ئابدۇللاھ بن ئابدۇلمۇتتەلىب

ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلمۇتتەلىب ئەلھاشىمى ئەلقۇرەيشى (ئەرەبچە: عبد الله بن عبد المطّلب الهاشميّ القرشيّ)، تەخمىنەن 544-545- مىلادىدە بۇگۈنكى مەككە شەھرىدە توغۇلغان. ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاتىسى. ھەزرىتى پەيغەمبەر ھەنۇز 7 ئايلىق بولمايلا، 25 ياش ۋاقتىدا، نامەلۇم بىر كېسەللىك بائىس 570- يىللاردا بۇگۈنكى مەدىنەدە ۋاپات قىلغان. ئۆزى تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىدۇر. ئاتىسى ئابدۇلمۇتتەلىب بىن ھاشىم بولۇپ، زەۋجەسى ھەزرىتى ئامىنە ئانىمىزدۇر.

نەسەبى تەھرىرلەش

عبد الله بن عبد المطلب بن هاشم بن عبد مناف بن قصي بن كلاب بن مرة بن كعب بن لؤي بن غالب بن فهر بن مالك بن النضر بن كنانة بن خزيمة بن مدركة بن إلياس بن مضر بن نزار بن معد بن عدنان.

ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلمۇتتەلىب بىن ھاشىم بىن ئابدۇمانناڧ بىن قۇسەي بىن كىلاب بىن مۇرراھ بىن كەئب بىن لۇئەي بىن غالىب بىن ڧىھر بىن مالىك بىن ناسىر بىن كەنانە بىن خۇزەيمە بىن مۇدرەكە بىن ئىلياس بىن مۇزار بىن نىزار بىن مۇئەد بىن ئادنان.[1]

قاراڭ تەھرىرلەش

ئابدۇلمۇتتەلىب بىن ھاشىم

ئامىنە بىنت ۋەھب

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

مەنبە تەھرىرلەش

  1. سىيەر ئىبن ھىشام