ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى

ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى


بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى ، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز . بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ .بۇنداق مول تۇرى كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ .

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ ، پەسىل ئۆزگىرىش ، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان .

ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكۈمالىرىنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە ، كۈندىلىك تائام ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورىلىق رولىنى ئوينىغان .شۇڭا بەدەندە ھەر قانداق ساقسىزلىق كۆرۈنگەندە ، ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ، غىزايى مۇتلەق(ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك ) ، غىزايى داۋا(ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى دورىلىق رولىنى ئوينايدۇ) ، داۋايى غىزا( كېسەل داۋاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ، كېيىن ئۈنۈمى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) دەپ ئاتىغان .

غىزايى مۇتلەق : ئاساسەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان تائاملار بولۇپ ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . غىزايى داۋ ا: ئاساسەن گۆش تۇرىدىكى ھايۋانىي يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن (سۈت ، تۇخۇم) تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بولۇپ ، بۇلار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بەدەننى چىڭ تۇتۇپلا قالماي بەزى ئۇششاق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . داۋايى غىزا دېگىنىمىز : ئاشلىق گۆش ۋە كۆكتاتلارغا ھەرخىل دورا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ،تەييارلىنىدىغان تائاملار بولۇپ بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بىز ساقسىزلارغا بېرىمىز داۋالاش مەقسىتىدە بولىدۇ .

ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق ، سۇيۇق ، گۆشلۈك ، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، گاھىدا ئۇن ، مېۋە ، گۆش ، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان . ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان .

ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرۈنۈشىگە قاراپ سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر ، سوغۇق سەيلەر ، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر ) ، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش ، چۆچۈرە ، شويلا) ، قويۇق تائاملار(لەڭمەن ، پولۇ ، مانتا، سامسا ) ، نانلار ، كاۋاپلار ، تاتلىق - تۇرۇملار ، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار ، ھۈممەللەر ، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .

ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بولىنىدۇ ، پولۇلار قاسقان تائاملىرى(مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار) ، تونۇر تائاملىرى(نان ، گۆش نان ، سامسا) ، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا ، پوشكال ، قۇيماق ، سامبۇسا) ، سۇيۇقئاشلار ، چۆچۈرىلەر ، لەڭمەنلەر ، ھورنانلار ، دۈملىمىلەر ، ئۆپكە-ھېسىپلار ، شورپىلار ، كاۋاپلار ، ھالۋىلار ، قورمىلار ، سوغۇق يېمەكلىكلەر ، تاتلىق-تۈرۈملەر ، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .

ئۇيغۇر تائاملىرى چوڭ جەھەتتىن 50 خىلدىن ، ئۇششاق بۆلۈنگەندە 1000خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ بۇ تائاملارنى تۈجۈپىلەپ ئۆ خۇرۇچلىرى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايدىغان بولساق ئېغىزغا تېتىغۇدەك تائاملارنى ئېتەلەيمىز.

شورپا

سۇيۇقئاش

چۆپ ئاش

نارىن

چۆچۈرە

ئۇماچ

خوردا

مانتا

خوشاڭ

سامسا

پولۇ

شويلا

كاۋاپ

ئۆپكە-ھېسىپ

گۆشنانلار

دۈملىمىلەر

گۆش گىردىلەر

پايدىلانغان ماتېرياللار: ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى. 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى)