ھەزرىتى ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ

مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى، چاھاريار خەلىپىنىڭ تۆرتىنچىسى، ئىسلامنى تۇنجى قوبۇل قىلغان ساھابىلەردىن، بۇ دۇنيادا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون چوڭ ساھابىنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەتتىن 23 يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 30 ياش كىچىك. ئۇنىڭ دادىسى ئەبۇ تالىپ، ئانىسى فاتىمە بولۇپ، بۇ ئايال ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان.

ئەبۇ تالىپ بالا-چاقىلىق ۋە نامرات ئادەم بولۇپ، رەسۇلۇللاھ خەدىچە ئانىمىز بىلەن توي قىلغاندا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھامىيلىققا ئالغان ئىدى. ئۇ بالىلىق ھاياتىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىدە ئۆتكۈزگەن. كىچىك ۋاقتىدىلا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەھيى كەلگەندە دەرھال ئىمان ئېيتقان. بەلكىم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىمان ئېيتقان تۇنجى ”بالا مۇسۇلمان“ بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇتلارغا چوقۇنۇش خۇراپاتلىقلىرىدىن ئامان قالغان. شۇڭلاشقا ئۇنى پۈتۈنلەي ساپ ئىسلام مۇھىتى ئۈستىدە چوڭ بولغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلەرنىڭ ئەزىيەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان. ئاخىرى رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھىجرەت قىلماقچى بولغان. دەل رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلىدىغان كېچىسى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇيىقەستچىلەرنى ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، شۇنچىلىك خەتەرگە قارىماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆشىكىدە ياتقان. رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تاپشۇرغان ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزۈۋېتىپ، مەدىنىگە قايتقان.

مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار پەيدا بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ جەڭلەر ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىردىنلا ئەڭ چوڭ قەھرىمانغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان قوشۇنلىرى سېپىدە تۇرۇپ باتۇرلارچە جەڭ قىلاتتى، مۇبارىزغا(يەكمۇيەك ئېلىشىشقا) چۈشەتتى. مەسىلەن، ھىجرەتنىڭ 2-يىلى بەدرى جېڭىدا يەكمۇيەك ئېلىشىپ، قۇرەيش پالۋانلىرىدىن ۋەلىد ئىبنى ئۇتبەنى ئۆلتۈرگەن، ئارقىدىن تاغىسى ھەمزىگە ياردەملىشىپ، ۋەلىدنىڭ دادىسى ئۇتبەنىمۇ يىقىتقان.

بۇ جەڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ پەھلىۋان ھەزرىتى ئەلىگە قىزى فاتىمە زەھرا رەزىيەللاھۇ ئەنھانى بەرگەن. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۇھۇد جېڭىدىكى قەھرىمانلىقىمۇ بەدرى جېڭىدىن كەم بولمىغان. ئۇ تاغىسى ھەمزە بىلەن بىللە ئەڭ قىيىن جەڭ مەيدانلىرىدا بولاتتى، بۇ ئىككىسى مۇسۇلمانلارغا روھىي مەدەت بولۇپ تۇرىدىغان پەھلىۋانلار ئىدى. مۇشرىكلار بۇ ئىككى پەھلىۋاننى كۆرسە سۈر باساتتى. جەڭ مەيدانلىرىدا بۇ ئىككىسى نەچچە ئون ئادەمگە تېتىيتتى.

ئۇنىڭ بۇ خىل پەھلىۋانلارغا خاس جاسارىتى خەندەك ئۇرۇشىدىمۇ نامايان بولغان. مەدىنىنى قورشىۋالغان مۇشرىك قوشۇنلىرى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ پەھلىۋانى ئامىر قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەھەرگە كىرىشكە ئۇرۇنغاندا، بەزى مۇسۇلمان پەھلىۋانلىرى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن، ئەمما ھەزرىتى ئەلى بولسا دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاتتىق ئېلىشىپ، كاللىسىنى ئېلىپ تاشلىغان. مۇسۇلمانلار بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن تەكبىر ئېيتىشىپ كەتكەن.

ھەزرىتى ئەلى مەككىنى فەتھى قىلىش ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ”رىزۋان بەيئىتى“دىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدى. خەيبەر جېڭىدە بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك تۇغى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. مۇسۇلمانلار قوشۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىدا تەبۇكقا يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ مەدىنىگە ئەمىر بولۇپ قېلىپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا ھەزرىتى ئەلىدىن تولىمۇ رازى ئىدى. ئۇ ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلاردا ھەزرىتى ئەلىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ مەسچىتكە چىقاتتى. ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇيۇش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەلى ئۆزى قىلغان.

ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى خەلىپە بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلغان ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى سەۋەبلىك ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئالتە ئايلارغىچىلىك چوڭ ئىشلاردا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە بولالمىغان. ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دادىسى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ، ئالتە ئايدىن كېيىن قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى دائىم ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، خەلىپىلىكىگە ياردەملەشكەن. مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، يەنە جەڭلەرنىڭ ئالدىدا بولغان. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىمۇ ھەزرىتى ئەلىدىن رازى بولغان ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۆز ئورنىغا ھەزرىتى ئۆمەرنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەندە: ”ئۇنىڭدىن باشقىسىنى خالىمايمىز!“ دېگەنمۇ ھەزرىتى ئەلى ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگىمۇ دائىم يېقىن تۇردى، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. قازىلىق ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ھەزرىتى ئۆمەر دائىم: ”ئەبۇل ھەسەن(يەنى ئەلى) مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قازىدۇر!“ دەپ ئۇنى ماختايتتى ۋە مەدىنىدىن سىرتقا چىقسىلا ئۇنى ئۆز ئورنىغا نائىب قىلىپ قوياتتى. دائىم ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى، كېيىن ئۇلار تۇغقانلاردىن بولۇپ قالغان.

ھەزرىتى ئۆمەر سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قانچە مۇھىم ئادەملەرنى چاقىرىپ ئۆز ئارىسىدىن بىرىنى خەلىپىلىككە تەيىنلەشنى تاپشۇرغاندا، شۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئەلىمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ”ئەگەر ئۇلار ئاشۇ چاچسىز كىشىنى تاللىسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى، چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ ئىشىنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايتتى“ دەپ ھەزرىتى ئەلى ھەققىدىكى ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنىدى. قارار بېرىش، ئىجرا قىلىش، مۇئامىلە، ئوي-پىكىر ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلەردە ھەزرىتى ئۆمەرگە ئەڭ ئوخشايدىغىنى دەل ھەزرىتى ئەلى ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىن ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. ھەزرىتى ئەلىمۇ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولدى. ھەزرىتى ئوسمانمۇ ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى. ئاسىيلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىنى قورشىۋالغاندا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى كېچە-كۈندۈز ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىشىكىدە قاراۋۇللۇق قىلىپ ئۇنى قوغدىغانىدى.

ھەزرىتى ئوسمان شېھىد قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپىلىككە تەيىنلىدى. ئۇ باشتا بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان. چۈنكى ئۇ خەلىپە بولۇشنىڭ ئورنىغا دائىم خەلىپىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇشنى تېخىمۇ ياقتۇراتتى. ئەمما ساھابىلەر ئىسلام ئۈممىتىنى ئۇ كۈنلەردىكى قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ خەلىپە بولۇشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈممەتنى بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىدە خەلىپىلىكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار بەكمۇ پەرىشان بولۇپ، ساھابىلەر شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشقان، ھەتتا بەزىلەر ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەتمۇ قىلمىغان(ئىبنۇل ئەسىر: «ئەلكامىل»، 3-جىلىد، 195-بەت).

بۇ ۋاقىتلاردا سۇرىيە ئەتراپى شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. ئۇمۇ ۋەزىيەت مۇقۇملاشقىچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مۇسۇلمانلارنى ھەر ۋاقىت قايغۇغا سالىدىغان قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.

ھەزرىتى ئەلى ھىجرەتنىڭ 2-يىلى رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلمىغان. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممۇل بەنىن بىنتى ھەرەم ئەل كلابىيەگە ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىن ئابباس، جەئفەر، ئابدۇللا ۋە ئوسمان ئىسىملىك بالىلىرى تۇغۇلغان. ئەمما ھەممىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن بىلەن بىرلىكتە كەربالادا قەتلى قىلىنغان. بۇ تۆت قېرىنداش ئىچىدە ئابباستىن باشقىلىرىدىن ئەۋلاد قالمىغان.

ھەزرىتى ئەلى كېيىنچە لەيلا بىنتى مەسئۇد ئەل تەمىمىييەگە ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىنمۇ ئابدۇللا ۋە ئەبۇ بەكرى ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلغان. بۇلارمۇ باشقىلىرىدەك ھەزرىتى ھۈسەيىن بىلەن بىرلىكتە كەربالادا شېھىت قىلىنغان. ھەر ئىككىلىسىدىن ئەۋلاد قالمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئەسما بىنتى ئۇمەيس ئەل ھۇسۇمىيەگە ئۆيلەنگەن. بۇرۇن بۇ ئايال ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاكىسى جەئفەرنىڭ ئايالى ئىدى. جەئفەر ”مۇئتە جېڭىدا“دا شېھىت بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغان ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك بالىسى دۇنياغا كەلگەن. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئايال ھەزرىتى ئەلىنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن. ئەسما ھەزرىتى ئەلىدىن يەھيا، مۇھەممەد ئەلئەسغەر ۋە ئەين ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۇغقان. ئەمما ئۈچىلىسىنىڭ بالىلىرى بولمىغان.

ئۇ يەنە بەنى تەغلەب قەبىلىسىدىن ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى زەمئاغا ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالنى خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىراقنىڭ ئەينۇت تەمىر دېگەن يەرنى فەتھى قىلغان ۋاقىتتا ئەسىر ئالغانىدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەزرىتى ئەلىدىن ئۆمەر ۋە رۇقىيە ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتلىك بولغان. ئۆمەر 35 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان.

ھەزرىتى ئەلى يەنە ئۇممۇ سەئىد بىنتى ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد ئەس سەقەفىييەگە ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىن ئۇممۇل ھەسەن ۋە رامىلە ئەلكۇبرا ئىسىملىك ئىككى قىز تۇغۇلغان.

ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا بىر كۈيئوغلى ئەبۇل ئاسنىڭ قىزى، يەنى ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ھەمشىرىسى زەينەپنىڭ قىزى ئۇمامەگە ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىن مۇھەممەد ئەلئەۋسەت تۇغۇلغان.

ئەڭ ئاخىرىدا بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن ھەۋلە بىنتى جەئفەرگە ئۆيلەنگەن. بۇ ئايال ئۇرۇش مەزگىلىدە خالىد ئىبنى ۋەلىد تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئىدى. بۇ ئايالدىنمۇ مۇھەممەد ئىبنى ئەل ھەنەفىييە دەپ تونۇلغان مۇھەممەد ئەلئەكبەر ئىسىملىك بالىسى تۇغۇلغان.

ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغان ۋاقىتتا تۆت ئايالى ۋە 19 چۆرىسى بار ئىدى. ئانىلىرىنىڭ ئىسمى تارىختا خاتىرىلەنمىگەن قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئۇممۇ ھانىي، مەيمۇنە، زەينەپ ئەسسۇغرا(كىچىك زەينەپ)، رامىلە ئەسسۇغرا(كىچىك رامىلە)، ئۇممۇ كۇلسۇم ئەسسۇغرا(كىچىك ئۇممۇ كۇلسۇم)، فاتىمە، ئۇمامە، خەدىچە، ئۇممۇل كىرام، ئۇممۇ جەئفەر، ئۇممۇ سەلەمە ۋە جۇمانە.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ 14 ئوغۇل، 17 قىز، جەمئىي 31 بالىسى بولغانىدى. ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەربالادا شېھىت قىلىنغان بولۇپ، نەسەبى پەقەت بەش بالىسى ئارقىلىقلا داۋاملاشقان. بۇلار: ھەزرىتى ھەسەن، ھەزرىتى ھۈسەيىن، مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەنەفىييە، ئابباس ۋە ئۆمەر قاتارلىقلار.

ئەينى دەۋردە ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇش تەمەسىدە ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ ھال كۈنى قىيىن كۈنگە قالغان، ئىسلام مەركىزىدىكى خەلىپىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئاسىيلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۆز ئىچىدىن توغرا يولدىكى يېتەكچى بىر خەلىپىنىڭ دەرھال مەيدانغا كېلىپ، بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار ھەرقايسى ساھابىلەرنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىپ، جۈملىدىن تەلھە، زۇبەير، ئەلىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خەلىپە بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىشتى. بۇلار بىردەك رەت قىلدى.

خەلىپە سايلانماستىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتتى. باشقا شەھەرلەردىكى قوشۇنلار كېلىۋاتاتتى. ئاسىي قوشۇنلارمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى بار ۋاقتىدا شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە مايىل بىر خەلىپىنىڭ سايلىنىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئوسماننى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى ئامال بار تۆۋەنلىتىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئارقىدىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنى خەلىپە سايلاشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى. بولمىسا چوڭ ساھابىلەرنى بىر باشتىن قىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى، ھەتتا مەدىنىدە قەتلىئام يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا، شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى ئاستىدا ئاخىر ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇشقا، شۇنداقلا خەلقنىڭمۇ ھەق يولدا ئۇنى يالغۇز قويماستىن بىرلىكتە مېڭىشىغا رازىلىق بىلدۈردى. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر قاتارلىقلاردىن باشقا چوڭ ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بەيئەت قىلدى. مۇئاۋىيە ئاسىي قوشۇنلار بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ، بەيئەت مەسىلىسىدە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى. ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولمىسا، بىرىنچى، ئاسىي بەدەۋىيلەر ھوقۇق ئىگىلىۋېلىشى؛ ئىككىنچى، مۇسۇلمانلار بۆلۈنۈپ كېتىشى؛ ئۈچىنچى، مەشھۇر چوڭ ساھابىلەر ۋە خەلق قەتلىئام قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىر خەلىپە بولۇشنى قارار قىلغان. بۇ ھىجرىيە 35-يىلى ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەلۇم شەرتىگە كۆنۈش كېرەكلىكىنى بىلىپ، خەلىپىلىككە چىقىپلا، بىر قىسىم ۋالىيلارنى(بەزى ساھابىلەر ئۇنىمىسىمۇ) ئالماشتۇردى. بىر قىسىم ئىشلارنى تەرتىپكە سالدى. كۇفە، بەسرە، يەمەن ۋالىيلىرى ئالماشتۇرۇلدى. مەككىگىمۇ مۇھىم ئادىمىنى ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ شامدىن باشقا ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ بارلىق ۋىلايەت-ئۆلكىلىرى ۋە ۋالىيلىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى. شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلمىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشى ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەھۋالغا قاراپ بېقىشنى باھانە قىلىپ، ئىپادىسىز بولۇۋالدى.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىك دەۋردىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئىلگىرىكى دەۋردىكىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى يولغا قويۇلغانىدى. بىردىنبىر پەرق شۇ ئىدىكى، ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن ئوي-خىيالى يېڭى فەتھى رايونلىرىدا بولسا، بۇ دەۋردە پەقەت ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتىلغانىدى. ھەزرىتى ئەلى بولسا، مەسىلىلەرگە ھەزرىتى ئۆمەردەك مۇئامىلە قىلغان: چوڭ ساھابىلەرنى مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقارمىغان، قۇرەيشلەرنىمۇ شۇنداق قىلغان، خەزىنىنى مەھكەم تۇتقان، ئىجرادا مەلۇم قاتتىق قول بولغان.

دەرھەقىقەت، مەسىلىلەر كۆپ ئىدى، پىتنىلەر جىق ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقان ۋالىي مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ۋە بىر تۈركۈم ئادەملەر بار ئىدى. ئاسىي قوشۇنلار ئۇنى ھېچ ئىش قىلدۇرمايۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۈچى ئاجىز تۇرۇقلۇق، خەلق ئۇنىڭ ئاسىي قوشۇنلارنى جازالىشىنى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئاقىۋەت ئۇ شامغا جازا يۈرۈشى قىلىشى ئۈچۈن خەلقنى پىدايى بولۇشقا چاقىردى، بەزىلەرنىڭ رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتسىمۇ، ئۇ ھېچكىمنى مەجبۇرلىمىدى. بىر تۈركۈم پىدايىلەر يىغىلدى. قوشۇننىڭ تۇغىنى ئۆز ئوغلى مۇھەممەد ئەلئەكبەر ئىبنى ئەل ھەنەفىيگە تۇتقۇزدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى ئوڭ قاناتقا، ئۆمەر ئىبنى سەلەمەنى سول قاناتقا قويدى. ئەبۇ لەئلا ئىبنى ئامىر ئىبنى ئەل جەرراھنى تۇرشاۋۇل بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، شامغا يۈرۈش قىلدى(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 7-جىلد، 371-بەت). ئۇ بەسرە، كۇفە، مىسىر ۋالىيلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكىتىگە ماسلىشىشقا چاقىردى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمىگەن، ئۇلارغا بىرمۇ ۋەزىپە تاپشۇرمىغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن تەسىر دائىرىسى بار ئادەملەر بولۇپ، ئۇ بىر باش ئاغرىقى سۈپىتىدە يوشۇرۇن تەھدىت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا مەككىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۇ ئەۋەتكەن ۋالىينى قايتۇرۇۋېتىپ، مەككىدىن بەسرەگە كۆچكەنلىكى(ئارىسىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بار ئىدى) خەۋىرى يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرھال قوشۇننى باشلاپ، شامغا ماڭماي بەسرەگە ئاتلانغان بولسىمۇ، ئۇلارغا يېتىشەلمىگەنىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ قاتىللىرى بولمىش ئاسىيلارنىڭ مەدىنىنى كونتىرول قىلىۋېلىشى، ئاسىي قوشۇنلارنىڭ دەرھاللا جازالىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە پىتنىدىن قېچىپ بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ مەدىنىدىن مەككىگە كېتىشى، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ مەككىدىن بەسرەگە كۆچىشى، شامغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نىشاننى ئۆزگەرتىپ بەسرەگە قاراپ مېڭىشى، ئابدۇللا ئىبنى سەبەئ باشچىلىقىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ”جەمەل ۋەقەسى“(بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئىچكى ئۇرۇش) قاتارلىق بىرقاتار ئىشلار كۆڭۈلنى مەلۇم دەرىجىدە غەش قىلسىمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتىسىيىسى، يەنى ئۇرۇشتا ئۇچرىشىپ قالغان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا رەسۇلۇللاھنىڭ: ”ئى زۇبەير! شۈبھىسىزكى، سەن ئەلى بىلەن ھەقسىز تۇرۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالىسەن!“ دېگەن گېپىنى ئەسلىتىپ ھەقىقەتكە قايتۇرىشى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، خاتالىققا يول قويۇپ ئۇرۇشماقچى بولغانلارنى ئەپۇ قىلىپ، بەسرەگە ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى ۋالىي قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرىشى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەق يولدىكى ئىزباسار خەلىپە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ.

شام بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقى ۋە يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر مۇئاۋىيەنىڭ بەيئەتنى كېچىكتۈرۈشىگە ئوبدانلا بىر باھانە بولغان ئىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەزىرىدە مەسىلە ئۇنداق ئەمەس ئىدى، مەدىنىنى دۈشمەن كونتىرول قىلىۋالغان ئىكەن، ھەرقانداق ئۈممەت بۇنى ئاڭلاپلا كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، خەلىپىگە بەيئەت قىلىشى كېرەك ئىدى. يەنى خەلىپە خەلىپە، ۋالىي ۋالىي بولۇشى كېرەك ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئۆزى مۇئاۋىيەگە قارشى شامغا يۈرۈش قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. ھىجرىيە 36-يىلى بۇ ئۇرۇشقا تۆت ئاي تەييارلىق قىلدى. ھەزرىتى ئەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پەقەتلا ئىچ ئاغرىتمايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئادىتى بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىدا داۋاملاشقانىدى. ئالدىغا قانچىلىق توسالغۇ ئۇچرىسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. توغرا يولدىن چەتنىمەيتتى.

ھەزرىتى ئەلى ئالدى بىلەن جەرىر ئىبنى ئابدۇللا ئەلبۇجەلنى ئەلچى قىلىپ مۇئاۋىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلىشىنى ۋە ھەممەيلەن قوبۇل قىلغان خەلىپىلىكىنى ئۇنىڭمۇ قۇبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما مۇئاۋىيە جاۋاب بەرمىدى. جەرىر ئۇنىڭ يېنىدىن نەتىجىسىز قايتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەمراھلىرىدىن بەزىلىرى مۇئاۋىيەنىڭ دەرھال جاۋاب بېرىشىنى كۈتكەنىدى. كۆپ ئۆتمەي مۇئاۋىيەمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. بۇمۇ نەتىجىسىز بولدى. ئاقىۋەت ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەگە جازا يۈرۈشى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇرشاۋۇل قىسىملىرى شامغا كىردى.

ئەمما ھەزرىتى ئەلى قوشۇنغا ئۆزلىرىگە قورال تەڭلىنىشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئەمىر قىلدى. مۇئاۋىيەمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى تۇيۇپ، شام قوشۇنىنى باشلاپ، سىففىن دېگەن يەرگە باردى. ئۇ قوشۇنىنى فۇرات دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنالايدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە سۈيىمۇ قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەلى سۇدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، مۇئاۋىيەدىن جاۋاب كەلمىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى سۈركىلىش پەيدا قىلدى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىراق قوشۇنى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مۇئاۋىيە قوشۇنىنى چېكىندۈردى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى بولسا ھەر ئىككىلا قوشۇننىڭ سۇدىن ئورتاق پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.

بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇشمىغان، سۇنىمۇ ئورتاق ئىشلەتكەن، سۆھبەتتىنمۇ بىرەر نەتىجە چىقمىغان، بىر مەزگىل شۇنداق داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاخىرى چوڭ ئۇرۇش قىلغان...ھەر ئىككىلا تەرەپتىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن. ئاقىۋەت مۇئاۋىيە قوشۇنى يېمىرىلىشكە باشلاپ، قوشۇنلىرى نەيزىسىنىڭ ئۇچلىرىغا «قۇرئان كەرىم» پارچىلىرىنى ئېسىپ، ئىراق قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاقىۋەت ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ قايتىشقان(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 409-447 بەتلەر).

كېلىشىم مۇئاۋىيەگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەزرىتى ئەلىگە نارازى بولغان، ئۇرۇش قىلايلى دېسىمۇ جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ كەتكەن. نارازىلىق كەيپىياتىدىكى كىشىلەر بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولغان. ھەزرىتى ئەلى گەرچە بۇلارنى قايتا تەشكىللەپ شامغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئويىدىن ۋاز كەچكەن. مۇئاۋىيە سىففىن دېگەن جەڭ مەيدانىغا قايتا كېلىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىنى تاپالمىغان. ھەزرىتى ئەلى بولسا كۆپ قېتىم ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن خەلقنىڭ چارچىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەم ئېلىشىنى خالاپ قالغانىدى.

بۇ ۋاقتىلاردا بىر قىسىم ئادەملەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشمىغان، ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان(خاۋارىجلار گورۇھى مۇشۇ ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن). چېگرا رايونلاردىمۇ مەلۇم سۈركىلىشىشلەر بولۇپ تۇرغان. مۇئاۋىيە قۇتراۋاتقان ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ ئاغزىنى ۋاقىتلىق پۇل بىلەن تۇۋاقلاپ، شامنى تۇتۇپ تۇرغان. شەرقىي چېگرادا ۋالىيلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان. گەپ-سۆز، پىتنە -پاساتلار ئاۋۇپ كەتكەن. قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھەزرىتى ئەلى بولسا ئۆزىنىڭ ھامان شېھىت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۈممەتنىڭ ئەڭ بەتبەخ ئادىمى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. بەسرەگە قويۇلغان ۋالىي ئابدۇللا ئىبنى ئابباسقىمۇ كىشىلەر شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقان. بۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن جاپادا قالغانىدى.

بۇ ۋاقىتلاردا شام تەرەپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىغان. مەسىلەن، ھىجرىيە 38-يىلى مۇئاۋىيە ئەمرۇ ئىبنى ئاسنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىسىرنى ئېلىۋالغان. ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇھىم ئادىمى ئەلئەشتەر ئۇلار تەرىپىدىن جىزرە دېگەن يەردە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەتتا ھىجرىيە 39-يىلى مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلى ھۆكۈمىرانلىقىدىكى بەزى يەرلەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ، شۇ يىلى ئۆز ئادىمىدىن بىرىنى ھەج مەۋسۇمىنى باھانە قىلىپ مەككىگە قوشۇن بىلەن كىرگۈزگەن. ھەزرىتى ئەلى ئادەم ئەۋەتمەكچى بولسىمۇ، بىراق خەلق ئۇنىڭ چاقىرىقىغا پىسەنت قىلمىغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پارىس، كىرمان خەلقلىرىمۇ جىزيەنى رەت قىلىپ، ۋالىي سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى ھەيدىۋەتكەن. ھەزرىتى ئەلى زىياد ئىبنى ئەبىھنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قايتا باش ئەگدۈرگەن.

ھىجرىيە 40-يىلى مۇئاۋىيە بۇسرى باشچىلىقىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ھىجاز رايونىغا كىرگۈزگەن. ھىجاز رايونىدىكى ۋالىيلار ئەل بولغان. ھەزرىتى ئەلى خەلقنى ئۇلارغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرمەكچى بولغاندا مەغلۇب بولغان. كېيىن بۇسرى يەمەنگە ھۇجۇم قىلغاندا ھەزرىتى ئەلى جارىيەنى ئۇنىڭغا قارشى ئەۋەتكەن، جارىيە يەمەنگە كەلگەندە ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، خەلقنى كىمنى خالىسا شۇنىڭغا بەيئەت قىلىشقا بۇيرۇغان.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىد قىلىنىشى مۇنداق يۈز بەرگەنىدى: خاۋارىجلاردىن بىر نەچچە كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۈچ كىشىدىن: ھەزرىتى ئەلى، مۇئاۋىيە ۋە ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن كۆرگەن ۋە ئۇلارنى رامىزاننىڭ 17-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قەسەم قىلىشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەتبەخت ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم بولسا ھەزرىتى ئەلى ناماز بامداتقا كىشىلەرنى ئويغىتىش ئۈچۈن كۇفە كوچىسىدا كېتىۋاتقاندا، كەينىدىن زەھەرلىك خەنجەر ئۇرغان...

ھەزرىتى ئەلى يارىدار ھالەتتىمۇ قاتىلنى تۇتۇپ قالسا، پەقەتلا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى، ئەزالىرىنى كەسمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان. خەلىپىلىك مەسىلىسىگىمۇ: ”ئۆزۈڭلار ئەڭ توغرىسىنى قىلىڭلار!“ دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان. ئۇنى ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە جىيەنى ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر يۇيۇپ كېپەنلىگەن.

ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق يىغىلىپ ھەسەنگە بەيئەت قىلغان. ئۇ خەلىپىلىكتە ئالتە ئاي ئولتۇرغان، كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى مۇھىم بىلىپ، ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولغان ۋە خەلىپىلىكنى مۇئاۋىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مازىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تا ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئۇنىڭ كۇفەگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ۋە كېيىنچە بالىلىرى تەرىپىدىن مەدىنىگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. بەزىلەر بولسا مەخپىي دەپنە قىلىش ئۈچۈن تاۋۇتنىڭ بىر تۆگىگە ئارتىلغانلىقىنى ۋە تۆگىنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر يوقاپ كەتكەنلىكىنى، تاۋۇتنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك بايلىق بار دەپ ئويلىغان بىر توپ كىشىنىڭ تۆگىنى تىقىۋالغانلىقىنى، ئەمما تاۋۇتنى ئېچىپ ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مېيىتىدىن باشقا نەرسە تاپالمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى تەي تېغىغا دەپنە قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ. بۇ ھەقتە رىۋايەتلەر بەكمۇ كۆپ ھەم ھەر خىل بولۇپ، قولىدا ھېچقانداق دەلىلى بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەجەفتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر نەقىل قىلىنغان.[1][2] ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، كۈيئوغلى، مۇبارەك ئورۇنباسارى، بەدر، ئۇھۇد، خەيبەر جەڭلىرىنىڭ قەھرىمانى، ھەسسەنەيىننىڭ(ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ) دادىسى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يولدىشى، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رازى بولسۇن!!

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىبنۇل ئەسىر: «ئەلكامىل»، 3-جىلىد، 404-بەت
  2. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 7-جىلىد، 517-518-بەتلەر

«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدىن