ئەشەرەئى مۇبەششەرە

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە)


ئەشەرەئى مۇبەششەرە (ئەرەبچە: اَلْعَشَرَةِ الْمُبَشِّرُونَ بِاْلْجَنَّةِ/ ئەل ئەشەرەت-ىل مۇبەششىرۇنە بىل جەننەھ). سۈننىي ئىسلام ئاتالغۇسى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ھايات ۋاقتىدىلا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن، يەنى ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلغان ئون كىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ئاتالغۇ. شۇنداقلا ئەل مۇبەششىرۇن بىل جەننەھ ئاتالغۇسىمۇ بۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتە ساھابە ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف ۋە سەئىد بىن زەيىدنىڭ شۇ رىۋايىتى باردۇر: «أبو بكر في الجنة، وعمر في الجنة، وعثمان في الجنة، وعلي في الجنة، وطلحة في الجنة، والزبير في الجنة، وعبد الرحمن بن عوف في الجنة، وسعد بن أبي وقاص في الجنة، وسعيد بن زيد في الجنة وأبو عبيدة بن الجراح في الجنة.» (ئەبۇ بەكرى جەننەتلىك، ئۆمەر جەننەتلىك، ئوسمان جەننەتلىك، ئەلى جەننەتلىك، تالھا جەننەتلىك، زۇبەير جەننەتلىك، ئابدۇرراھمان بىن ئەۋف جەننەتلىك، سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس جەننەتلىك، سەئىد بىن زەيىد جەننەتلىك ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە بىن جەرراھ جەننەتلىكتۇر)

بۇ ئون زاتنىڭ تۆرتى خۇلەڧائى راشىددىن دەپ تونۇلغان تۆرت خەلىپىدۇر.

بۇلاردىن باشقا يەنە ساھابەلەردىن خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد، ئابدۇللاھ ئىبن سالام، ئۇكاشا بىن مۇھسىن قاتارلىقلارغىمۇ جەننەت بىلەن سۆيۈنچ بېرىلگەن. لېكىن بۇ ئون كىشى بىر ھەدىستە تەڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاتايىن ئەشەرەئى مۇبەششەرە دەپ ئاتالغان. ئەھلى شىئە بۇ ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

رەسم ئىسم ئۆمرى كۆمۈلگەن يېرى ھەققىدە
ئەبۇبەكر سىددىق ئابدۇللاھ ئىبن ئەبى قۇھافە ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي

أبو بَكر الصّدِّيق عبد الله بن أبي قُحافة التَّيمي القُرَشيّ

(ھ. بۇرۇن 50 ـ - ھ. 13 / م. 573 - 634) مەسجىدى نەبەۋىي،

رەسۇلۇللاھ ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن بىرگە،

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

راشىد خەلىپىلەردىن بىرىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى تۇنجى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى، ئۇ ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ يېقىن دوستى، مەدىنەگە ھىجرەت قىلىشتا سەپەردىشى. ئەبۇ بەكرى ئىسلام دۆلىتىگە سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى ۋەلىي، ئەدلىيە ۋە قوشۇن تۇرغۇزۇشتىن باشلىغان. رەسۇلۇللاھدىن كېيىن نۇرغۇن ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا ئۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى ۋە پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا توپلىغۇچە ئەبۇ بەكرى ئىسلام ئوردۇسىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىراق ۋە شام فەتھىنى باشلىغان، ئۇ ئىراق ۋە شامنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى.
ئەبۇ ھافىز ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەل ئەدەۋىي ئەل قۇرەشىي

أبو حفص عمر بن الخطاب العدوي القرشي

(ھ. بۇرۇن 40 ـ - 26 زۇلھەججە ھ. 23 / م. 586 ياكى 590 - 7 نويابر 644 مىلادى) مەسجىدى نەبەۋىي،

رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇبەكرى سىددىق بىلەن بىرگە،

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە لەقەبى فارۇق ئېرۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە ئىسلام دىنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ دائىرىسى ئىراق، مىسىر، لىۋىيە، شام، پېرسىيە، خوراسان، شەرقىي ئانادولۇ، جەنۇبىي ئەرمېنىيە، سىجىستان ۋە ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەل ئەمەۋىي ئەلقۇرەشىي

أبو عبد الله عثمان بن عفَّان الأموي القرشي

(ھ. بۇرۇن 47 - ھ. 35 / م. 576 - 656) باقىيە قەبرىستانلىقى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئۈچىنچىسى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، لەقەبى زىننۇرەيىندۇر. ئوسمان ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب ۋاپات بولغاندىن كېيىن توپلانغان شۇرادىن كېيىن خەلىپىلىككە سايلانغان، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى تەخمىنەن ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىدە، قۇرئان توپلانغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كېڭەيتىلگەن ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئەرمېنىيە، خۇراسان، كېرمان، سىجىستان، ئىفرىكيە ۋە سىپرۇس فەتىھ قىلىنغان. ئۇ تۇنجى ئىسلام دېڭىز فىلوتىنى قۇرغان. ئۇنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ شېھىت بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقەلەر يۈز بەردى.
ئەبۇلھەسەن ئەلى بىن ئەبى تالىب ئەل ھاشىمىي ئەل قۇرەشىي

أبو الحسن علي بن أبي طالب الهاشمي القُرشي

(هـ . بۇرۇن 13 رەجەب 23 / م. 17 مارت 599 - ھ. 21 رامىزان 40 / م. 27 يانۋار 661) كۇفە، نەجەف مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرە ئىنىسى ۋە قىزى فاتىمەنىڭ يولدىشى، توغرا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچىسى، شۇنداقلا ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرىنچىسى. ئۇ ھىجرىيە 35 - يىلى (مىلادىيە 656 - يىلى) مەدىنەدىكى خەلىپىلىككە ئولتۇرغان، ئۇ بەش يىل ئۈچ ئاي خەلىپەلىك قىلغان ۋە خەلىپە ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى كېڭىيىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن جەڭلەر يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىرىنچىسى تۆگە جېڭىدۇر. ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىياسىتىگە قارشى گۇرۇپپىلار ناۋاسىب دەپ ئاتالغان، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى خاۋارىجلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىلادىيە 401 - يىلى رامىزاندا ئابدۇراھمان بىن مۇلجەمنىڭ قولىدا شەھىد بولغان.
ئەل زۇبەير بىن ئەل ئەۋۋام ئەل قۇرەشىي ئەل ئەسەدىي

الزُّبَيْرُ بن العَوَّام القرشي الأسدي

(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656) بەسرە رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئاكىسى ۋە ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى، لەقىمى رەسۇلۇللاھنىڭ شاگىرتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ۋە مىسىرنى بويسۇندۇرۇشقا قاتناشقان، ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي

طَلْحَة بن عُبَيْد اللّه التَّيمي القُرشي

(ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656) بەسرە ئۇ ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۇنى يەردە مېڭىۋاتقان شەھىد دەپ ئاتىغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئۇ بەدر ئۇرۇشى، ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن باشقا شام فەتھىگە قاتناشقان. ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. ئوسمان بىن ئەففان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان قاتىللىرىنىڭ جازاسىنى تەلەپ قىلىپ بەسرەگە بارغان ۋە تۆگە ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ئابدۇرراھمان ئىبن ئەۋف ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي

عبد الرّحمن بن عوف القرشيّ الزهريّ

(43 ق هـ - 32 هـ / 580 - 656م) باقىيە قەبرىستانلىقى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

ئۇ ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇل ئەمر بولۇپ، ئابدۇلقابا دېيىلگەن، كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئابدۇراھمان دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق جىھادلارغا قاتناشقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىر فەتىھتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا دۇئا - تىلاۋەت قىلغان، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتى.
سەئىد بىن زەيىد ئەل قۇرەشىي ئەل ئەدەۋىي

سَعِيد بن زَيْد القرشي العدوي

(22 ق.هـ - 51 هـ / 600 - 671م) ئەقىق

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

ئىسلامغا دەسلەپ كىرگەن ئەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئون ئۈچىنچى كىشىدۇر. دادىسى زەيد ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە ھەنىفلەردىن ئىدى. بۇتقا چوقۇنمايتتى ۋە سەجدە قىلمايتتى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ نەۋرە ئاكىسى، سىڭلىسى ئاتىكە بىنت زەيد ئۆمەرنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئايالى فاتىمە بىنتى ئەل خەتتاب بولسا ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ ئۆمەر بىن ئەل خەتتابنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. سەئىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بەدرى ئۇرۇشىدىن باشقا بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ يەرمۇك ئۇرۇشى، دەمەشىق قورشاۋى ۋە فەتھىگە قاتناشقان.
سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس مالىك ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي

سَعْد بن أَبي وقاص مَالِك القرشي الزهري

(23 ق هـ أو 27 ق هـ - 55 هـ / 595 أو 599 - 674م) باقىيە قەبرىستانلىقى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە

ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق چىقارغان، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ماھارەتلىك ئوقياچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ قەدىسسىيە ئۇرۇشىدا پارسلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە جالاۋلادىكى پارسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇ ئىراقتىكى خۇسرا شەھەرلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئىسلامنىڭ پېرسىيەنى بويسۇندۇرۇشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 17 - يىلى كۇفەنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى بولغان، ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان.
ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر بىن ئابدۇللاھ بىن ئەل جەرراھ ئەل فەھرىي ئەل قۇرەشىي

أبو عبيدة عامر بن عبد الله بن الجراح الفهري القرشي

(ھ. بۇرۇن 40 / م. 584 - ھ. 18ـ / م. 639) ئىئوردانىيە ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۈممەتنىڭ كاتىپى دەپ ئاتىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممەت، ھەر مىللەتنىڭ بىر ۋەكىلى بار، بىزنىڭ ۋكىلىمىز ئەبۇ ئۇبەيدە بىن ئەل جەرراھتۇر». ئۇ رەسۇلۇللاھ بەدر ئۇرۇشى ۋە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولدى، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن شام دىيارىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن تۆت رەھبەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلىپە ئۆمەر بىن ئەلخەتتاب خالىد بىن ۋەلىدنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەبۇ ئۇبەيدەنى تەيىنلىگەن، ئەبۇ ئۇبەيدە دەمەشىق ۋە باشقا شەھەر ۋە كەنتلەردە غەلىبە قىلغان. ھىجرى 18 - يىلى (مىلادىيە 639)، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىئوردانىيە ۋادىسىدىكى ئېممۇس ۋاباسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

مەنبەلەر تەھرىرلەش