دول يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 7 كىلومېتىر.

دول يېزىسى

多鲁乡.Dol town

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە لوپ ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 31 دانە
نوپۇس 33 مىڭ
يەر مەيدانى 63 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

دول يېزىسى 31 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • يولچى كۆل كەنتى،
  • تاختا كۆۋرۈك كەنتى،
  • دول خەلپە ئېرىق كەنتى،
  • قوغاچئېرىق كەنتى،
  • دولسېرىق كەنتى،
  • خالۋاپ كەنتى،
  • كۆتەمە كەنتى،
  • جالان ئېرىق كەنتى،
  • كالتە كۆتۈمە كەنتى،
  • دۆڭ كۈزلۈك كەنتى،
  • قۇدۇقئېرىق كەنتى،
  • قۇرۇقئېرىق كەنتى،
  • ئويمانيانتاق كەنتى،
  • چاقما كەنتى،
  • توپا ئېرىق كەنتى،
  • كۆلئېرىق كەنتى،
  • دۆڭئازما كەنتى،
  • باش ياندۇما كەنتىى،
  • تاۋىغاز كەنتى،
  • قاخلىق كەنتى،
  • شور كۆتەك كەنتى،
  • تالما خېنى كەنتى،
  • مازار ئۆستەڭ كەنتى،
  • قاغا ئېرىق كەنتى،
  • چوڭقۇر ئۆستەڭ كەنتى،
  • توغرا ئېرىق كەنتى،
  • تولغاش كەنتى،
  • قاراڭغۇتوغراق كەنتى،
  • قاراڭغۇ تۈگمەنبېشى كەنتى،
  • دۆڭئۆستەڭ كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

دول يېزىسى يەر كۆلىمى 64040 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 43699 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە 1.55 مو؛ بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 14 مىڭ 100 مو، بۇغداي 22 مىڭ مو، كۆممقوناق 21 مىڭ 400 مو، توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى 16 مىڭ مو؛ ھازىرقى كۆكتات پارنىكىدىن 340 ى بار. 2006-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 63 مىليون 542 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 43 مىليون 881 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.3 ئاشقان؛ 2-،3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليون 979 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان؛ 2006-يىلى يېزا بويىچە ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىليون 642 مىڭ 200 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئاشۇرۇلىشى 462.22 يۈەن.