ساغان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيەنىڭ شەرقىدىكى 13.7 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك ′56°38، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 13 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 483.3 كۋادرات كىلومېتىر؛ ئۇمۇمىي نوپۇسى 23100 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36000 مو.

ساغان يېزىسى

萨罕乡.Saghan Town

يېڭىسار ناھىيىسى (نومۇرى 4) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىسار ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 21 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ساغان يېزىسى تەۋەلىكىدىكى بىر بادام ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يۇقىرى تاغۋاز كەنتى، يۇقىرىقى كۈنى لەڭگەر كەنتى، تۈگمەنئېرىق كەنتى، شوخۇلۇق كەنتى، قوتان كەنتى، ئاچال كەنتى، قاقشالقوغۇن كەنتى، تېرەكئالدى كەنتى، ھەسەنبايئېرىق كەنتى، ئاقباغ كەنتى، توغرىقئېرىق كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، شاپقورغان كەنتى، ئارالەڭگەر كەنتى قاتارلىق 21 مەمۇرىي كەنىت كومتېتى ۋە 101 كەنىت گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

ساغان يېزىسىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنغان بۇلۇپ، ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تېرىقچىلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، كۆكتات، مايلىق دان، لامنارىيە، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار . ساغان يېزىسى ئورمانچىلىقتا قۇر ئارىلاپ تېرىش شەكلى قوللىنىلىدۇ، بۇ بىر قانچە يىلدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن يېزىدا سەمەت ئۆرۈكى ئاساس قىلغان 32 مىڭ مو ئورمانلىق شەكىللىنىپ، مېۋىلىك دەرەخ ئورمانچىلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە «ئىككى چوڭ، بىر كىچىك» ئۆزگىچە گەۋدىلىك بولغان باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، 2003-يىلى 46 مىڭ تۇياق چارۋىغا يەتكۈزگەن. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ چۇڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك، كۆپ يوللۇق قانات يايدۇرۇپ كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلغان.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

ساغان يېزىسى 2003-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 45 مىليون 708 مىڭ 700 يۈەن، ۋە 2002-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 11 مىليون 986 مىڭ 900 يۈەن كۆپەيگەن؛ 1-كەسىپ، كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى 41 مىليون 510 مىڭ 500 يۈەن بۇلۇپ، 2002-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 747 مىڭ 500 يۈەن بۇلۇپ، 2002-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %5 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 459 مىڭ 700يۈەن بۇلۇپ، 2002-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %80 تىن ئاشقان. بىر يىلدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1098 يۈەن بۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش 185 يۈەنگە يەتكەن. ساغان يېزىسىدىكى دېھقان ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدە قىزغىنلىقى، ساددا ۋە چېچەنلىكى قەدىمدىن بۇيان سودا قىلىش تالانتى بار، ھازىر يېزىدا 2-، 3-كەسىپكە قاتناشقانلار 5200 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 22.5 نى ئىگىلەيدۇ. 2-، 3-كەسىپ ۋە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىققا ئوخشاش كەسىپلەر ئاستا-ئاستا ساغان يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالغان.

مائارىپى تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش