گۈلياسىمەن(خەنزۇچە: 千日紅) تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، گۈلياسىمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

گۈلياسىمەن

تونۇشتۇرۇلىشى تەھرىرلەش

گۈلياسىمەن تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، گۈلياسىمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنىنى كۈمۈش رەڭ، يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى سوقىچاق ياكى ئۇزۇنراق سوقىچاق، گىرۋىكى تولۇق، ئۇچى بىراقلا ئۇچلىنىپ، قىسقا تىكەن ھاسىل قىلىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى شار شەكلىدە بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، ياپىلاقراق، دۈگىلەك شەكىلدە بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى تەھرىرلەش

كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى تەھرىرلەش

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى تەھرىرلەش

ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى تەھرىرلەش

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغان ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

رېتسىپلار تەھرىرلەش

گۈلياسىمەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

گۈلياسىمەندىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، كۆز خىرەلىشىش ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام گۈلياسىمەننى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىچىپ بەرسە، زىققە، يۆتەل، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆز ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.