سپارى (باشقىچە ئاتىلىشى: ئارېكا، پىناڭ؛ ئېنگلىزچە: Areca catechu؛ ئاددىيلاشتۇرلغان خەنچە: 槟榔) پالما دەرىخنىڭ بىر خىل تۈرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى ئاسىيا، ئافرىقا، ۋە تېنىچ ئوكياننىڭ تروپىك بەلباغ قىسمىدا ئۆسىدۇ. سىپارىنىڭ فىلىپنىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغان تارقالغانلىقى مەلۇم. ھازىر كەڭ تارقىلىپ جوڭگونىڭ جەنۇبى (جياڭنەن)، تەيۋەن، بېنگال، ھىندىستان، سىرلانكا، كامبودژا، لائوس، مالايسىيە، ھىندونېزىيە، يېڭى گىۋىنيە، تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئاراللاردا، ۋە غەربى ھىندى ئوكياندا ئۆسىدۇ. سىپارىنىڭ ئۇرۇقچە شەكىلدىكى مېۋىسى سىپارى مېغىزى دېيىلدۇ ھەمدە نۇرغۇن كىشلەر تەرىپىدىن ئىستىراھەت يىمەكلىكى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىندۇ. سىپارى مېغىزىنى بەزى دۆلەتلەردە زەھەرلىك ماددا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلدۇ. سىپارى مېۋىسى راك كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئېلىمىنتلارغا مول.

سىپارىنىڭ چۈشەندۈرۈلمە سىزمىسى
سىپارى مېۋىسى
سىپارى ئېتىزلىقى (ئېكىنزارلىقى)
سىپارى مېۋىسى
سىپارىنىڭ چۈشەندۈرلۈشى
خام سىپارى مېۋىسى
سىپارى مېۋىسنىڭ كەسمە سىدام سىزمىسى
قىزىل سىپارى مېۋىسى
سىپارىنىڭ غولى
ئۈزۈۋېلىنغان سىپارى
سىپارىنىڭ پىشقان ۋاقتى