ئۈچقات يېزىسى

玉奇喀特乡.Uchqat Township

مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
شەھەر توقسۇ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 18 مىڭ
يەر مەيدانى 573.32 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

ئۈچقات يېزىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Üchqat Yézisi)ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ توقسۇ ناھىيىسى گە جايلاشقان. توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 24 كىلومېتىر. شەرقتە ئۆگەن يېزىسى، غەربتە ئاقسۇ شەھىرى، جەنۇبتا شايار ناھىيىسى، شىمالدا يۇلتۇزباغ بازىرى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 573.32 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 18821، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 18398 ئادەم.

مەمۇرىي رايونلار تەھرىرلەش

ئۈچقات يېزىسىغا قاراشلىق 14 مەمۇرىي كەنت بار: ئۈچقات كەنتى، كۈزلەكمەھەللە كەنتى، توغراقلىق ئېرىق كەنتى، بەلكەستى كەنتى، ئاچادۆڭ كەنتى، لەمپە كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، پولات يەر كەنتى، خەلىپەئېرىق كەنتى، تۈگمەنئېرىق كەنتى، غوجا تۇرۇس كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، يۇلغۇنشەھەر كەنتى، سەيپۇڭ تېرەك كەنتى. ئۈچ دېھقانچىلىق مەيدانى، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. جەنۇبىي قىسمىدا 20 مىڭ گېكتار توغراق،يۇلغۇن تەبىئىي ئىككىلەمچى ئورمان بار. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن ئۈچقات قەدىمىي شەھىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن يۇلغۇنشەھەر قەدىمىي شەھىرى ۋە يۇلغۇنشەھەر قەدىمىي قەبرىستانلىقى بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش