ياز، ئەڭ ئىسسىق، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر پەسىلدۇر. شىمالىي يېرىم شاردا ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەر يازدا كۆرۈلىدۇ. نورمالدە سەڧەر، چىللە، تومۇز ئايلىرى (ئىسسىق كۈنلەر 21- ئىيۇندىن 22- سىنتەبرغىچە)، جەنۇبىي يېرىم شاردا كۆنەك، قەھرىتان، ھۇد (ئىسسىق كۈنلەر 22- دېكابردىن 21- مارتقىچە) ياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

بېلگىيەدە ياز پەسلىدىكى تەبىئەت.

ياز پەسلى ئادەملەر، تەبىئەتنىڭ نۇرغۇن گۈزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتى تاپىدۇ. ئىنسان سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان سۆڭەكلەرنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىن D، قۇياش نۇرىدىن ئېلىنىدۇ. يازدا ئىنسانلار قۇمغا كۆمىلىدۇ. ئىمكان تاپسا تېرە ۋە بەزى كېسەللىكلەرگە پايدىلىق بولغان دېڭىزغا كىرىدۇ. كۈنگە قاقلىنىش رېماتىزىم كېسەللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئەكسەرى بۇ پەسىلدە يېتىشىدۇ. بۇغداي، ئارپا، قۇناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى يۇرتىمىزدا ياز پەسلىدە تەييار بولىدۇ.

يۇرتىمىزدا ئەڭ ئىسسىق يەر تۇرپان ئويمانلىقى بولۇپ يەر ھارارىتى بەئزىدە 70 گرادوسقىچە كۆتۈرىلىدۇ.

قاراڭ تەھرىرلەش