سىيىتلە يېزىسى
سىيىتلە يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى نىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 10 كىلومېتىر، يېزا 315-دۆلەت يولى ئۆتىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇقى '13°76، شىمالىي پاراللېل '00°39، ئومۇمىي كۆلىمى 109.27 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16690 مو.
سىيىتلە يېزىسى
色提力乡.Siyitle Town | |
يېڭىسار ناھىيىسى (نومۇرى 4) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | يېڭىسار ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 10 دانە |
نوپۇس | 10.5 مىڭ |
يەر مەيدانى | 109.27 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
مەمۇرىي كەنتلەر
تەھرىرلەشيېزىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: كەنئېرىق كەنتى، جاغار ھويلا كەنتى، مومۇلۇق ئۆستەڭبويى كەنتى، قالجاق كەنتى، پارچيېڭىيەر كەنتى، نوربېشى بىنام كەنتى، غوجا كۆل كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، شياقۇلدۇما كەنتى، تۆۋەن ھويلا كەنتى قاتارلىق كەنت كومتېتلىرى بار.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەشسىيىتلە يېزىسى 2003-يىلى يېزا بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 600 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تېرىقچىلىق مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلىگەن؛ يىللىق ئاشلىق 6450 توننىغا يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 820 كىلوگىرام، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىگەن؛ پاختا يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6000 توننىدىن ئارتۇق ؛ باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېزا بويىچە ھازىر قالغان ئەلا سۈپەتلىك سەمىت ئۆرۈك 320 مىڭ تۈپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 41 تۈپتىن توغرا كېلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدىن-يىلغا ئاشقان؛ چارۋىچىلىق سانىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن، ھازىر يېزىدىكى چارۋا ئومۇمىي سانى 21220 تۇياق.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشيېزا ئىگىلىكىتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، تاۋۇز، قوغۇن ئاساس قىلىدۇ. باغۋەنچىلىكتە سەمىتئۆرۈك، ئۆزگىچە كەسىپى چارۋىچىلىقتا مەكىت قويى، تاشقورغان قويى، سمېنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ.