ڧاتىھە سۈرىسى (ئەرەبچە: سورة الفاتحة)، قۇرئاننىڭ تۇنجى سۈرىسى بولۇپ، نازىل بولۇش بويىچە 5. سۈرە. مەككەدە نازىل بولغان ۋە 7 ئايەتتۇر. ھۆرمەت يۈزىسىدىن ڧاتىھە شەرىڧ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

فاتىھە سۈرىسى

سورة الفاتحة

333x333px
333 x333px
سۇرە فاتىھە، خەتتات ھافىز ئەپەندى
تلاوة لسورة الفاتحة

سورة الفاتحة


Arabic Holy Quran (14mb).pdf
تۈرى مەككەئى
مەنىسى ئاچقۇچ\باشلانغۇچ
باشقا نامى ئۇممۇل كىتاب
ئۇممۇل قۇرئان
ئەسسەبئۇل مەسانى
ئەسسالات
سانلىق مەئلۇماتلار
بەتلەر 1
پارە\جۈز 1
سۇرە نومۇرى 1
ئايەت سانى 7
سەجدە ئايىتى يوق
نۇزۇل تەرتىبى 5
كەلىمە سانى 29
ھەرف سانى 139

ئىسمى ۋە ئالاھىيدىلىكلىرى خۇسۇسىدا تەھرىرلەش

قۇرئاننىڭ تۇنجى سۈرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن "باشلانغۇچ" مەنىسىدىكى "ڧاتىھە" ئىسمى بېىلگەن. شۇنداقلا ئىككىنچى ئايەتنىڭ باش كەلىمىسىنى ئېلىپ "ئەلھەمدۇ" ھەم دېيىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ يەنە "ئۈممۇل كىتاب"، "ئەسسەبئۇل مەسانى" (ماختالغان 7 ئايەت)، "ئەل ئەساس"، "ئەل ۋاڧىيە"، "ئەل قاڧىيە"، "ئەل كەنز"، ئەش شىڧا"، ئەش شۈكۈر" ۋە "ئەس سالات" دېگەندەك ئىسىملىرىمۇ بار. سۈرە ڧاتىھەنىڭ قۇرئاندا تۇنجى سۈرە سۈپىتىدە يەر ئېلىشى، سۇرىنىڭ مەزمۇنىدا، قۇرئان تەئلىماتىنىڭ قىسقىچە نامايەندىسى بولىشى دەپ تۈشەندۈرۈلمەكتە. سۇرىدە ماختاش ۋە كۆككە كۆتۈرلىشكە لايىق بىر ئاللاھنىڭ بارلىقى، ھاكىمىيەتى، بىر ئىلاھ بولىشى، چوقۇنۇشنىڭ پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىنىشى قىسقىچە ئىپادە قىلىنغانىدى. ڧاتىھە سۇرىسى ئەينى زاماندا بىر دۇئا ۋە يالۋارىشتۇر. ماختاشنىڭ بىر ئاللاھقا مەخسۇس ئىكەنلىكى، 34. سۈرە بولغان سەبەئ سۈرىسىدىمۇ تەكرارلانغان.

بىسمىللاھ تەھرىرلەش

بىسمىللانىڭ ئوقۇلىشى: (بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ) بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم

مەنىسى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن) سۈرىنىڭ بېشىدا بولغان بىسمىللانىڭ ئىسلامدا ئالاھىيدە بىر ئورنى بار. تۆۋبە سۈرىسىدىن باشقا 112 سۈرىنىڭ بېشىدا يەر ئالىدۇ. شۇنداقلا نەمل سۈرىسى 30. ئايىتىدە زىكىر قىلىنىدۇ.

سۈرە فاتىھە تەھرىرلەش

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ۞ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ۞الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ۞ مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ۞ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ۞ اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ۞ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ۞

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ۞ جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر ۞ ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر ۞ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر ۞ (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز ۞ غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) ۞

فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسى تەھرىرلەش

بۇ سۈرە “فاتىھە” دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى “قۇرئان كەرىم” نىڭ يېزىلىشى مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ )يەنى قۇرئان كەرىم بۇ سۈرە بىلەن باشلانغان بولۇپ، نامازلاردا قىرائەت قىلىش بۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ(. كۆپلىگەن ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىچە بۇ سۈرە ھەم “ئۇممۇل كىتاب” )كىتابنىڭ جەۋھىرى( دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىمام تىرمىزىنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر

ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ دىن باشلانغان بۇ سۈرە قۇرئاننىڭ جەۋھىرىدۇر، نامازدا دائىم تەكرارلىنىدىغان يەتتە ئايەت ۋە كاتتا قۇرئاندۇر ». بۇسۈرە “ھەمدە سۈرىسى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئاتىلىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسى قۇددىسىدا بايان قىلغان لله تائالانىڭ بۇ سۆزىنىڭ سەۋەبىدىندۇر: «مەن (لله ئۆزىنى دېمەكچى) نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئارىلىقىدا ئىككىگە بۆلدۈم. ئەگەر بەندەم ﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ دېسە، مېنىڭ بەندەم ماڭا ھەمدە ئېيتتى دەيمەن .»

بۇ سۈرە نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن “ناماز” دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ سۈرە “رۇقىيە” (دەمىدە قىلماق) سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ مۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، (ئەبۇسەئىدنىڭ) رىۋايىتىدە ئېغىر يارىدار بولغان بىر ئادەم بۇ سۈرىنى ئوقۇپ ئۆزىگە دەمىدە

قىلىۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمدىن: «بۇ سۈرىنىڭ دەمىدە سۈرىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ » دەپ سورىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئىبنى ئابباس، قەتادە ۋە ئەبۇئالىيە قاتارلىقلار: «بۇ سۈرە مەككىدە » چۈشكەن، دېگەن. بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە چۈشكەنلىكىنىڭ دەلىلى لله تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر: ﴿نامازدا) تەكرارلىنىپ

تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى فاتىھە سۈرىسىنى) ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق. (بۇ ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدە چۈشكەن بولۇپ، نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەت فاتىھە

سۈرىسىنى كۆرسىتىدۇ- ت). [1]

بۇ سۈرىدىكى ئايەتلەرنىڭ سانى تەھرىرلەش

بۇ سۈرە ھېچ قانداق ئىختىلاپسىز يەتتە ئايەتتۇر. كۇفىلىق قۇرئانشۇناس ئالىملارنىڭ بەزىسى، بىر تۈركۈم ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە خەلەپ))) ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىسى ﴿بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ﴾ نى «بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىكى بىر ئايەتتۇر» دەيدۇ.[2]

تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

https://wikisource.org/wiki/سۇرە_ڧاتىھە

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
سۇرە مۇددەسىر
  سۇرە فاتىھەنىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
سۇرە مەسەد
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31

32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 4546 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61
62 ·
63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 · 78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88 · 89 · 90 · 91
92 ·
93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114

  1. تەڧسىرى ئىبنى كەسىر (ئۇيغۇرچە) 1. توم 51- 52- بەت
  2. تەڧسىرى ئىبنى كەسىر (ئۇيغۇرچە) 1. توم 52- بەت