مەكتەپ قارىمىقىدا مەسچىت ۋە چوڭ كۆلەملىك كۇتۇپخانا بار ئىدى.

بۇ مەكتەپتە 1063-يىلى دەرس باشلانغان، تەسىس قىلىنغان دىنىي دەرسلەردىن: ئىلمى قۇرئان، ئىلمى ھەدىس، ئىلمى كالام، ئىلمى فىقھە، پەلسەپە قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىنىڭ يېڭى ئىلمى كالامى ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئىلمىي فىقھە دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. مەدەنىيەت دەرسلىرىدىن: ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە(ئىلمى تەقۋىم) ۋە تېبابەتچىلىك قاتارلىقلار ئۆتۈلەتتى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەر ھەققىدە مەخسۇس تېمىلار بويىچە لېكسىيەلەر بېرىلەتتى. فاتىمىيە سۇلالىسى مىسىردا تەسىس قىلغان جامىئە ئەزھەردە ئەينى ۋاقىتتا شىئەلەر ئەقىدىلىرى تەرغىبقىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى ھالدا نىزامىيە مەدرىسەنىڭ ئوقۇتۇشىدا سۈننىيلەرنىڭ ئەقىدىلىرى، فىقھە ئىدىيەسى ۋە پەلسەپە نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۆگىتىلەتتى. مەزكۇر مەدرىسە مۇكەممەل ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، قابىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە ئىدى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم مەشھۇر سۈننىي مەزھىپى ئۇلىمالىرى ۋە ئەللامەلىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزەتتى. مەسىلەن، سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئۇلىماسى ئەل غەززالىنى ئىلمى كالام ۋە پەلسەپە دەرسىنى سۆزلەشكە، شافىئىي مەزھىپىنىڭ فىقھەشۇناسى ئەبۇ ئىسھاق شىرازى(1083-؟)نى فىقھە دەرسىنى سۆزلەشكە، ئېرۇسالىمنىڭ مەشھۇر قازىسى بەھائىددىن ئىبنى سادەتنى فىقھە ۋە تارىخ سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانىدى. مەزكۇر مەدرىسە ئىسلام ئىلىم-مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشنى، ئالىملارنىڭ ئەسەر يېزىپ تەلىمات يارىتىشىنى يۈكسەلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى، دائىم تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئىلمىي قاراشلارنى ئالماشتۇراتتى، شۇنداقلا نىشاپۇر، بەسرە، موسۇل ۋە ئىسپاھانلاردا تەسىس قىلىنغان ئۆزى بىلەن ئوخشاش نامدىكى مەدرىسەلەر بىلەن ئىلمىي ئىشلار جەھەتتىن ئالاقە قىلاتتى، ئۇلارغا ئۇستاز يېتىشتۈرۈپ بېرەتتى ھەمدە خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ھەر قايسى مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر مەدرىسە ئەينى ۋاقىتتىكى سۈننىيلەرنىڭ دىنىي مائارىپى ۋە ئىلىم-مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. مەدرىسە مەسئۇللىرىنى نىزامۇل مۈلك سالجۇقىلار سۇلالىسىگە ۋاكالىتەن بىۋاسىتە تەيىنلەيتتى ھەمدە ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئۇستاز-خادىملار، تالىپلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققانىدى. مەدرىسە راسخوتىنىڭ كۆپىنچىسى سۇلالە ئوردىسى بەيتۇلمال(دۆلەت خەزىنىسى)دىن بېرىلەتتى، تالىپلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ھەقسىز ياتاقتىن بەھرىمەن بولاتتى. مەدرىسە ھېسابىدا نۇرغۇن فوند ۋە كۆچمە مۈلۈك بولۇپ، بۇلار ئۇستاز ۋە تالىپلار تەمىناتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىدى.

12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى مەشھۇر ساياھەتچى ئىبنى جۇبەير نىزامىيە مەدرىسەنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىكەن. ئۇ «جۇبەير ساياھەت خاتىرىسى»دە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”باغدادتا 30 مەدرىسە بولۇپ، ھەممىسى شەرقىي قوۋۇقنىڭ ئىچىدە ئىكەن، ھەربىر مەدرىسە گويا بىر گۈزەل ئوردىغا ئوخشايدىكەن، بۇ مەدرىسەلەرنىڭ ئەڭ چوڭى نىزامىيە مەدرىسە ئىكەن. ھەممىلا مەدرىسەنىڭ نۇرغۇن فوندى ۋە مۇقىم مۈلكى بولۇپ، مۇدەررىسلەر ۋە تالىپلارنىڭ تەمىناتىغا ئىشلىتىلىدىكەن. مېنىڭ باغدات شەھىرىدە تۇنجى رەت ئاڭلىغان دەرسىم شافىئىي مەزھىپىنىڭ شەيخى غەزۋىنىنىڭ تەبلىغى بولدى، ئۇ نىزامىيە مەدرىسەنىڭ فىقھە مۇدەررىسى، شۇنداقلا ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ پېشۋاسى ئىدى. جۈمە كۈنى نامازدىگەردىن كېيىن مەن نىزامىيە مەدرىسەگە بېرىپ ئۇنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىدىم. ئۇ پەشتاققا(دەرس مۇنبىرىگە) چىققاندىن كېيىن قارىيلار قىرائەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنچە زىل ۋە يېقىملىق ئىدى. ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ئىپادىسى شۇنچە جانلىق بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەيخ تەبلىغ قىلىشقا باشلىدى، ئۇ تەمكىن، سۈرلۈك قىياپەتتە كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ ئىمكانقەدەر تولۇق شەرھلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەبلىغ ئاڭلىغۇچىلار سوئاللارنى قويۇشتى، ئۇ بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى، ھەرگىز زېرىكمەي تەلىم قىلدى. تەبلىغ ئاڭلىغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىرى سوئاللىرىنى قەغەزگە يېزىپ ئۇنىڭغا بەرگەنىدى، ئۇ بۇ قەغەزلەرنى يىغىۋېلىپ ئاندىن بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. ئۇ تەبلىغ قىلىپ بولغاندا كەچ بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنبەردىن چۈشكەندىن كېيىن تەبلىغ ئاڭلىغۇچىلار ئاندىن تارقاشتى“(ئىبنى جۇبەير: «جۇبەير ساياھەت خاتىرىسى» ئىراققا دائىر قىسمى. ئابدۇرەھمان نا جۇڭنىڭ «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى» 2-قىسىم، 238-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل).

14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىبنى بەتتۇتە باغدادنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەدرىسە تېخىچە مەۋجۇت ئىدى. ئۇ: ”نىزامىيە مەدرىسەنىڭ ھەيۋىتى ئاللىبۇرۇن دۇنياغا مەشھۇر بولغان“ دېگەنىدى.

غەرب ئەللىرىدە تېخى ئالىي بىلىم يۇرتى — ئۇنىۋېرسىتېت مەيدانغا كەلمىگەن چاغدا بارلىققا كەلگەن بۇ ئۇنىۋېرسىتېت — نىزامىيە مەدرىسە(نىزامىيە ئۇنىۋېرسىتېتى) سالجۇقىلار سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىغا زور تۈركۈم دىنىي ئۇلىما، قازى، ئالىم، تېۋىپ ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، ئىسلام ئىلىم-مەدەنىيىتىنى روناق تاپقۇزۇش ۋە تارقىتىش جەھەتتە ناھايىتى زور رول ئوينىدى. 1395-يىلىغا كەلگەندە بۇ مەدرىسە باغدادتىكى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسىگە قوشۇۋېتىلىپ داۋاملىق تۈردە سۈننىي مەزھىپى ئەقىدىلىرى ۋە فىقھەشۇناسلىقى تەشەببۇسلىرىنى تارقاتتى.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

شەمشىدىن ھاجى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

پايدىلانغان ئەسەرلەر:

  1. «جۇڭگو ئىسلام قامۇسى» (خەنزۇچە)، سىچۈەن لۇغەت نەشرىياتى، 1994-يىل 1-نەشرى.
  2. ئابدۇرەھمان نا جۇڭ: «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى»(خەنزۇچە) 2-قىسىم، سودا نەشرىياتى، 1999-يىل 1-نەشرى.
  3. «قىسقىچە بىرىتانىيە قامۇسى» (خەنزۇچە) 6-توم، جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى، 1986-يىل 1-نەشرى.
  4. گېئورگى E كىرىك: «قىسقىچە ئوتتۇرا شەرق تارىخى»(خەنزۇچە) 1-قىسىم، خۇبېي خەلق نەشرىياتى، 1975-يىل 1-نەشرى.
  5. جىن يىجۇ: «ئىسلام دىنى لۇغىتى» (خەنزۇچە)، شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى، 1997-يىل 1-نەشرى.