يېڭىشەھەر بازىرى

يېڭىشەھەر بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، (ۋاكالەت نومۇرى: 653122100) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، قەشقەر گار بوستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا غەربىي تەرپى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. يېڭىشەھەر بازىرىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5880 مو، نوپۇسى 28397 ئادەم، ئۇنىڭ قارمىقىدا جەمئىي ئۈچ مەمۇرىي كەنت، 20 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 11 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار. بۇ بازارنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، سۇ بايلىقى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بو؛غان ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتلارغا ئىگە. كۆكتات بازىرى بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەن كاتتا نامىمۇ بار. شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، تور-سودا نۇقتىلىرى كۆپ، دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان سودا بازىرىدىن ئۈچى بار، سودا-ئىقتىساد گۈللەنگەن. 2003-يىلى بازار بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2028.98 يۈەنگە يەتكەن.

يېڭىشەھەر بازىرى

英协海尔镇.Yengisheher town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 10 دانە
نوپۇس 41 مىڭ
يەر مەيدانى 13 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېڭىشەھەر بازىرىغا قاراشلىق 12 مەھەللە، 2 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئۇلار: كونا بازار مەھەللىسى، يېڭى بازار مەھەللىسى، ناچۇق دەرۋازا مەھەللىسى، سەككىزتاش مەھەللىسى، قېچىچى دەرۋازا مەھەللىسى، شىشاڭ مەيدان مەھەللىسى، چىڭگۈەن مەھەللىسى، يېڭى ئەسىر مەھەللىسى، ئون ئىككىنچى دوختۇرخانا يولى مەھەللىسى، خۇەنچىڭ يولى مەھەللىسى، كوئىنلون مەھەللىسى، سەككىزتاش كەنتى، كونا بازار كەنتى، ناچۇقدەرۋازا كەنتى قاتارلىقلار.

مائارىپى تەھرىرلەش

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

باشقىلار تەھرىرلەش