ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىرى


قاراخانىيلار خانلىقى ---- ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلىق بولۇپ ، 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جەمئىي ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ۆكۈم سۈرگەن .قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان الدا شەرقتە ئاقسۇدىن غەربتە ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىلىرىغىچە ، شىمالىي ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى باشقۇرغان . بۇ خانلىق دەۋردە ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر پەيدىنپەي ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىسلان مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە " ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى " نىڭ تەرەققىيات دەۋرى باشلىنىپ ، تارىختىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەەتلەردىن زور دەرىجىدە تولۇقلىنىپ بارغان . شۇڭا ، قاراخانىيلار دەۋرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا ناايىتى مۇىم ئورۇن تۇرىدۇ . نۆۋەتتە ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىساد نۇقتىلىق الدا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ . لېكىن ، خانلىقنىڭ جەمئىيەت ئەۋالى ، سىياسىي تۈزۈمى ۋە اكىمىيەت تەشكىلىي توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئانچە چوڭقۇر ئەمەس . قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ جەمئىيىتى ەمدە ئومۇمىي تارىخىنى بىر قەدەر تەپسىلىي شەرلەپ بېرىش ئۈچۈن ، خاقانلار نەسەبنامىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىش ئىنتايىن مۇىم ئەمىيەتكە ئىگە .

1. بېلىگە كۆل قادىرخان بېلىگە كۆل قادىرخان ياغما قەبىلىسىنىڭ باشلىقى . بۇ قەبىلە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناايىتى زور رول ئوينىغان .

2 . بازىر ئارسلانخان بازىر ئارسلانخان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خاقانى . ئۇ بەزى مەنبەلەردە "بارلىقخان" . "قاراخان" دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان . بېلگە كۆل قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ بالاساغۇن شەىرىدە ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

3 . ئوغۇلچاق بۇغراخان ئوغۇلچاق بۇغراخان ئاكىسى بازىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، قەشقەر شەىرىدە خاقانلىق تەختىگە چىققان .

4 . ساتۇق بۇغراخان ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشى . 933 - يىلىدىن 955 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

5 . مۇسا تېكىن مۇسا تېكىن بەزى تارىخىي مەنبەلەردە "مۇسا تۇڭا ئېلىگ" ، "بايتاش تېكىن" ، "مۇسا ئىبنى ئالدۇلكەرىم" ، "مۇسا بۇغرا قاراخان" دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .956 - يىلىدىن 992 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

6 . ارۇن بۇغراخان ارۇن بۇغراخان مۇا تېكىننىڭ ئىنىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى . 993 - يىلىدىن 998 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

7 . تۇغانخان تۇغانخان مۇسا تېكىننىڭ نەۋرىسى . ئۇ تارىخىي مەنبەلەردە "تۇغانخان ئەۋۋەل" دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ ، مىلادى 999 - يىلى ارۇن بۇغراىاننىڭ خاقانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

8 . مەنسۇر ئارسلانخان مەنسۇر ئارسلانخان تۇغانخاننىڭ ئىنىسى . ئۇ تۇغانخاندىن كېيىن قاراخانىيلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1019 - يىلىدىن 1024 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

9 . يۈسۈپ قادىرخان يۈسۈپ قادىرخان قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدىكى باتۇر ەم ئىستىداتلىق كىشى بولۇپ ، تارىختا "مەلىكۈل مەشرىق" (شەرق پادىشاى) دېگەن نام بىلەن تونۇلغان . 1025 - يىلىدىن 1032 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

10 . سۇلايمان ئارسلانخان سۇلايمان ئارسلانخان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى . يۈسۈپ قادىرخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1033 - يىلىدىن 1056 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

11 . مۇەممەت بىننى يۈسۈپ مۇەممەت بىننى يۈسۈپ ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاندىن كېيىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . 1056 - يىلىدىن 1058 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

12 . ئىبراىم بىننى مۇەممەت ئىبراىم بىننى مۇەممەت مۇەممەت بىننى يۈسۈپنىڭ يەنە بىر ئوغلى . 1058 - يىلىدىن 1059 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

13 . مەمۇد بىننى يۈسۈپ مەمۇد بىننى يۈسۈپ (توغرال تېكىن) ئىبراىم بىننى مۇەممەدنىڭ تاغىسى بولۇپ ، مىلادىيە 1059 - يىلى قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان .

14 . ئۆمەر بىننى مۇەممەت ئۆمەر بىننى مۇەممەد مەمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىدىن كېيىن شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . تەختتە ئاران ئىككى ئايلا ئولتۇرغان بولۇپ ، ەسەن بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان .

15 . ەسەن بىننى سۇلايمان ەسەن بىننى سۇلايمان مەمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ جىيەنى بولۇپ ، 1075 - يىلىدىن 1102 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

16 . ئەمەد بىننى ەسەن ئەمەد بىننى ەسەن بىننى سۇلايماننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن قاراخانىيلار تەختىگە چىققان . 1103- - يىلىدىن 1128 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

17 . ئىبراىم بىننى ئەمەد ئىبراىم بىننى ئەمەد ئەمەد بىننى ەسەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان . 1129 - يىلىدىن 1158 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

18 . مۇەممەد بىننى ئىبراىم مۇەممەد بىننى ئىبراىم بىننى ئەمەدنىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1159 - يىلى شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىق تەختىگە چىققان .

19 . مۇەممەد بىننى يۈسۈپ مۇەممەد بىننى يۈسۈپ مۇەممەد بىننى ئىبراىمنىڭ نەۋرىسى . 1204 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

20 . مۇەممەد مۇەممەد شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى . ئۇ 1211 - يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان .


ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمىئىي 20 خاقان تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇلار ۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە خانلىقتا چوڭ - كىچىك نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن . بۇ خاقانلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ئەمىيەتكە ئىگە . قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىرى