ياتسام يېسەم، ئۇخلىسام ئۆلمىسەم

"ياتسام يېسەم، ئۇخلىسام ئۆلمىسەم" ناھايىتى بىر چۈشكۈن، غايىسىز، ئارزۇسىز، ئېتقادسىز، ئۈمىتسىز ھايات پوزىتسىيەسى بولۇپ، ئادەتتە پەقەت يەپ، ئىچىپ، ئوسۇرۇپ، چىچىپ بىر ھاياتىنى ئۆتكۈزىدىغان، ئازىراق ئىزدىنىش روھى يوق، ھەممە نەرسە ئالدىغا تەييارلا كەلسە، ھېچقانداق ئىش قىلمىسا بولدىغان ھۇرۇن، تەييارتاپ كىشلەرنى تەسۋېرلەشتە ئىشتلىدىغان بىر ماقال-تەمسلىدۇر. "ياتسام يېسەم، ئۇخلىسام ئۆلمىسەم" دەپ ياشايدىغان ئادىمى ئىنسانلار ئادەملەر توپىنىڭ ھەرقاندىغىدا بولىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر توپلام ياكى گۇرۇپپا كىشلەرگە خاس ئەمەس. "ياتسام يېسەم، ئۇخلىسام ئۆلمىسەم" دەپ ياشادىغان كىشلەرنى ھايۋاندەك ياشايدىغان كىشلەر دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

"ياتسام يېسەم، ئۇخلىسام ئۆلمىسەم" دېگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى تۇرمۇشتا ئوخشىمان مۇھىتتا خالىغانچە باشقا سۆزلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەسلەن "يېسەم ئىچسەم، ئۇخلسام ئۆلمىسەم"، "ياتسام يېسەم، ئوينسام ئۇخلىسام" دېگەندەك.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش