ھەڧسە بىنت ئۆمەر

ھەزرىتى ھەڧسە بىنت ئۆمەر (ئەرەبچە: حفصة بنت عمر/أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ حَفْصَةُ بِنْتُ عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ العَدَوِيَّةُ)، (ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 41/ م. 605 – 661). ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە نىڭ رەپىقىسى، «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى». خەلىڧە ئۆمەر بىننى خەتتابنىڭ قىزىدۇر. ئېرى خۇنەيس ب. خۇزاڧە ئەل ئەنسارىنىڭ ھ. 3. يىلىدا ئۇھۇد جېڭىدا شېھىد بولغاندىن كېيىن تۇل قالغان. ئۆمەر بىن خەتتاب ر.ئە نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نىكاھلانغان.[1] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان[2].

ھەڧسە بىنت ئۆمەر

ھز. مۇھەممەدنىڭ رەڧىقىسى

حفصة بنت عمر
نىكاھ(لار) خۇنەيس بىن خۇزاڧە

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ


ئاتاسى ئۆمەر بىن خەتتاب
ئاناسى زەينەب بىنت مەدئۇن
توغۇلىشى 605. مەككە
ۋاڧاتى 665. مەدىنە
دىنى ئىسلام

نىكاھ جەرەيانى تەھرىرلەش

ھەڧسەنىڭ ئاتىسى ھز. ئۆمەر، تۇل قالغان قىزى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتىلىرىدىن مۇۋاڧىق بىر يولداش ئىستىگەن. ئەبۇبەكرى ۋە ئوسمان بىننى ئەففانغا، بۇ ھەقتە كىشى كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئۇلاردىن بولۇشلۇق بىر جاۋاب ئالالمىغان. ئەھۋالنى ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ئاچقاندا، ھز. ئۆمەر پەيغەمبەردىن قىزى ئۈچۈن نىكاھ تەكلىڧى ئالىدۇ ۋە بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن بولىدۇ.[1][3]

ھز. ھەڧسەنىڭ، ساۋادلىق ئاز ساندىكى ئاياللاردىن بىرى بولىشى، ھز. مۇھەممەدنىڭ نەزىرىدە ئۇ مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان. ھەڧسە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ [3][1] خانىملىرىدىن ھز. ئائىشە بىلەن ئەپ ئۆتكەن، ھەتتا بەئزىدە باشقا خانىملارنىڭ بۇ ئەھۋالنى قىزغانغانلىقىنى رىۋايەت قىلىنغان. ھەڧسە ئانىمىز ھىجرەتنىڭ 45. يىلى 60 ياشلىرىدا ۋاقتىدا ۋاپات قىلغان ۋە باقىيە قەبرىستانلىقىغا دەڧن قىلىنغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھلىرىنىڭ بەئزىلىرىنىڭ، ياقىن دوستلارى ۋە ئەتراپى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نىكاھ يولى بىلەن قۇرۇلغان تۇغقانچىلىق يولى بىلەن[4] كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ھەزرىتى "ھەڧسە" بىلەن بولغان نىكاھى بۇ ئەھۋالغا بىر ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. 1.0 1.1 1.2 "Prof.Dr.Mehmet SOYSALDI, Peygamber Efendimizin Evliliklerinin Sebep ve Hikmetleri" (PDF). Archived from the original (PDF) on 2013-09-21. Retrieved 2016-11-19.
  2. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
  3. 3.0 3.1 İbn Sa’d, age., VIII, 86.
  4. İbn Sa’d, age., VIII, 53-221.