ۋاسلى ۋاسلىيېۋىچ رادولوڧ ياكى ۋىلھېلىم رادلوڧ (رۇسچە:Василий Васильевич Радлов نېمىسچە: Wilhelm Radloff، ت. 17- قەھرىتان 1837 — 12- باھار 1918)، نېمېس ئەسىللىق رۇس شەرقشۇناس رادلوڧ، تۈرك دۇنياسىنى ئوخشاشمىغان نوقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى كۈن يۈزىگە چىقارغان تۈركولوگىيە تارىخىدا يېڭى بىر باسقۇچ ئاچقان ۋە 81 يىللىق ئۇزۇن ئۆمرىنىڭ 60 يىلىنى بۇ تەتقىقاتلارغا ئاتىغان نېمىس ئەسىللىق رۇس تۈركولوگدۇر.[1]

تۈركولوگىيە تەھرىرلەش

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەنىڭ ئەڭ تونۇلمىغان تىللارنى ئۆزىگە تەتقىقات ساھەسى تاللىغان. تۈركىي تىللار بىلەن بىرلىكتە موڭغۇلچە، مانجۇچە ۋە خەنزۇچىنىمۇ تەتقىق قىلغان. تەتقىق قىلىش مەقسەدى بىلەن رۇسىيەگە بېرىشنى ئويلىغان رادلوڧ، رۇسچە ئۆرگەنگەن. 1859- يىلى سىبىرىيەگە بارغان ۋە ئۇ يەردە 12 يىل تۇرغان.

رادلوڧ، تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىسى سانىلىدۇ. 81 يىللىق ھاياتىنىڭ 60 يىلىنى ئاتىغان تۈركولوگىيە ئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، "مەن، ھاياتىم بويىچە يېڭى بىر ئىلىمنىڭ، تۈركولوگىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ياشىدىم سە كۈچۈمنىڭ يەتكىنى قەدەر بۇ ئىلمنىڭ ئالغا بېسىشغا خىزمەت قىلدىم. بۇ يۈزدىن مېنىڭ تىرىشچانلىقلىرىم، باشقالارىنىڭ ھەم ياردىمىنى تەقەززا قىلغان بۇ ئىلىم قولىنىڭ تاماملىنىشى ۋە تۈركولوگىيەنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن بىردىن ئۇل تاشى بولۇشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس." دېگەن.

1886- يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ئەسەرىنىڭ ئالغى سۆزىدە تۈركىي تىل ئۈچۈن، "يەر يۈزىدىكى ھېچبىر تىل ئائىلىسى تۈركىي تىللاردەك كەڭ ساھەگە يېيىلغان ئەمەس. ئاڧرىقانىڭۈشەرقىي شىمالىي رايونىدىن تۈركىيەگە ۋە رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىغا ۋە گوبى چۆلىنىڭ ئىچلىرىغا قەدەر تۈركچە سۆزلەشكۈچى قەۋىملەر ياشاماقتادۇر. ئۇلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى، ئىسلامىيەتنى قەبۇل قىلغاندىن سوڭرە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە بولۇپمۇ دىن قېرىنداشلىرى بولمىش ئەرەب ۋە ڧارسلارنىڭ تەئسىرى ئاستىدا قالغاندۇر. بۇ تەئسىرنى بولۇپمۇ ئەبەدىي ئەسەرلەردە كۆرمەك مۇمكىندۇر. ئۇلار، پەقەتلا تىللىرىغا ماس كەلمەيدۇرغان ئەرەب ئەلىڧبەسىنى قەبۇل قىلماق بىلەنلا قالماي، يازما تىللارىدىن مىلڭلەرچە سۆزلۈكنى ھەم قەبۇل قىلىپ شۇنداق بىر يازما تىل ياراتقانلار كى، بۇنى ئۈستىدە رەڭگارەڭ، ھەر تۈرلۈك ياماق تۈشۈرۈلگەن كىيىمگىلا ئوخشاتىش مۇمكىن. بۇ يازما تىل، تەبئىي شەكىلدە خەلق تەرىپىدىن تۈشەنگىلى بولمايدۇرغان بىر تىل بولۇپ قېلىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى سۆستۈرمەك تۈگۈل، خەلق كۈلتۈرىنى يېڭى يېشىللىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئۆزىنى قاشاڭلاشتۇرغان." دەپ باھا بەرگەن.

1938- يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈمگە قىلىنغان.

مەنبە تەھرىرلەش