يوتىيۇبچى (كەسپ)

يوتىيۇبچى (باشقىچە ئاتىلىشى: يوتىيۇبچىلار،يوتىيۇبېر، يوتىيۇب تاراتقۇچىسى؛ ئېنگلىزچە: YouTuber) ئادەتتە يوتىيۇب قانىلى ئېچىپ مەخسۇس ھەرخىل ئۈن ۋە سىن پىروگراممىلارنى ئىشلەپ يوتىيۇب ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرنى باشقىلارغا تارقىتىدىغان شەخس ياكى كوللىكتىپتۇر. يوتىيۇبچىلارنى ئۆزتاراتقۇنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئۇلار ئادەتتە يوتىيۇب سىن سۇپىسنى ۋاستە قىلىپ، ھەرخىل مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئاممىغان ياكى مۇخلىسلىرىغان تەتكۈزىدۇ. كۆپ ئەگۈشكۈچىلىرى بار يوتىيۇبچىلارنى ئادەتتە تور چولپىنى ياكى يوتىيۇب چولپىنى دەيدۇ.