ئاقساراي يېزىسى

ئاقساراي يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئالۋا كەنتىدە بولۇپ قاراقاش بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 17 كىلومېتىر. جەنۇبى ئېگىز شىمالى پەس، شىمال تەرىپى كەڭ جەنۇب تەرىپى تار بولۇپ، تەتۈر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر.

ئاقساراي يېزىسى

阿克萨拉依乡.Aqsaray Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 23 دانە
نوپۇس 24 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ئاقساراي يېزىسىدا 23 دانە كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • باش جىلغا كەنتى، ئاياغ جىلغا كەنتى؛
  • باش ئارغول كەنتى، ئاياغ ئارغول كەنتى؛
  • باش باغ ئېرىق كەنتى، ئاياغ باغ ئېرىق كەنتى؛
  • ئۈزۈم ئېرىق كەنتى، ئېلىش بېشى كەنتى؛
  • چىنىباغ كەنتى، گۈلباغ كەنتى، ئارا باغ كەنتى، مۇباغ كەنتى، باش قۇمباغ كەنتى ؛
  • ئارامازار كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، خۇمدان كەنتى قاتارلىق 23 دانە كەنتە بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1160.09 يۈەنگە يەتكەن. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 30777 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 407.64 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12546 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدەبۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ موغا، بىرلىك مەھسۇلاتى 400.533 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6008 توننىغا يەتكەن، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 149655 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 412.56 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى كىرىمى 61744 توننىغا يەتكەن، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 120 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 448.288 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 364 توننىغا يەتكەن، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 8000 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 111.25 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 899 توننا (ساپ پاختا)غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 52547 تۇياققا يەتكەن.

باشقىلار تەھرىرلەش

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 341 نەپەرگە يەتكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچىسى 1502 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 95 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 11، ئوقۇغۇچىسى 3919 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 159 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 202.92 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئوخشاشلا %100 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 58 مىڭغا يەتكەن. 36 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 8l109 تالغا يەتكەن، 36 مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، ئامبولاتورىيەسى بىر، 25 نەپەر تېببىي خادىم، كېسەل كارىۋىتى 34 تالغا يەتكەن.2006-يىلى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 281.17 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، تاماملانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى 50512 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.