يالپۇز(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yalpuz) بولسا يالپۇز بولسا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇز بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى « پۇدىنە » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن، شىنجاڭدىن، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ئاۋستىرالىيە، ياپونىيىدىن چىقىدۇ.

يالپۇز

ئىنگىلىزچە: Mentha\Mint

رەسىمدە يالپۇز

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

باشقا نامى :فۇدىنەج (ئە)، بۇدىنە(پ)، پۇدىنە(ئو)

خۇسۇسىيتى تەھرىرلەش

ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئاغرىق توختىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرىمېۋە سۇلىرى ، سىركەنجىۋىل ، كەتىرا

ئاغرىق پەسەيىتكۈچ دورىلار.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى مىنتول باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاغرىقىنى توختىتىدۇ،بۇتېرىگەئىشلىتىلسە،ئاۋۋال سوغۇق سېزىم بېرىدۇ ، كېيىن كۆيگەندەك سېزىم بېرىدۇ ، ئىسپىرىتلىق ئېرىتمىسى چىرىشكە قارشى تۇرىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى مىنتول باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاغرىقىنى توختىتىدۇ،بۇتېرىگەئىشلىتىلسە،ئاۋۋال سوغۇق سېزىم بېرىدۇ ، كېيىن كۆيگەندەك سېزىم بېرىدۇ ، ئىسپىرىتلىق ئېرىتمىسى چىرىشكە قارشى تۇرىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

1. يالپۇزنى داۋاملىق يەپ بەرسە ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

2. 10 گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئېزىپ يۈزىگە چاپسا ، يۈزدىكى داغنى ئالىدۇ .

3. 7 گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئېزىپ سۈركىسە ، مۈشۈك چىشلىگەن ، چايان قاتارلىق ھاشاراتلار چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ .

4. 10 گرام يالپۇزنىڭ يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى تېمىتسا ، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە باشقا ئەزاغا چۈشكەن قۇرتنى يوقىتىدۇ ھەم قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى يوق قىلىدۇ .

5. يەتتە گرام يالپۇز يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئەرىقى گۇلاب بىلەن قوشۇپ ئىچسە يەلتاشمىغا پايدا قىلىدۇ ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ، نەپەس قىيىنلىشىش ، غەيرىي تەبىئي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىدىن بولغان قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ .

6. 10 گرام يالپۇز ئۇسارسىنى ياكى ئۆزىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەم سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىشىغىمۇ پايدا قىلدۇ .

7. بەش گرام يالپۇز سۈيىنى ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قوسۇشقا پايدا قىلىدۇ .

8. يالپۇز يوپۇرمىقىنى داكىغا ئوراپ پەرجىگە ھومۇل قىلسا ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ .

9. 10 گرام يالپۇزنى شاراپ بىلەن پىشۇرۇپ چاپسا ، قارا داغنى ئالىدۇ ، توققۇز كۆز ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ .

10. يالپۇزنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ زەھەرلىك ھاشارات چاققان يەرگە چاپسا ، زەھەرنى تارتىپ ئالىدۇ .

11. يالپۇزنى يۇمشاق ئېزىپ قۇرتلاپ كەتكەن ئورۇنغا قويسا، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ .

12. يالپۇزدىن ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

كېسەللىك مىسالى تەھرىرلەش

ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ئىشتىھاسىزلىق ، قۇسۇش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش ، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىشتىن باشقا ، يەنە يۈزدىكى سەپكۈنلەرنى يوقىتىش ، مۈشۈك ، چايان قاتارلىق ھاشاراتلار چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇندىن باشقا يەلتاشما ، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالاردا پەيدا بولغان قۇرتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ .

كېلىش مەنبەبسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.

باشقىلار تەھرىرلەش

زەنجىۋىل

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانما تەھرىرلەش