ياڭاق نېنى: ياڭاق، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەززىلىك بولىدۇ. ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .