سۇرە (ئەرەبچە: سورة —— تىزما، قاتار، قورغان، مەنزىل ۋە شەرەڧ مەنىسىدە)، قۇرئاندا ئايەتلەردىن مەيدانغا كەلگەن 114 بۆلۈمنىڭ ھەر بىرىگە بېرىلگەن نام. پەقەتلا قۇرئانغا خاس چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنى شەرتلىك رەۋىشتە باب بىلەن سېلېىشتۇرۇش مۇمكىن. ئىسلام ئۇلەمالارى ئىستىلاھىدا ئىسە، سۇرە — قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ باشلىنىش ۋە تۈگىشى بەلگىلەنگەن مۇستەقىل تائىفەسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ قورغان بىلەن ئورالغاندەك بىر بۆلىمىگە سۇرە، دېيىلىدۇ.

قۇرئان سۇرەلىردىن ئىبارەتتۇر، سۇرە قۇرئاننىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قۇرئاندا 114 سۇرە بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆز نامى بار. بەئزى سۇرەلەرنىڭ ئىسمى سۇرەنىڭ ئەۋۋەلىدىكى سۆزدىن ئېلىنغان. بەئزىلىرىنىڭ بولسا، شۇ سۇرەدە زىكرى كۆپراق كەلگەن نەرسىلەرنىڭ نامىغا قويۇلغان.

بۇگۈنكى مۇسھەڧلەرگە تۇنجى سۇرە ڧاتىھە ۋە ئاخىرىقى سۇرە ناس ئېرۇر.

قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ قىسقا سۇرە كەۋسەر سۇرىسى بولۇپ، ئۈچ ئايەتتىن، ئەڭ ئۇزۇن سۇرە بەقەرە سۇرەسى بولۇپ، 286 ئايەتتىن ئىبارەتدۇر.

قۇرئان سۇرەلىرى ئىككى قىسمغا بۆلىنىدۇ:

1. ھىجرەتتىن ئالدىن تۈشكەن سۇرەلەر — „مەككە سۇرەلەرى“ ((ياكى مەككىي سۇرەلەر) مەككەدە تۈشكەن) دېيىلىدۇ.

2. ھىجرەتتىن كېيىن تۈشكەن سۇرەلەر — „مەدىنە سۇرەلىرى“ ((ياكى مەدەنىي سۇرەلەر) مەدىنەدە تۈشكەن) دېيىلىدۇ.

ئاتالغۇ تەھرىرلەش

سۇرە ئىبرانىچە سىرا، ئەرەبچە سۇرئ ياكى سۇرىيە تىلىدا يازما مەنىسىدىكى بىر يىلتىزدىن تۈرلەنگەن بىر كەلىمە دەپ قارىلىدۇ.

قۇرئاننىڭ يېزىلىشى تۇنجى ۋەھىي بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلىمىغانلىقى، يېزىش ئىشىغا مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرى ياكى مەدىنە دەۋرىنىڭ باشلىرىدا باشلىغانلىقى بىلىنمەكتە.

مەككە دەۋرى، قۇرئاننىڭ يېزىلىشى 13 يىلدەك داۋام قىلغان بولۇپ، قۇرئاننىڭ 2/3 قىسمىنى تەشكىل قىلغان مەككە دەۋرى "ئېغىزچە مەدەنىيەت دەۋرى" دەپ دەپ بىلىنمەكتە. بۇ دەۋىردە ئايەت ۋە سۇرەلەرنىڭ دەرھال يېزىقچە خاتىرلەنمىگەنلىكى، ئاغزاكى يادقا ئېلىنغانلىقى، بۇ دەۋىردە قۇرئاننىڭ شىئېرىيلىقى يادقا ئېلىشتا قولايلىق توغدۇرۇپ بەرگەنلىكى، كېيىنچە ھىجرەتكە ياقىن بىر نەچچە يىل بىلەن مەدىنە دەۋرى دەپ ئاتالغان يېزىلىش دەۋرى بۇ يادقا ئېلىنغانلارغا ئاساسەن ئايەتلەرنىڭ خاتىرلەنگەنلىكى ئىپادە قىلىنماقتا.

سۇرىلەرنىڭ نازىل بولۇش ئىلگىرى كېيىنلىكىنى تىزىپ چىققان بىر قانچە تىزىملىك بولۇش بىلەن بىرگە بۇ تىزىملىكلەر بىر بىرى بىلەن پەرىقلىقتۇر.ئادەتتە تۇنجى نازىل بولغان سۇرە ئەلەق سۇرەسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان سۇرە بولسا ناسر سۇرەسى دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ.

مەككىي سۇرىلەر 86 سۇرە، مەدەنىي سۇرەلەر 28 سۇرەدۇر:


مەككىي سۇرەلەر
سۇرىنىڭ ئاتى نۇزۇل تەرتىبى مۇسھەڧتىكى
تەرتىبى
سۇرىنىڭ ئاتى نۇزۇل تەرتىبى مۇسھەڧتىكى
تەرتىبى
سۇرە ئەلەق 1 96 سۇرە مەريەم 44 19
سۇرە قەلەم 2 68 سۇرە تاھا 45 20
سۇرە مۇززەمىل 3 73 سۇرە ۋاقىئە 46 56
سۇرە مۇددەسىر 4 74 سۇېە شۇئەرا 47 26
سۇرە ڧاتىھە 5 1 سۇرە نەمىل 48 27
سۇرە تەۋبە 6 111 سۇرە قەسەس 49 28
سۇرە تەكۋىر 7 81 سۇرە ئىسرا 50 17
سۇرە ئەئلا 8 87 سۇرە يۇنۇس 51 10
سۇرە لەيل 9 92 سۇرە ھۇد 52 11
سۇرە ڧەجر 10 89 سۇرە يۇسۇڧ 53 12
سۇرە زۇھا 11 93 سۇرە ھىجر 54 15
سۇرە ئىنشىراھ 12 94 سۇرە ئەنئام 55 6
سۇرە ئەسر 13 103 سۇرە ساڧڧات 56 37
سۇرە ئادىيات 14 100 سۇرە لوقمان 57 31
سۇرە كەۋسەر 15 108 سۇرە سەبەئ 58 34
سۇرە تەكاسۇر 16 102 سۇرە زۇمەر 59 39
سۇرە مائۇن 17 107 سۇرە مۇئمىن 60 40
سۇرە كاڧىرۇن 18 109 سۇرە ڧۇسسىلەت 61 41
سۇرە ڧىل 19 105 سۇرە شۇرا 62 42
سۇرە ڧەلەق 20 113 سۇرە زۇھرۇڧ 63 43
سۇرا ناس 21 114 سۇرە دۇخان 64 44
سۇرە ئىخلاس 22 112 سۇرە جاسىيە 65 45
سۇرە نەجم 23 53 سۇرە ئەھقاڧ 66 46
سۇرە ئەبەسەئ 24 80 سۇرە زارىئات 67 51
سۇرە قەدر 25 97 سۇرە غاشىيە 68 88
سۇرە شەمس 26 91 سۇرە قاڧ 69 18
سۇرە بۇرۇج 27 85 سۇرە نەھل 70 16
سۇرە تىن 28 95 سۇرە نۇھ 71 71
سۇرە قۇرەيش 29 106 سۇرە ئىبراھىم 72 14
سۇرە قارىئە 30 101 سۇرە ئەنبىيا 73 21
سۇرە قىيامەت 31 75 سۇرە مۇئمىنۇن 74 23
سۇرە ھۇمەزە 32 104 سۇرە سەجدە 75 32
سۇرە مۇرسىلەت 33 77 سۇرە تۇر 76 52
سۇرە كاڧ 34 50 سۇرە مۈلك 77 67
سۇرە بەلەد 35 90 سۇرە ھاققە 78 69
سۇرە تارىق 36 86 سۇرە مەئارىج 79 70
سۇرە قەمەر 37 54 سۇرە نەبەئ 80 78
سۇرە سەد 38 38 سۇرە نازىئات 81 79
سۇرە ئەئراڧ 39 7 سرە ئىنڧىتار 82 82
سۇرە جىن 40 72 سۇرە ئىنشىقاق 83 84
سۇرە ياسىن 41 36 سۇرە رۇم 84 30
سۇرە ڧۇرقان 42 25 سۇرە ئەنكەبۇت 85 29
سۇرە ڧاتىر 43 35 سۇرە مۇتاڧڧىڧىن 86 83


مەدەنىي سۇرەلەر
سۇرە ئاتى نۇزۇل تەرتىبى مۇسھەڧتىكى
تەرتىبى
سۇرە ئاتى نۇزۇل تەرتىبى مۇسھەڧتىكى
تەرتىبى
سۇرە بەقەرە 87 2 سۇرە ھاشىر 101 59
سۇرە ئەنڧال 88 8 سۇرە نۇر 102 24
سۇرە ئال ئىمران 89 3 سۇرە ھەج 103 22
سۇرە ئەھزاب 90 33 سۇرە مۇناڧىقۇن 104 63
سۇرە مۇمتەھىنە 91 60 سۇرە مۇجادىلە 105 58
سۇرە نىسا 92 4 سۇرە ھۇجۇرات 106 49
سۇرە زىلزىلە 93 99 سۇرە تەھرىم 107 66
سۇرە ھەدىد 94 57 سۇرە تەغابۇن 108 64
سۇرە مۇھەممەد 95 47 سۇرە ساڧ 109 61
سۇرە رەئد 96 13 سۇرە جۇمئە 110 62
سۇرە راھمان 97 55 سۇرە ڧەتىھ 111 48
سۇرە ئىنسان 98 76 سۇرە مائىدە 112 5
سۇرە تالاق 99 65 سۇرە تالاق 113 9
سۇرە بەييىنە 100 98 سۇرە ناسر 114 110