ھەدىس

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھەدىس شەرىف)

ھەدىس، ياكى ھەدىسى شەرىڧ (ئەرەبچە: اَلْحَدِيثْ ياكى اَلْحَدِيثِ اَلشَرِيفْ)، لوغەتتە سۆز، خەبەر، كېيىن بارلىققا كەلگەن نەرسە دېگەن مەنىلەرگە كېلىدىغان ھەدىس دىنىي ئاتالغۇدا بىر رىۋايەت زەنجىرى بىلەن ئىسلام پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىسناد قىلىنغان ۋە ئۇ زاتنىڭ ئوخشىمىغان ۋەقە ۋە مەسىللەر قارشىسىدا ياكى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى تۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆزلىگەن دەپ ئىشىنىلىدىغان سۆز، ئىش - ھەرىكەت ۋە تەقرىرلەرنى (ماقۇللاش) ئىپادىلەيدۇ.

ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىشى، نەقىل ۋە باھا بېرىش بىلەن شوغۇللانغۇچىغا مۇھەددىس (ھەدىسچى) دېيىلىدۇ. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى ئىتىبارى بىلەن، بىلىنگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەدىس ۋىدا خۇتبىسىدۇر. ھەدىسلەر "رىۋايەتچى ئىماملار" ۋاستىسى بىلەن ئىسلامىي چۈشەنچىدە قۇرئاندىن كېين شەرىئەتنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبەسى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن.

تۈرلىرى ۋە قۇرۇلمىسى تەھرىرلەش

خاسلىق ۋە ئالاھىيدىلىكلىرى تەھرىرلەش

دىندىكى يېرى تەھرىرلەش

ھەدىس تارىخى ۋە مەشھۇر راۋىيلەر تەھرىرلەش

سۈننىي ۋە شىئە ھەدىس توپلاملىرى تەھرىرلەش

ھەدىسكە بولغان مۇئامىلە تەھرىرلەش

مۇسۇلمانلار ھەدىسكە نىسبەتەن ئۈچ ئاساسلىق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئۇلار:

بىرىنچى، ھەدىسنىڭ سەھىھ ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىنى تەھقىقلەش.

ھەدىسشۇناسلار بەلگىلىگەن تەپسىلىي ئىلمىي ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ھەدىسنىڭ سەھىھلىك ۋە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى تەھقىقلىنىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولسۇن، ياكى ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى بولسۇن سەنەدى ۋە تېكىستىنى تەھقىقلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، تەتقىقاتچىلار ھەدىسنى تەھقىقلەشنى ئىلىملىك، تەجرىبىلىك ھەدىس ئالىملىرىغا تاپشۇرۇشى لازىمدۇر. بۇ ئالىملار ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ﴿ ھېچكىم ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھقا ئوخشاش ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ ﴾ {سۈرە ”فاتىر“، 14-ئايەت} دېگەندەك پۈتۈن ئۆمرىنى ھەدىس ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكى، قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغاندۇر.

ئىسلام ئۈممىتى ھەدىس ئۈچۈن بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پەن بەرپا قىلغان، ئۇ ”ھەدىس قائىدىلىرى ئىلمى“ياكى ”ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلمى“ دەپ ئاتالغان. ئۇ فىقھە ئىلمىدىكى ”فىقھە قائىدىلىرى ئىلمى“ گە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەدىسشۇناس ئىبنى سالاھ «مۇقەددەمەتۇ ئىبنى سالاھ» (ئىبنى سالاھنىڭ مۇقەددىمىسى) دېگەن مەشھۇر كىتابىدا، بۇ پەن تەركىبىدىكى بارلىق ئىلىمنى تۈرگە ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمام سۇيۇتى «تەدرىب ئەرراۋى» (رىۋايەتچىلەرنى چېنىقتۇرۇش) دېگەن كىتابىدا «ئىبنى سالاھنىڭ مۇقەددىمىسى»گە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى قوشقان.

ھەممىگە مەلۇمكى، ھەدىس قائىدىلىرى ئىلمىدىن ئىبارەت بۇ پەنگە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئالىملارنىڭ پىكرى بىردەك بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرگە قارىتا ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ ئىختىلاپلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ھەمدە مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، تاللاش-شاللاش ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەدىسنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى مىسالغا ئالايلى. بۇ مەسىلە ھەدىسنىڭ قايسى دەرىجىدە بولغاندا ئاندىن ئىشەنچلىك بولىدىغانلىقى ۋە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، قايسى خىلدىكى ھەدىس ئوخشىمىغان بىرقانچە سەنەدگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدىغانلىقى، قانداق زەئىپ ھەدىسكە ئىشەنگىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

يەنە مىسالەن، ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى ھۆكۈم چىقىرىش ئاساسى قىلىشقا، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شەرتى شۇكى، بۇ ھەدىس ئالاقىدار بولغان مەزمۇن ئەقلىي تەپەككۇر دائىرىسىگە تەۋە بولماسلىقى لازىم. بىر قىسىم ھەدىسشۇناس ئالىملار بەزى ھەدىسكە قارىتا بۇ خىل قوبۇل قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ئەقلىي تەپەككۇر دائىرىسى ئىچىدە بولۇشىغىمۇ يول قويغان.

شۇنىڭدەك، ھەدىسنىڭ تېكىستىنى تەھقىقلەشتە بەزى سەلەپ ئالىملىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دەۋرگە ئاساسلىنىپ بۇ خىلدىكى ھەدىسلەرنىڭ تېكىستىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە بەزى ھەدىسلەرنىڭ تېكىستىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارالماقتا.

ئىككىنچى، ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش.

ھەدىسنىڭ تېكىستىنى توغرا چۈشىنىش، شۇنداقلا ھەدىسنىڭ تېكىستىگە چېتىشلىق مەزمۇنلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ۋەزىپە ياكى ئەمەسلىكىنى تەھلىل قىلىشتا ھەدىس سۆز-ئىبارىسىنىڭ مەزمۇنى، ھەدىسنىڭ باش-ئاخىرى، ھەدىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسىي مەقسەت-نىشانى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەدىسنىڭ تۈرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئەھكام چىقىرىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكى ياكى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەزھەرنىڭ سابىق شەيخى مەھمۇد شەلتۇت مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىچىدە ئەھكامغا تەۋە بولغانلىرى ئومۇمىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكتۇر، بەزى سۈننەتلەرنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت چەكلىمىسى بار، شۇڭا ھەدىسنى چۈشەنگەندە ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر“.

بۇ خەتەر سابىت بولمىغان ھەدىسلەردىن، ھەتتا سابىت بولغان سەھىھ ھەدىسلەردىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىپ ھەدىسكە، سۈننەتكە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدىكى مۇھەققىق ئالىملار بىزنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى خاتا چۈشىنىشتىن قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۈچىنچى، ھەدىس تېكىستىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ياكى شۇ ھەدىستىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھەدىس بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش.

ھەدىس تېكىستىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ياكى شۇ ھەدىستىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك، رىۋايەت يوللىرى تېخىمۇ كۆپ، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە روھىغا تېخىمۇ ماس، شەرىئەتنىڭ ئېنىق ۋە ئومۇمىي مەقسەت-نىشانىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان ھەدىس بىلەن زىت ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. چۈنكى، شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي ۋە ئېنىق نىشانى بىر ئىككى ھەدىسكە ئاساسەن بەلگىلەنمەستىن بىر پۈتۈن «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنىڭ تېكىستى ۋە ھۆكۈمى، شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس مەزمۇنىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەندۇر. بۇ ئامىل فىقھەنىڭ مەقسەت-نىشانىنى ئىشەنچلىك، روشەن ۋە شۈبھىسىز قىلغان. «قۇرئان» ۋە ھەدىس مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى سېلىشتۇرۇش، تاللاش-شاللاش مەسىلىسى فىقھە قائىدىلىرى ئىلمى ۋە ھەدىس قائىدىلىرى ئىلمى تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى. چۈنكى، «قۇرئان» ۋە ھەدىس ئوتتۇرىسىدا ئەسلى توقۇنۇش يوق، شۇڭا فىقھەشۇناسلار ۋە ھەدىسشۇناسلار ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى (ئەگەر ماسلاشتۇرغىلى بولسا) ياكى سېلىشتۇرۇش ۋە تاللاش-شاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ شەكلەن توقۇنۇشنى يوقىتىدۇ. ئىمام سۇيۇتى «تەدرىب ئەرراۋى» دېگەن كىتابىدا يۈزدىن ئارتۇق شاللىۋېتىلگەن ھەدىسنى خاتىرىلىگەن.[1]

مەنبە تەھرىرلەش