ياڭاق بولسا ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ياڭاق (مېۋە قىسمى)
ئۇيغۇرچە نامى ياڭاق
ئەرەبچە نامى جەۋز
ئىنگلىزچە walnut
تونۇش ياڭاقـنىـڭ مېغىزى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 核桃
پارسچە نامى گۇز،گۇردىگان، جاھار مېغىز
ئوردۇچە نامى ئەخرۇت
تەمى تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
ياڭاقنىڭ 3-د (جانلاندۇرۇم) كۆرۈنۈشى

ياڭاق بولسا  ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،  مېغىزى شار شەكىللىك بولۇپ، ئىككى پارچىسى بىرىكىپ تۇرىدۇ، پۈرمە ئېرىقچىسى بولىدۇ.  سىرتىنى قوڭۇر رەڭلىك نېپىز پەردىسىمان ئۇرۇق پوستى ئوراپ تۇرىدۇ، تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس،9-، 10- ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن، خېبىي، شەنشى، كەشمىر، ئىران ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھېسسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تەسىرى تەھرىرلەش

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى تەھرىرلەش

(1) باكتېرىيە، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

(2) تەركىبىدە ياڭاق يېغى تۇتقان يېمەكلىكلەرنى ئىتقا بېرىلسە، بۇنڭ بىلەن ئىتنىڭ تەن ئېغىرلىقى تېزلا ئاشىدۇ، قان شىرىسى ئاق ئاقسىلى كۆپىيىدۇ.

تەركىبى تەھرىرلەش

 
دۇنياغا داڭلىق خوتەن ياڭاقلىرى

ياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %40~50 مايلىق ياغ بار، يەنە %15.4 ئاقسىل، %10 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، فوسفور،  تۆمۈر، كاروتىن، رىبوفلاۋىن قاتارلىقلار بار.

قوللىنىشى تەھرىرلەش

1. ياڭاق مۇرابباسى تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ،چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. ياڭاق مېغىزىدا يالانچۇق تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن يالاپ بەرسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

3. ياڭاقنى سىركىگە چىلاپ يېسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىنى تۈگىتىدۇ.

4. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى كۆيدۈرۈپ يېسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.

5. ياڭاقنىڭ يېلىمىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا چاپسا ياكى ئېزىپ ئاغرىق چىشقا باسسا ئاغرىق توختىتىدۇ.

6. ياڭاق پوستىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، چىشنىڭ تۈۋىدىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، چىشنى چىڭىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى:

ياڭاقـنىـڭ مېغىزى

تۈزەتكۈچىسى:

ئانار سۈيى، بىنەپشە

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

ھەببىتۇلخوزرا، چىلخوزائانار سۈيى، بىنەپشەياڭاقـنىـڭ مېغىزى.

كېسەللىك مىسالى تەھرىرلەش

نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، جىنسىي قۈۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت، يۆتەل، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ