ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى

Uyghur Tribunal

قىسقارتىپ يېزىلىشى UT
قۇرۇلۇشى 2021-يىلى
تىپى بىتەرەپ سوت
باش شتاب لوندون، ئەنگىلىيە
رەسمىي تىللار ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە
رەئىس جەفرى نايس (Geoffrey Nice)
مۇھىم كىشىلەر
تور بەت

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Uyghur Sot Kollégiyisi) بولسا 2021-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان.

تارىخى تەھرىرلەش

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بۇ يىل 10-ماي كۈنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

مەقسىتى تەھرىرلەش

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىتر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

سوت ھەيئىتى تەھرىرلەش

جەمئىي توققۇز نەپەر سوت ھەيئىتى بار بولۇپ، ئۇلار:

سوت ھەيئىتىدىن باشقا ئادۋۇكاتلار ھەيئىتىمۇ بار بولۇپ:

بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى تەھرىرلەش

15 نەپەر گۇۋاھچى لوندونغا كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى لاگېر شاھىدى.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى 2021-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلىدى.

1-كۈنى تەھرىرلەش

يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە 4-ئىيۇن كۈنى گۇۋاھلىق بەرگەنلەر:

  • قەلبىنۇر سىدىق- لاگېر شاھىدى.
  • ئۆمەر بېكئالى-لاگېر شاھىدى.
  • مۇئەتتەر ئېلقۇت-«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ خادىمى
  • پاتىگۈل تالىپ- (شىۋىتسىيە) ئائىلىسى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر ئانا

---

  • سايراگۈل ساۋۇتباي-لاگېر شاھىدى.
  • دولقۇن ئەيسا
  • روبېرتىس ئەپەندىم
  • ئاسىيە ئابدۇلئەھەد
  • ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇندىن باشقا ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پاتىگۈل تالىپ، نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ خادىمى مۇئەتتەر ئېلقۇت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «قاراقاش تىزىملىكى» نى ئاشكارىلىغان ئاسىيە ئابدۇلئەھەد ۋە ئامېرىكادا ئوقۇغانلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپ ئاچقانلىقى سەۋەبلىك «سىياسىي جىنايەتچى» دەپ قارىلىپ تۈرمىگە سولانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەمدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتىس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى. [1]

2-كۈنى تەھرىرلەش

يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە 5-ئىيۇن كۈنى گۇۋاھلىق بەرگەنلەر:

3-كۈنى تەھرىرلەش

4-كۈنى تەھرىرلەش

ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى تەھرىرلەش

ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر لوندوندا باشلانغان.

ئۈچىنچى قېتىملىق توردا گۇۋاھلىق يىغىنى تەھرىرلەش

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 27-نويابىر ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسىنىڭ قانىلىدا نەق مەيدان ئۆتكۈزۈلگەن. گۇۋاھچىلار:

  • Ton Zwaan-socialist

-سوتسىيالىست.

سوت نەتىجىسى تەھرىرلەش

سوت نەتىجىسى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

خەلقئارادىن تەسىر تەھرىرلەش

خىتايدىن تەسىر تەھرىرلەش

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەر 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، زۇمرەت داۋۇت، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق

  • ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى ناھىيىسى ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى باشلىقى يەن فېي فېي.
  • ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى ناھىيىسى 察汗乌苏蒙古族乡- مەركىزى يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇ لۈنگو
  • پازىل زىياۋۇدۇن- تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن نىڭ ئىنىسى.
  • تاجىگۈل ئابلاجان- تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن نىڭ قوشنىسى.
  • مەرھابا ئابدۇغوپۇر - شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇرنىڭ سىڭلىسى.
  • ئابدۇخېلىل داۋۇت - زۇمرەت داۋۇتنىڭ بەشىنچى ئاكىسى.

-ۋاڭ جۈەن - ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى.

  • ئەكبەر تۇرسۇن- مېھرىگۈل تۇرسۇن نىڭ ئىنىسى.
  • ھەنىپە يىمىك- مەخمۇت تەۋەككۈلنىڭ ئايالى.

مۇناسىۋەتلىك تەھرىرلەش

ياۋروپا تەھرىرلەش

باشقىلار تەھرىرلەش

قارالسۇن تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى