ئابدۇللاھ بىن ئەبى قۇھافە بىن كەئەب ئەتتەيمى ئەل قۇرەيشى (ئەرەبچە:عبد الله بن أبي قحافة عثمان بن كعب التيمي القرشي أبو بكر الصديق)، ياكى قىسقا ئىسمى بىلەن ئەبۇ بەكرى (573 - 634 - ئاۋغۇست 23)، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ساھابىسى ۋە قېيناتىسى. ھەزرىتى مۇھەممەددىن سوڭرە مۇسۇلمان توپلۇغىنىڭ 632 - 634 ئارىسى رەھبەرى ۋە باشقۇرغۇچىسى، بۇ ۋەجدىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ خالەفى بولىشى ئۇنىڭغا تۇنجى خەلىپە ئۇنۋانىنى قازاندۇرغان.

ئەبۇ بەكرى سىددىق

أبو بكر

ھۆسنخەت بىلەن ئەبۇ بەكرى ر.ئە
تەۋەللۇت فىل يىلى، ھ.50 (م.574)مەككە،ئەرەبىستان
تولۇق ئىسمى ئەبۇ بەكر ئابدۇللاھ بىن قۇھافە
ۋەڧاتى
جامادىيەل ئەۋۋەل ھ. 13\م. 634- 23 ئاۋغۇست؛ مەدىنە، ئەرەبىستان
قەبرىسى مەسجىدى نەبەۋىيدىكى، مەدىنە
باشقا ئاتلار سىددىق، ئەلئەتىق،
تېگى ئەرەب
خەلىفەلىك م. 8 ئىيۇن 632 - 23 ئاۋغۇست 634
ئالدىنقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
كېيىنكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
دىنى ئىسلام
ئائىلەسى








ئاتا: ئوسمان ئەبۇ قۇھافە

ئانا: سەلما ئۇممۇل خەير ئايال(لار):قۇتەيلە بىن ئابدۇلئۇززا (ئاجراشقان)، ئۇم رومان، ئەسما بىنت ئۇمەيس، ھەبىبە بىنت خارىجە ئوغۇل:ئابدۇللاھ، ئابدۇرراھمان، مۇھەممەد
قىز: ئەسما، ئائىشە، ئۇممۇگۈلسۈم

خەلىفە ئەبۇ بەكرى دەۋرى ئىسلام دۆلىتى

مۇسۇلمانلىقتىن بۇرۇنقى ئىسمى ئابدۇلكەئبە ئېرۇر. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەبۇ بەكرىگە ئابدۇللاھ ئىسمىنى بەرگەن. سۇننى ئىتىقادىغا كۆرە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىدۇر. ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان لەقەبلىرىدىن بولمىش ئەسسىددىق (سادىق، ساداقەتمەن، دەلىللىگۈچى) سەبەبى بىلەن دائىما ئەبۇ بەكرى سىددىق دەپ يادلىنىلىدۇ. سىددىق لەقەبىنىڭ مىراج رىۋايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەر بىلەن تالاش تارتىش قىلغان مەككە ئەھلىگە "ئەگەر ۋەقەنى بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىسە راست گەپ قىلغاندۇر." دېگەندىن كېيىن بېرىلگەن دەپ قارىلىدۇ.

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابەنىڭ بىرىدۇر

ھەزرىتى پەيغەمبەر، ئەبۇ بەكرى ر.ئە نىڭ قىزى ھەزرىتى ئائىشە بىلەن ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككەدە توي قىلغانلىقى ئۈچۈن قېيناتىسىدۇر.

خەلىپىلىگى دەۋرىدە قۇرئاننى مۇسھاف ھالىغا كەلتۈرۈلگەن. سۇننىيلەرچە ئىسلامغا كىر ھۆر ئەرلەرنىڭ، راشىد خەلىفىلەرنىڭ (تۆرت خەلىپە) ۋە ئاشەرەئى مۇبەششەرەنىڭ تۇنجىسىدۇر، شىئەلەرچە ئىسە ئىسلامنى تۇنجى قەبۇل قىلغان ھەز. ئەلى ئېرۇر.