گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن

گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن 1968-يىلى 8-ئايدا يېڭسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1987-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھازىر يېڭسار ناھىيە ئوچار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن 1986-يىلى «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. «تاڭدىكى ئۇچقۇنلار» قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «گۈلگە ئوخشىسام» ناملىق شېئىرى 1999-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر شېئىر ئىجادىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھازىر جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.