جاھانباغ يېزىسى

جاھانباغ يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جاھانباغ يېزىسىغا قاراشلىق 20 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، 90 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا ئاھالىسىدىكى ئائىلە سانى 5709، نوپۇس سانى 21669 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 437 ئادەم، يېزا نوپۇسى 21669 ئادەم. پۈتۈن يېزىدىكى ئاھالە ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %96 نى ئىگەلەيدۇ.

جاھانباغ يېزىسى

加汗巴格乡.Jahanbagh Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 20 دانە
نوپۇس 22 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېزا تەۋەسىدە 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولۇپ، جاھانباغ كەنتى، دۆڭھويلا كەنتى، قارا قۇچقاچلا كەنتى، بۇلاقبېشى كەنتى، ئىششىقلا كەنتى، باش ئىششىقلا كەنتى، چارىباغ كەنتى، دۆڭ ئارىش كەنتى، داراسكال كەنتى، دەريا بويى كەنتى، باش داراسكال كەنتى، ئۇزۇنئېرىق كەنتى، چوناقلا كەنتى، دۆڭباغ كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، ئايماق كەنتى، باش چارباغ كەنتى، ئاقساراي كەنتى، قاياش كەنتى قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

جاھانباغ يېزىسى ئورمان بىلەن دانلىق زىرائەت تېرىش، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان، شاپتۇل، ئۆرۈك، ياڭاق ئۈچ سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك بەلبېغىنى كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك سورتىنى يېڭىلاشتا ئۇلاق ئۇلاش ئېلىپ بارغان. 2003-يىلى يېزا بويىچە ئورمان كۆلىمى 11555 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماتېرىيال ئورمىنى 740 مو، ئىھاتە ئورمىنى 460 مو، يېقىلغۇ ئورمىنى 800 مو، ئىقتىسادىي ئورمان 9555 مو بولغان. 1500 مو ئۈزۈم، 2765 مو شاپتۇل، 1395 موئۆرۈك، 15 مو ئانار تېرىلغان، 20033-يىلى باغۋەنچىلىك كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 89.99 يۈەن بولۇپ، يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ %9.24 نى ئىگەلىگەن.