پەيغەمبەر

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئىسلام
تخطيط كلمة الأنبياء.png

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمعليه السلام.pngئىدرىسعليه السلام.png

نۇھعليه السلام.pngھۇدعليه السلام.pngسالىھعليه السلام.png

ئىبراھىمعليه السلام.pngلۇتعليه السلام.png

ئىسمائىلعليه السلام.pngئىسھاقعليه السلام.png

يەئقۇبعليه السلام.pngيۇسۇڧعليه السلام.png

ئەييۇبعليه السلام.pngشۇئەيبعليه السلام.png

مۇساعليه السلام.pngھارۇنعليه السلام.png

داۋۇدعليه السلام.pngسۇلايمانعليه السلام.png

زۇلكېڧىلعليه السلام.pngيۇنۇسعليه السلام.pngئىلياسعليه السلام.png

ئەليەسەعليه السلام.pngزەكەرىياعليه السلام.png

يەھياعليه السلام.pngئىساعليه السلام.png

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

پەيغەمبەر (ڧارسچە: پیامبر)، يەھۇدىلىك، خرىستىيانلىق ۋە ئىسلامدا ئاللاھ تەرىپىدىن بىر دىننى ياكى دىنىي تەئلىماتنى تارقىتىش يۈزىسىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن كىشىلەردۇر.

ئىبراھىمىي دىنلەرنىڭ مەنسۇبلىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تەڭرى بىلەن ۋەھىي يولى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ.


ئېتىمولوگىيىسىتەھرىر

پەيغەمبەر كەلىمىسى ئۇيغۇرچىغا ڧرسچىدىن كىرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر، ئەرەبچە رەسۇل كەلىمىسىنىڭ ڧارسچە قارشلىقىدۇر. سۆ تۇمۇرى بولمىش پەيام، خەبەر دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەر، "خەبەرچى" دېگەنلىك بولىدۇ. "رەسۇل" (رسول: رىسالەت) كەلىمسى يەنە خەبەر دېمەك بولغان (نبي: قىلغان\قىلغۇچى) "ئەلچى" دېمەكتۇر. يېقىن بىر مەنىگە ئىگە ئەرەبچىدىكى "نەبى" كەلىمىسى، يەنە خەبەر دېگەن مەنىدىكى "نەبە" سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن "خەبەرچى" مەنىسىدىكى بىر سۆزلۈكتۇر ۋە ئۇيغۇرچىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. شۇنداقلا قەدىم ئۇيغۇرچىدىكى يالۋاچ كەلىمىسىمۇ پەيغەمبەر دېگەن مەنىگە كەلمەكتە.

ئىبراھىمىي دىنلەرتەھرىر

مۇسەۋىيلىكتەھرىر

قۇرئان كەرىمدە، كىتابى مۇقەددەستە ۋە مۇسەۋىي دىنىي مەتنلەردە تىلغا ئېلىنىپ، ئىسلام دىنىدا پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنغان دىنىي شەخسلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇسەۋىيلىك تەرىپىدىن پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنمايدۇ، دىن كاتتىسى دەپلا قارىلىدۇ. ھەزرىتى ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملار مۇسەۋىيلەرگە كۆرە پەيغەمبەر ئەمەستۇرلار[1].

خرىستىيانلىقتەھرىر

مۇسەۋىيلىككە ئوخشاش خرىستىيانلىقتىمۇ قۇرئان ۋە كىتابى مۇقەددەستىكى شەخشلەرنىڭ كۆپچىلىكى پەقەتلا دىن كاتتىسى قەبۇل قىلىنىدۇ. خرىستىيانلارچە ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەمەستۇر. ئىسلام تەئلىماتلىرىدا زىكر قىلىنغانلارنىڭ ئەكسىنچە خرىستىيانلار، ئىنجىلنىڭ، تەڭرى تامانىدىن ۋەھىي يولى بىلەن ھەزرىتى ئىساغە نازىل قىلنغان بىر كىتاب دەپ ئىشەنمەيدۇلەر. تۆرت ئىنجىلنىڭ ئىسانىڭ ئەرشكە كۆتۈرلىشىدىن خېلى كېيىن ھاۋارىلەر تەرىپىدىن "ئىلاھىي ئىلھام" بىلەن قەلەمگە ئالغان دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇلار ھەزرىتى ئىسانىڭ ھاياتىنى بايان قىلىدۇ. خرىستىيانلىقنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش كىتابى مۇقەددەس، ئىنجىللەرنىڭ تۆرتى بىلەن بىللە 23 مۇقەددەس خرىستىيان مەتنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان "يېڭى ئەھد" ۋە تەۋرات بىلەن بىرگە 29 مۇسەۋىي مەتنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان "كونا ئەھد"نىڭ بىرلەشمىسىدۇر. ئەھلى كىتابقا كۆرە زەبۇر (مەزمۇرلار)، داۋۇد ياكى سۇلەيمان تەرىپىدىن يازىلغان شىئېرلەردۇر. خرىستىيانلىقتا ھەزرىتى ئىسا مەسھتۇر ۋە تەڭرىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاتا - ئوغۇل - ۋە مۇقەددەس رۇھ ئۈچلەمدىكى "ئوغۇل"دۇر. كاتولىك مەزھىبىچە بولسا ئىسادىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم دىنىي زات ئۇنىڭ ئانىسى ھەزرىتى مەريەم ئېرۇر. خرىستىيانلىقنىڭ مورمون مەزھىبى، مورمون دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى يوزېڧ سمىتنى پەيغەمبەر قەبۇل قىلماقتا،

ئىسلامتەھرىر

ئىسلامدا پەيغەمبەرلەر، ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى ئەلچىلەرى قەبۇل قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندۇر. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىبى تۆۋەندىكىچە:
ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۇسۇڧ، ئەييۇب، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلايمان، زۇلكېڧىل، يۇنۇس، ئىلياس، ئەليەسە، زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام


ئىسلام پەيغەمبەرلىرىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى مۇسەۋىيلىك ۋە خرىتىيانلىقتا پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنمايدۇ، پەقەتلا دىن كاتتىسى دەپ قارىلىدۇ. ھەزرىتى ئىسا ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملار يەھۇدى ۋە ناسارالار تامانىدىن پەيغەمبەر قەبۇل قىلىنمايدۇ.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئىسلام دىنىغە كۆرە خاتەمۇل ئەنبىيا (ئاخىرىقى پەيغەمبەر) قەبۇل قىلىنىدۇ. ئىسلامدا پەيغەمبەرلەرغە كەلگەنلىكىگە ئىشنىلىدىغان 4 بۈيۈك كىتاب باردۇر:
تەۋرات
ئىنجىل
زەبۇر
قۇرئان كەرىم
قۇرئاندا نۇرغۇن پەيغەمبەرنىڭ قەۋىملەرغە ئىبەرىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ

مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ (سۇرە ئال ئىمران: 144)


وَكَمْ أَرْسَلْنَا مِن نَّبِيٍّ فِي الْأَوَّلِينَ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق (سۇرە زۇخرۇڧ: 6)


باھائىيلىكتەھرىر

باھائىيلىك، پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ئىسلام بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىسلام بىلەن ئەڭ ئاساسىي پەرقى، مىرزا ھۈسەيىن ئەلىنى پەيغەمبەر دەپ قەبۇل قىلىشىدۇر.

باشقا دىنلەردەتەھرىر

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، پەيغەبەرلىك ئوقۇمى ئىبرھىمىي دىنلەردە جاي ئالغانلىقى ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىغە خاس ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغاىلى بولىدۇ. ئاسيادىكى بۇددىزىم، ھىندۇ، مانى ۋە شىنتو دىنلىرىدە، ياۋروپانىڭ كۆپ خۇدالىق ئىتىقادلىرىدا، ياكى ئاڧرىقىنىڭ يەرلىك قەبىلىلىرىنىڭ دىنلىرىدا تەڭرىدىن ئېلىنغان بۇيرۇقلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەر كۆرۈلمەس. (شۇنداقلا "ۋىدالار" ناملىق مۇقەددەس يازمىلىرى بولغان ھىندى دىنى كۆپ خۇدالىق دىندۇر). ئوتتۇرا شەرقتىن باشقا يەرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان دىنلار ئارىسىدىن بەئزىلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلىنمەكتە ئەمما بۇ قۇرغۇچىلار، ئۆزلىرى قۇرغان دىننىڭ مەنسۇبلىرى تەرىڧىدىن "دى كاتتىسى" دەپ قارالماقتا. ئىبراھىمىي دىنلەر سىڭگەرى بىر "پەيغەمبەرلىك" ۋەزىپىلىرى يوقتۇر.

ئايال پەيغەمبەرلەرتەھرىر

قۇرئان كەرىم، ئايال پەيغەمبەرلەردىن سۆز ئەتمەيدۇ. لېكىن ئۈچ ئايەتتە؛ نەھل: 43، يۇسۇڧ: 109 ۋە ئەنبىيا: 7. ئايەتلەردە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەرلەردىن ئىبەرىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.


ئەنبىيا- 7:
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِي إِلَيْهِمْ ۖ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى - (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئىنسانلارنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن (يەنى تەۋرات، ئىنجىللارنى بىلىدىغانلاردىن) سوراڭلار.


تەۋراتنىڭ تەكۋىن 15:20 ئايىتىدە پەيغەمبەر مىريام، ھاكىملەر 4:4 تە پەيغەمبەر دېبورا، 2. تارىخلار 34:22 دە شاللۇمنىڭ خاتۇنى پەيغەمبەر خۇلا، نەھەميا 6:14 دە پەيغەمبەر ناديالار ھەققىدە سۆز بارىدۇ.
شۇنداقلا ئىنجىلدىكى لۇكا 2:36 دا "ئاشەر ئايمىقىدىن ڧەنۇئەل قىزى ئاننا ئىسىملىك ئىنتايىن ياشانغان بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ياش قىز ۋاقتىدا يادلىق بولۇپ ئېرى بىلەن يەتتە يىل ياشىغاندىن كېيىن تۇل قالغاندۇر." دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن باشىقا بىر ئايال پەيغەمبەردىن سۆز قىلىنىدۇ[2].

مەنبئەلەرتەھرىر

  1. Oxford Dictionary of English 2e, Oxford University Press, 2003, Jacob, Joseph, Moses, Mohammed, Jesus
  2. http://panteidar.wordpress.com/2010/03/01/kadin-peygamberler/