ئوسمان بىننى ئەففان

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھەزرىتى ئوسمان)
ئوسمان ئىبنى ئەففان
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 47 / م. 576
ۋاپاتىھ. 35 / م. 656


ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي) ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656) راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئۈچىنچىسى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن «زۇننۇرەين (ئىككى نۇر ئىگىسى)» دەپ نام ئالغان. ساھابىلەردىن تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، ئادەتتىن تاشقىرى ھاياسى ۋە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ئوسمان ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئەرمېنىيە، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە سىپرۇس فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 146 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 35 - يىلى 18 - زۇلھەججە / م. 656- يىلى 17 - ئىيۇلدا ئۆيىدە «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا شەھىد قىلىنغان[1].

ئۇ ئۆمەردىن كېيىن خەلىپە بولغان، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ئۈزلۈكسز كېڭەيگەن،مىسىر ۋە شىمالى ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ قوشۇنى جەيھۇن دەرياسىغىچە بېرىپ، ما ۋەرائۇن نەھر ئابدۇللا بىننى ئەبى ئامىرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، زەيد بىننى سابىتنى ئۆزى جەملىگەن قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى يېزىشقا بۇيرىغان. ئۇنى يەھۇدىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ئالاقىدار تەھرىرلەش

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى